توك چۆگۈندە قايناتقان سۇ سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟
16:56:35 2023-02-22 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

جۇڭگولۇقلار يىل بويى چاي ۋە قايناق سۇ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن، شۇڭا توك چۆگۈن ھەممە ئائىلىدە بار ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسى ھېسابلىنىدۇ. قايناق سۇ ياكى چاي ئىچمەكچى بولساق، توك چۆگۈندە ئۈچ- تۆت مىنۇتتىلا تەييار قىلىمىز، تېز ھەم قولاي. ئەمما، خەلق ئىچىدە «توك چۆگۈننى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتسە، ئىچىدىكى مېتال ئېلېمېنتلىرى ئاجرىلىپ چىقىپ، نېرۋىنى زەھەرلەپلا قالماي، يەنە راك پەيدا قىلىدۇ»، «چۆگۈننىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى سۇ دۇغلىرى بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىدۇ» دېگەندەك مىش-مىش گەپلەر تارقالغان. ئۇنداقتا توك چۆگۈندە قاينىتىلغان سۇنى خاتىرجەم ئىچكىلى بولامدۇ؟

  1


  ئۇزاق مۇددەت توك چۆگۈندە سۇ قاينىتىپ ئىچسە بەدەنگە زىيان قىلامدۇ؟ راك پەيدا قىلامدۇ؟

بىرىنچى ئىغۋا: توك چۆگۈن داتلاشماس پولات ماتېرىيالدىن ياسالغان، تەركىبىدە مانگان ئېلېمېنتى بار، سۇ قاينىتىش جەريانىدا مانگان ئېلېمېنتى ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بۇ سۇنى ئۇزاق مۇددەت ئىچكەندە بەدەندىكى مانگان ئېلېمېنتى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ نېرۋىنى زەخىملەندۈرىدۇ، ھەتتا راك پەيدا قىلىدۇ!

توك چۆگۈن ماتېرىيالىدا ھەقىقەتەن مانگان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ زىچ قۇرۇلما ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدا سۇ قايناتقاندا ئاسانلىقچە ئاجرىلىپ چىقمايدۇ.

ئۇدا 1000 سائەتتىن ئارتۇق قايناتسىمۇ، ئاجرىلىپ چىقىدىغان مانگان ئېلېمېنتى ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ، ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرىنى ئاساسەن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ.

يەنى، سېتىۋالغىنىمىز لاياقەتلىك مەھسۇلات بولسىلا بىخەتەر ھېسابلىنىدۇ، زەھەرلەش، راك پەيدا قىلىش خەتىرى بولمايدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى توك چۆگۈن سېتىۋالايلى، چوقۇم لاياقەتلىكىنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك. سېتىۋالغاندا ماتېرىيال سۈپىتى ۋە چوڭ- كىچىكلىكى قاتارلىق ئامىللارنى ئۆز ئەھۋالىمىز ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئويلاشساق بولىدۇ:

1) ئەگەر داتلاشماس پولات چۆگۈن سېتىۋالماقچى بولساق، ئىمكانقەدەر 304 تىپلىق داتلاشماس پولات، 316 تىپلىق داتلاشماس پولات قاتارلىق يېمەكلىك دەرىجىلىك داتلاشماس پولاتلاردىن ياسالغانلىرىنى تاللىشىمىز ياكى «يېمەكلىككە بىۋاسىتە ئىشلىتىش» بەلگىسى ۋە خېتى بار توك چۆگۈنلەرنى تاللىشىمىز كېرەك.

2) ئەگەر ئەينەك چۆگۈن سېتىۋالماقچى بولساق، يۇقىرى بور- سىلىتسىيلىق ئەينەكتە ياسالغانلىرىنى تاللىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئىقتىدارى تۇراقلىق، ماتېرىيال سۈپىتى بىخەتەر بولۇپ، ئاسان سۇ دۇغى ھاسىل بولمايدۇ.

3) ئەگەر ساپالدا ياسالغان توك چۆگۈن سېتىۋالماقچى بولساق، ئەڭ ياخشىسى ئىچكى دىۋارىغا رەڭ بېرىلمىگەن، رەسىم سىزىلمىغانلىرىنى تاللاش كېرەك، رەڭ بېرىلگەن بولسا، ئېغىر مېتال خۇسۇسىيىتىگە ئىگە زەھەرلىك ئېلېمېنتلار ئاجرىلىپ چىقىشى مۇمكىن.

  2


 توك چۆگۈننى بىر مەزگىل ئىشلەتسە، ئۇنىڭدا سۇ دۇغى پەيدا بولۇپ قالىدۇ، سۇ دۇغى بار سۇنى ئىچكىلى بولامدۇ؟

ئىككىنچى ئىغۋا: توك چۆگۈننى ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەندە، ئاستى قىسمىدا بىر قەۋەت قېلىن سۇ دۇغى پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق سۇ دۇغى بار چۆگۈندە قايناتقان سۇنى ئۇزاق مۇددەت ئىچسە، بەدەندە تاش پەيدا بولۇش خەۋپى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ.

بۇ گەپ راستمۇ؟

1. سۇ دۇغى دېگەن نېمە؟

تۇرمۇشتا ئىچىدىغان تۇرۇبا سۈيىدە بەلگىلىك مىقداردا كالتسىي ئىيونى، ماگنىي ئىيونى بولىدۇ، سۇ قاينىغاندا بۇ ماددىلاردا خىمىيەلىك رېئاكسىيە يۈزبېرىپ، كالتسىي كاربونات، ماگنىي كاربونات قاتارلىق سۇدا ئاسان ئېرىمەيدىغان ماددىلار ئاجرىلىپ چىقىدۇ ۋە چۆگۈننىڭ تېگىگە يېپىشىپ بىز دەۋاتقان سۇ دۇغى پەيدا بولىدۇ.

سۇ دۇغىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كاربونات تۈرىدىكى ماددىلار بولۇپ، بۇ ماددىلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن بىر قىسمى پارچىلىنىپ كېتىدۇ، پارچىلانمىغان قىسمى گەندە بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ، سالامەتلىككە تەھدىت سالمايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىزنىڭ «ئىچىملىك سۇ تازىلىقى ئۆلچىمى»دىمۇ تۇرۇبا سۈيىنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسىگە ئېنىق تەلەپ قويۇلغان، لاياقەتلىك تۇرۇبا سۈيى ئىچىش سالامەتلىككە تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ. ئەكسىچە سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە كالتسىي ئوكسالات، ئۇرىيە كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەندە تاش شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2. سۇ دۇغلىرىنى تازىلايدىغان ئەپچىل چارىلەر

سۇ دۇغى سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزمىسىمۇ، لېكىن چۆگۈننىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇ دۇغى بار چۆگۈندىكى سۇنى ئىچكەندە ئادەمدە روھىي جەھەتتە بىئاراملىق پەيدا بولىدۇ، شۇڭا سۇ دۇغلىرىنى قەرەللىك تازىلاپ تۇرغان ياخشى:

1) بىرىنچى خىل ئۇسۇل: پاكىز سۇغا يېرىم قوشۇق سودا قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن پاكىز دەسمالنى ئۇنىڭغا چىلاپ ئېلىپ، بۇ دەسمالدا سۇ دۇغى بار توك چۆگۈن دىۋارىنى سۈرتسەك سۇ دۇغلىرى ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.

2) ئىككىنچى خىل ئۇسۇل: لىموننى يالپاقلاپ توغراپ، توك چۆگۈنگە سېلىپ، ئۈستىگە سۈزۈك سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن بەش مىنۇت ئەتراپىدا تۇرغۇزسا، سۇ دۇغلىرى ئاسان چىقىپ كېتىدۇ.

 3


 توك چۆگۈندىكى سۇنى قايتا- قايتا قىزدۇرسا نىترىت كىسلاتا تۇزلىرى كۆپىيىپ كېتەمدۇ؟

ئۈچىنچى ئىغۋا: توردا توك چۆگۈندىكى سۇنى قايتا- قايتا قايناتسا نىترىت كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنداق سۇنى دائىم ئىچسە ئاسان زەھەرلىنىدۇ، دېگەن گەپ تارقالدى.

سۇدا نېمە ئۈچۈن نىترىت كىسلاتا تۇزى بولىدۇ؟

چۈنكى تۇرۇبا سۈيى تەركىبىدە نىترات كىسلاتا تۇزى بولىدۇ، سۇنى قايتا-قايتا قايناتقاندا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئوكسىگېن كەمچىل بولغانلىقتىن، بىر قىسىم نىتراتلار نىترىتقا ئايلىنىدۇ. لېكىن، قايناق سۇدىكى نىترىت مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.

مۇخبىر بۇ ھەقتە مۇنداق سىناق ئېلىپ باردى: تۇرۇبا سۈيىنى ئۆلچىگەندە نىترىت كىسلاتا تۇزىنىڭ مىقدارى تەخمىنەن 0.007mg/L چىقتى؛ بىر قېتىم قاينىغاندىن كېيىن نىترىت كىسلاتا تۇزىنىڭ مىقدارى 0.021mg/L چىقتى؛ 20 قېتىم قاينىغاندىن كېيىن، مىقدارى 0.038mg/L چىقتى.

ئېلىمىزدە تۇرمۇشتا ئىستېمال قىلىدىغان ئىچىملىك سۇدىكى نىترىت كىسلاتا تۇزىنىڭ مىقدارى 1mg/Lغا تەڭ ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بولۇشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن، شۇڭا نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ سۇنى خاتىرجەم ئىچىشكە بولىدۇ.

سۇ ئىچىش سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، توك چۆگۈندىكى سۇنى ئىچىشنىڭ بەدەنگە ھېچقانداق زىيىنى يوق، ئەمەلىيەتتە، كۆپچىلىك تۆۋەندىكى ئۈچ خىل سۇنى ئىچىشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ئىچمەسلىك كېرەك!

 4


 بۇ ئۈچ خىل سۇنى ھەرگىز ئىچمەڭ

1. قىزىق سۇ

قىزىق سۇ ئېغىز، قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنى ئاسان زەخىملەندۈرىدۇ. زىيادە قىزىق سۇ ۋە يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىش يولى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر فىزىكىلىق ئامىل دەپ قارىلىدۇ. خەلقئارا راك تەتقىقات ئورگىنى °65Cتىن يۇقىرى قىزىق ئىچىملىكنى 2A تۈرىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا قاتارىغا كىرگۈزگەن. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى تېمپېراتۇرىسى °40C ئەتراپىدا بولغان ئىلمان قايناق سۇ ئىچىش كېرەك.

2. خام سۇ

ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىنمىغان خام سۇدا خىلور گازى، باكتېرىيە، قۇرت تۇخۇمى، ئورگانىك ماددىلار بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇ سالامەتلىككە يوشۇرۇن تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، ئاسانلا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان- ئۈچەي ياللۇغى ۋە قىسمەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىدا يەتتە كۈندىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغان سۇ

ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىنىڭ بىرقانچە سۇ كىرگۈزۈش- سۇ چىقىرىش ئېغىزلىرى بولغاچقا، ئۇنى ئۈزۈل- كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىش قىيىن، ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىدىكى سۇنىڭ تەدرىجىي ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مىكروب پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى قەرەللىك يۇيۇپ تۇرۇش كېرەك.

ئىچىملىك سۇ ماشىنىسىدىكى سۇنىڭمۇ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بولىدۇ، ئادەتتە يەتتە كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125