قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش كېسىلى ۋە ئۇنى يېمەك- ئىچمەك بىلەن داۋالاش
11:47:41 2023-02-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش گۆشلۈك ھەم مايلىق تاماقلارنى دائىم كۆپ ئىستېمال قىلىش، ھەرىكەت قىلماسلىق، ئاخشىمى تاماق يەپلا ئۇخلاش، خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبلىرىدىن قاندىكى ماي پارچىلانماي، يېگەن ئوزۇقلۇقلار ئاسانلا مايغا ئۆزگىرىپ، قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا جىگەرنى ماي قاپلاش، زىيادە سېمىزلىك، قان تومۇرلار توسۇلۇپ، قان بېسىمى ئۆرلەش، يۈرەك چوڭىيىش قاتارلىق كېسەللىك ئاقىۋەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كىلىنىكىدا كۆپىنچە باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش، پۇت- قوللار ئۇيۇشۇش، زېھنى چېچىلىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قاندىكى ماينى تەكشۈرگەندە خولېستېرىن بىلەن گىلىتسېرىن مىقدارى ئىككىسى تەڭ ياكى بىرى يۇقىرى بولىدۇ. 

يېمەك- ئىچمەك بىلەن داۋالاش

 قان پىلازمىسىدىكى ياغ ماددىسى ئاساسلىقى يېمەكلىكتىن كېلىدۇ، يېمەك- ئىچمەكنى كونترول قىلىش ئارقىلىق قان پىلازمىسىدىكى خولېستېرىن سەۋىيەسىنى %5 ~ %10 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئورۇقلاشقا ياردىمى بولىدۇ. قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلىنى يېمەك- ئىچمەك ئارقىلىق داۋالاش يېمەك - ئىچمەكنى كونترول قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش بىلەن بىللە، قان پىلازمىسىدىكى LDL- خولېستېرىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت. يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسى قاندىكى ماي سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قان پىلازمىسىدىكى خولېستېرىن سەۋىيەسى يېمەك- ئىچمەكتىكى خولېستېرىننىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ، كۆپ مىقداردىكى تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنى ئىستېمال قىلىشمۇ خولېستېرىننىڭ بىرىكىشىنى ئاشۇرىدۇ. ئادەتتە، گۆش، تۇخۇم ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يېمەكلىكلەر (بولۇپمۇ تۇخۇم سېرىقى ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى) تەركىبىدىكى خولېستېرىن ۋە تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، چەكلىك مىقداردا ئىستېمال قىلىش كېرەك. يېمەكلىك مېيىدا ئۆسۈملۈك يېغىنى ئاساس قىلىش لازىم، ھەربىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىش مىقدارى 25 ~ 30 گىرام بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. جەمەت خاراكتېرلىك يۇقىرى β ياغ ئاقسىللىق قان كېسىلى بارلار يېمەكلىكتىن خولېستېرىن ۋە ياغ كىسلاتاسىنى قوبۇل قىلىشنى قاتتىق چەكلىشى كېرەك. 

 قارا بۇغداي ئېشى: قارا بۇغداي 100 گىرام، ياڭاق مېغىزى 50 گىرام، ليەنخۇابەي 20 گىرام، چىلان 15 دانە، قارا شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىنىدۇ. قارا بۇغداينى بىر كېچە سۇغا چىلاپ، ئاندىن ياڭاق مېغىزى بىلەن چىلاننى پاكىز تازىلاپ، سۇغا بىر سائەت چىلاپ، ليەنخۇابەي بىلەن يۇقىرىقى خۇرۇچلارنى ئاۋۋال كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ، ئاندىن سۇس ئوتتا ئېزىلگىچە قاينىتىپ، ئاخىرىدا قارا شېكەرنى سېلىپ ئاش تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئېچىپ بەرسە بولىدۇ.

 خاڭگا سالات: خاڭگا 200 گىرام، تۇز ئون گىرام، كۈنجۈت مېيى ئىككى گىرام، ئاچچىقسۇ 100 مىللىلىتىر تەييارلىنىدۇ. خاڭگانى پاكىز تازىلاپ، كىچىك توغراپ، تۇز بىلەن ئاچچىقسۇنى تەڭشەپ، ئۇنىڭغا خاڭگانى سېلىپ 30 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ، ئۈستىگە كۈنجۈت يېغىنى قوشۇپ تەييارلاپ، ناشتىدا نان بىلەن بىرگە يەپ بەرسە بولىدۇ.

 نوقۇت ئېشى: دولانا 30 گىرام، ئالقات 20 گىرام، نوقۇت 150 گىرام تەييارلىنىدۇ. دولانىنى ئېزىۋېتىپ، ئالقات بىلەن قوشۇپ، ئىككى كىلوگىرام ئىسسىق سۇغا ئىككى سائەت چىلاپ، ئاندىن سۇس ئوتتا 10~15 مىنۇت قاينىتىپ سۈزۈپ، سۈيىگە نوقۇتنى سېلىپ يۇمشاق پىشۇرۇپ، ھەر كۈنى ناشتىدا ئېچىپ بەرسە بولىدۇ.

 كاۋا شىيرە ئېشى: تەكىيە كاۋىسى 100 گىرام، گۈرۈچ 100 گىرام، تۇز ئاز مىقداردا تەييارلىنىدۇ. كاۋىنى ئاقلاپ، ئۇششاق توغراپ، يۇيۇلغان گۈرۈچ بىلەن قوشۇپ ئىككى كىلوگىرام سۇدا 30 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ تەييارلاپ، ناشتىلىق ۋە كەچلىك تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.

 سۈتلۈك ئۇماچ: قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كېيىن، 500 گىرام قوناق ئۇنىنى سېلىپ بىر تەرەپتىن ئارىلاشتۇرۇپ مونەك بولۇۋېلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ، پىشقاندىن كېيىن قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملىنىدۇ، ئاندىن ئالدىن قاينىتىلغان بىر لىتىر سۈتنى ئۈستىگە قۇيۇپ تەييارلاپ، كۈندە بىر ۋاخ يەپ بەرسە بولىدۇ.

 قوناق يارمىسى ئېشى: قوناق يارمىسى بىر كىلوگىرام، قوي گۆشى 300 گىرام، چامغۇر، كاۋا ھەربىرى 200 گىرامدىن، پىياز، شوخلا، تۇز، پالەك مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىنىدۇ. گۆش ۋە كۆكتاتلارنى ئۇششاق توغراپ، مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ ئوتىنى سۇسلىتىپ، يارمىنى ئاز- ئازدىن سېلىپ قاينىتىپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، 15 مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ئاساسىي تاماق ئورنىدا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

 ئەسكەرتىش:

 مايلىق گۆش، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، تۇخۇم سېرىقى، سېرىق ماي، قوي يېغى قاتارلىق ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىش لازىم. 

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125