ھەسەلنىڭ تۆۋەندىكىدەك رولى بار:
ھەسەل ئۆپكىنى ياخشىلاپ، يۆتەلنى توختىتىدۇ. بەلغەمنى بوشىتىپ، بەلغەمنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەسەل قەۋزىيەتكە پايدا قىلىدۇ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەسەل تەركىبىدە ھەر خىل ئېنزىم، ئاقسىل، تۈرلۈك مېنېرال ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىب مول بولۇپ، ھەسەلنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھەسەل نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
ھەسەل سۈيىنىڭ تەركىبىدە تىرىپتوفان، ۋىتامىن B قاتارلىق تەركىبلەر بار بولۇپ، كۈندە ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرگەندە، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.