قان ئازلىقنى يېمەك- ئىچمەك ئارقىلىق قانداق تەڭشەش كېرەك
20:52:53 2023-02-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 قان ئازلىق ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان يوقىتىش، ھەزىم ئەزالىرىنىڭ خىزمىتى ياخشى بولماسلىق، قان ئىشلىگۈچى ئەزالارنىڭ خىزمىتى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان، كىلىنىكىدا تېرىلەر قۇرغاقلىشىش، تېرە شىللىق پەردىلىرى تاتىرىش، تىرناقنىڭ رەڭگى ئۆڭۈش، ئاسان چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، كېسەللىك تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ باش قېيىش، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسى قېچىش، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، كۆز قاراڭغۇلىشىش، قۇلاق قوغۇلداش، ئەقلىي قابىلىيىتى سۇسلىشىش، يۈرەك چالاڭغىراش، نەپەس تېزلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىك.

ئائىلىدە تۆۋەندىكى رېتسېپلار ئارقىلىق قان ئازلىقنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، سىناپ بېقىڭ!

 مۇرەككەپ مېۋە سۈيى ئىچىملىكى: بولو 200 گىرام، سەۋزە 400 گىرام، چېڭزى 100 گىرام، يېڭى كالا سۈتى 60 مىللىلىتىر تەييارلىنىدۇ، مېۋىلەرنىڭ ئۇرۇقى بىلەن پوستىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇششاق توغراپ، سەۋزىنى پاكىز يۇيۇپ توغراپ، مېۋىلەر بىلەن بىرلىكتە شەربەت سىققۇچتا سىقىپ شىرنىسىنى ئېلىپ، ئۈستىگە قاينىتىلغان سۈتنى قۇيۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، كۈندە تاماقتىن كېيىن ئىككى قېتىم 100 مىللىلىتىردىن ئېچىپ بەرسە بولىدۇ.

 تۇخۇم شورپىسى: پالەك 250 گىرام، تۇخۇم بىر دانە، تۇز ۋە ماي مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىنىدۇ، پالەكنى 1500 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ، تۇخۇمنى چېقىپ پىشۇرۇپ، تۇز ۋە ماينى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، كۈندە بىر قېتىم ئېچىپ بەرسە بولىدۇ.

 سۆڭەك شورپىسى: قوي سۆڭىكى 250 گىرام، ئالقات، قارا لوبىيا 30 گىرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىنىدۇ. خۇرۇچلارنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، تۇز بىلەن تەمىنى تەڭشەپ تەييارلاپ، نان بىلەن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

 دورىلىق تۇخۇم: ئالقات 30 گىرام، چىلان 25 گىرام، تۇخۇم بىر دانە تەييارلىنىدۇ. خۇرۇچلارنى بىر لىتىر سۇدا پىشۇرۇپ، ئاندىن تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سويۇۋېتىپ قايتا پىشۇرۇپ، كۈندە بىر ۋاخ ئېچىپ بەرسە بولىدۇ.

 قان تولۇقلاش ئىچىملىكى: پالەك 150 گىرام، ئالما 200 گىرام، كالا سۈتى 300 گىرام تەييارلىنىدۇ. ئالمىنى پاكىز يۇيۇپ، شۆپۈكى بىلەن ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ سوقۇپ، پالەكنى ئۇششاق توغراپ، داكىدا سىقىپ سۈيىنى تەييارلاپ، ئۈچ خىل خۇرۇچنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە بىر قېتىم تاماقتىن كېيىن ، بىر پىيالىدىن ئېچىپ بەرسە بولىدۇ. 

 مۇرەككەپ قارا پۇرچاق شورپىسى: قارا پۇرچاق 120 گىرام، قارا گۆش 200 گىرام، تۇخۇم بىر دانە، زەنجىۋىل، تۇز، سۇڭپىياز مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىنىدۇ. گۆشنى پاكىز يۇيۇپ، نېپىز توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، ئاندىن ئۈستىگە قارا پۇرچاق ۋە تۇخۇمنى سېلىپ پىشۇرۇپ، زەنجىۋىل، تۇز، سۇڭپىياز قاتارلىقلارنى سېلىپ يەنە بىر قېتىم قاينىتىۋېتىپ، تەمىنى تەڭشەپ شورپا تەييارلاپ، نان بىلەن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 

 قان تولۇقلاش شورپىسى: پاقلان گۆشى 250 گىرام، نوقۇت 60 گىرام، ئالقات 30 گىرام، تۇز، سۇڭپىياز، قارىمۇچ قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن بەلگىلىك مىقداردا تەييارلىنىدۇ. نوقۇتنى قايناق سۇغا چىلاپ  پوستىنى ئېلىۋېتىپ، ئالقاتنى 100 گىرام قايناق سۇغا چىلاپ تاتلىقىنى ئېلىپ، گۆشنى پارچىلاپ، مۇۋاپىق سۇدا توغرالغان سۇڭپىياز بىلەن بىرگە قاينىتىپ، ئۈستىگە نوقۇت ۋە ئالقات سۈيىنى قوشۇپ، نوقۇت يۇمشاق پىشقاندا قارىمۇچنى ئۈستىگە سېلىپ شورپا تەييارلاپ، ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماق ئورنىدا نان بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.

 توشقان گۆشى شورپىسى: توشقان گۆشى 200 گىرام، نوقۇت 120 گىرام، زەنجىۋىل بەش گىرام، دارچىن يەتتە گىرام، كاۋاۋىچىن ئۈچ گىرام، تۇز ئاز مىقداردا تەييارلىنىدۇ. توشقان گۆشىنى پارچىلاپ، نوقۇتنى ئىسسىق سۇغا ئىككى سائەت ئەتراپىدا چىلاپ تۇرغۇزۇپ، زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغراپ، دارچىن بىلەن كاۋاۋىچىننى داكىغا چىگىپ، بۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ نوقۇت چىلانغان سۇدا 45 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ شورپا تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم چۈشلۈك تاماقتا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. 

 توخۇ گۆشى شورپىسى: توخۇ گۆشى 300  گىرام، تۇخۇم بىر دانە، نوقۇت 150 گىرام، زەنجىۋىل، چىلان، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىنىدۇ. زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغراپ، چىلاننىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، پارچىلانغان توخۇ گۆشى ۋە نوقۇتلار بىلەن بىللە قاينىتىپ پىشۇرۇپ، نوقۇت بىلەن توخۇ گۆشى يۇمشاق پىشقاندا ئۈستىگە خام تۇخۇمنى چىقىپ ئۆرلىتىپ، ئوتىنى ئۆچۈرۈپ شورپا تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم گۆشىنى يەپ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. 

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

 سۈرلەنگەن گۆش، چىلىغان سەي، لەڭپۇڭ، سېرىقئاش، قېتىق، قارىئۆرۈك، گازلىق سوغۇق ئىچىملىكلەر قاتارلىق تەس ھەزىم بولىدىغان ياكى زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك- ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125