يۆتەل ۋە ئۇنى ئائىلىدە يېمەك- ئىچمەك بىلەن داۋالاش
12:11:42 2023-03-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يۆتەل كىلىنىكىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى. يۆتەل نەپەس يولىدىكى يات ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدىغان قوغدىنىش خاراكتېرلىك رېفلېكسلىق ھەرىكەت بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئۆپكە، كاناي، كاناي شاخچىلىرى ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى، ئۆپكىگە سوغۇق ئۆتۈش، بەلغەم خىلىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، زۇكام قاتارلىقلاردا يۆتەل بىرگە كېلىدۇ.

 يۆتەلنى ئائىلىدە يېمەك- ئىچمەك بىلەن داۋالاش

 پۇرچاق شورپىسى: تۇخۇم بىر دانە، ئاق مور بەش گىرام، پۇرچاق قىيامى 500 گىرام، ئاق شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىنىدۇ. ئاۋۋال پۇرچاق قىيامى بىلەن ئاق مورنى، ئۇنىڭدىن كېيىن تۇخۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ، ئاخىرىدا شېكەرنى قوشۇپ، كۈندە 2-1 قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.

 دۇفۇ قورۇمىسى: ئۆسۈملۈك يېغى 50 گىرام، دۇفۇ 500 گىرام، ئاچچىقسۇ 500 مىللىلىتىر، سۇڭخۇا مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىنىدۇ. خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، ئۆسۈملۈك يېغى بىلەن قورۇپ، ئاچچىقسۇ بىلەن تەمىنى تەڭشەپ تەييارلاپ، كۈندە 3-2 قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىسسىق ئىچسە يۆتەلگە شىپا قىلىدۇ.

 يۆتەل ئىچىملىكى: سامساقگۈل، خاسىڭ مېغىزى ھەربىرىنى 20 گىرامدىن ئېلىپ، 300 مىللىلىتىر سودا قاينىتىپ، سۈيىگە 50 گىرام ناۋات سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.

 زەنجىۋىل تەملىك شىيرە ئاش: غولپىياز 20 گىرام، زەنجىۋىل ئون گىرامدىن، گۈرۈچ 70 گىرام، تۇز ئاز مىقداردا تەييارلىنىدۇ. غولپىياز بىلەن زەنجىۋىلنى ياپىلاق توغراپ، مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ، ئۈستىگە گۈرۈچنى سېلىپ، گۈرۈچ يۇمشاق پىشقاندا تۇز تەمىنى تەڭشەپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىسسىق ئىچىپ بەرسە يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.

 چامغۇر شورپىسى: چامغۇر 250 گىرام، شېكەر 100 گىرام تەييارلىنىدۇ. چامغۇرنى ئاقلاپ، پاكىز يۇيۇپ، توغرىغاندىن كېيىن مۇۋاپىق سودا ئېزىلگۈچە قاينىتىپ، شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر ئەتىگەن ۋە كەچلىكى    100- 50 گىرامغىچە ئىچىپ بەرسە يۆتەلگە شىپا قىلىدۇ.

 نوقۇت شورپىسى: كۈنجۈت 20 گىرام، ئۈزۈم مېغىزى ئون گىرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى ئون گىرام، نوقۇت 80 گىرام، شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىنىدۇ. چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، چالا سوقۇپ، مۇۋاپىق سۇدا قاينىتىپ تەمى ئېلىنىدۇ. سۈيىگە ئېزىلگەن كۈنجۈت، ئۆرۈك مېغىزى ۋە نوقۇتلارنى سېلىپ، سۇس ئوتتا 40 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، قارا شېكەر سېلىپ ئۇماچ تەييارلاپ، كۈندە 3-2 قېتىم ئېچىپ بەرسە يۆتەلگە شىپا بولىدۇ. 

 قوناق ئۇنى ئۇمىچى: ئۆرۈك مېغىزى 15 گىرام، قوناق يارمىسى 60 گىرام تەييارلىنىدۇ. ئۆرۈك مېغىزىنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ، قوناق ئۇنى يارمىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىسسىق سوغا ئىككى سائەت ئەتراپىدا چىلاپ تۇرغۇزۇپ، ئارقىدىن سۇس ئوتتا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، ئۇماچ تەييارلاپ، كۈندە ناشتىلىقىدا ئىچىپ بەرسە يۆتەلگە شىپا بولىدۇ.

 ئالدىنى ئېلىش:  

 مۇتلەق كۆپ قىسىم يۆتەلنى نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۆتەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى.

 1. چېنىقىشنى كۈچەيتىپ سىرتقا چىقىپ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ، ئورگانىزمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

 2. كىلىمات ئۆزگەرگەندە كىيىمنى ۋاقتىدا كۆپەيتىش ۋە ئازايتىش كېرەك.

 3. كىچىك بالىلارنى قىستاڭچىلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاز ئېلىپ بېرىش كېرەك. يۆتەل بولغان ئاغرىقلار بىلەن ئاز ئۇچرىشىپ، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 4. دائىم دېرىزىنى ئېچىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. 

 5. ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش ئوكۇلى ئۇرۇپ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۈزبېرىش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىش كېرەك. 

 6. دائىم ئاسان زۇكام بولىدىغان بالىلار ھەر كۈنى كەتىرا، چىلان قاتارلىقلارنى قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچسە، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زۇكامنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

 7. بالىلار ئادەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «يامان ئىللەت»كە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تاشقى تەسىردىن ساقلىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.  

 8. كىچىك بالىلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ تەرتىپلىك، يېمەك- ئىچمىكىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا، ئۇيقۇسىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 9. ئادەتتە نەشپۈت ۋە تۇرۇپنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش يۆتەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بار. 

 10. ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار ئۇزاق مۇددەت يۆتىلىپ قالسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك. كېسەللىك سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك.

 ئەسكەرتىش:

 كالا گۆشى، لازا، سۈرلەنگەن گۆش، تۇخۇم پوشكىلى، چىلىغان سەي، ھورنان، مانتا، سامسا قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك- ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125