ئاق ئاچچىقسۇنىڭ ئاجايىپ رولى
14:56:19 2023-02-28 ئونسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

  

 1. ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن كولانى ئارىلاشتۇرۇپ، ئەينەككە پۈركەپ سۈرتسەك، ئەينەك پاكىز ھەم پارقىراق بولىدۇ. 

 2. ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئارىلاشتۇرساق، ماي تازىلاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ. 

 3. ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن چىش پاستىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، جۈمەككە پۈركۈپ سۈرتسەك، پارقىراق ھەم يېڭى ھالەتكە كېلىدۇ.

 4. ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن سودانى ئارىلاشتۇرۇپ، فارفور خىشنىڭ يوچۇقلىرىغا پۈركىسەك، داغلارنى پاكىز چىقىرىدۇ.

 5. ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن ئاق ھاراقنى ئارىلاشتۇرۇپ، توڭلاتقۇنىڭ يۈزىنى سۈرتسەك، داغلارنى پاكىز چىقىرىدۇ. 

 6. سۇغا سودا، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە ئاق ئاچچىقسۇنى قۇيۇپ، ئاندىن كۆكتات يۇيىدىغان سېۋەتنى سېلىپ ئون مىنۇت قويۇپ، پاكىز لاتا بىلەن سۈرتىۋەتسەك، كۆكتات سېۋىتى يېڭى ھالەتكە كېلىدۇ.

 7. ئازراق چىش پاستىسىنى سىقىپ، ئاق ئاچچىقسۇ ۋە ئازراق سۇ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇ پۈركۈگۈچكە قۇيۇپ تۇۋاققا پۈركىسەك تۇۋاق پاكىز بولىدۇ. ئوچاق بېشىغا پۈركىسەك، جاھىل ماي داغلىرى چىقىپ كېتىدۇ .

 تەييارلىغۇچى: ئادىل ئابلەت

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125