كالا گۆشى قورۇمىسى قورۇش ئۇسۇلى
16:57:07 2023-03-01
ئونسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
كالا گۆشىنى نېپىز توغراپ، تۇز، قارىمۇچ، شېڭچوۋ، لاۋچوۋ، خاۋيوۋ، كىراخمال قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئاخىرىدا بىر قوشۇق يېمەكلىك مېيى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرىمىز، بۇنداق قىلغاندا كالا گۆشى ھەم يۇمشاق، ھەم تەملىك پىشىدۇ. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىغاندا غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، شياۋمىجياۋ سېلىپ تەم چىقىرىۋالغاندىن كېيىن كالا گۆشىنى سېلىپ كۈچلۈك ئوتتا %60 پىشقۇچە قورۇپ، تۇز، جىجىڭ، شياڭسەي سېلىپ، تېز سۈرئەتتە بىرنەچچە قېتىم قورۇپ ئالىمىز.
تەييارلىغۇچى: ئادىل ئابلەت
مەسئۇل مۇھەررىر:
祖丽菲娅·艾依提