زۇكامنى ئائىلىدە يېمەك- ئىچمەك بىلەن داۋالاش
15:27:16 2023-03-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 زۇكام سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش، خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى، يۇقۇملىنىش، ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش، خوراتقۇچى كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان، كىلىنىكىدا ئىسسىقتىن بولغان زۇكامدا گال، يۇتقۇنچاق قۇرۇپ كۆيۈشكەندەك ئاغرىش، كۆپ چۈشكۈرۈش، دىماق پۈتۈپ بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، بۇرنىدىن ئاققان سۇ دەسلەپتە سۈزۈك، كېيىن قويۇق سېرىق بولۇش، بۇرۇن چاناقلىرى قىزىرىش، ئاۋازى پۈتۈش، يەڭگىل دەرىجىدە قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان؛ سوغۇقتىن بولغان زۇكامدا باش ئېسىلىپ ئاغرىش، بۇرنىدىن كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق ئېقىش، تەم ۋە پۇراق سېزىمى تۆۋەنلەش، ئېغىر بولغاندا پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ، سوغۇقتا توڭۇپ تىترەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىك. 

زۇكامنى ئائىلىدە يېمەك- ئىچمەك بىلەن داۋالاش

 ئىسسىقتىن بولغان زۇكام شەربىتى: خام زەنجىۋىلدىن ئون گىرام، چېڭزى بىر دانە، ئاق شېكەر ئاز مىقداردا تەييارلىنىدۇ. خام زەنجىۋىلنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا ئون مىنۇت قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، چېڭزىنىڭ ئۇرۇقى بىلەن پوستىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ، قاينىتىلغان زەنجىۋىل سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ، شېكەر قوشۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە شىپا بولىدۇ.

 شوۋىگۈرۈچ: ئاچچىقسۇ ئون مىللىلىتىر، گۈرۈچ  50 گىرام، شياڭسەي 20 گىرام تەييارلىنىدۇ. ئالدى بىلەن شياڭسەي بىلەن زەنجىۋىلنى پاكىز يۇيۇپ يۇمشاق چاناپ، ئاندىن يۇيۇپ تازىلانغان گۈرۈچ بىلەن قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە 1000 مىللىلىتىر سۇ قۇيۇپ، گۈرۈچ پىشقۇچە قاينىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەييارلاپ، ئىسسىق پېتى ئىچىپ يۆگىنىپ تەرلىنىدۇ.

 زۇكام ئىچىملىكى: ھەسەل 100 گىرام، سىقىپ چىقىرىلغان لوبو سۈيى 100 مىللىلىتىر، خام زەنجىۋىل سۈيى ئون مىللىلىتىر تەييارلىنىدۇ. خۇرۇچلارنى ئۆزئارا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم 30 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

 كۆكتات شورپىسى: سېرىق پۇرچاق 50 گىرام، غولپىياز يىلتىزى 15 گىرام، بەسەي ئون گىرام، ئاق لوبو 20 گىرام تەييارلىنىدۇ. خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ توغراپ، 500 مىللىلىتىر سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سۈزۈپ تەييارلاپ، سۈيىنى ھەر قېتىملىق تاماقتىن كېيىن 50~30 مىللىلىتىر ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

 سوغۇقتىن بولغان زۇكام ئىچىملىكى: ھەسەل 100 گىرام، زەنجىۋىل 100 گىرام، سامساق 400 گىرام، لىمون 4-3 دانە، ئۈزۈم شىرنىسى 100 گىرام تەييارلىنىدۇ. سامساقنى بەش مىنۇت دۈملىگەندىن كېيىن يالپاقلاپ، لىموننىڭ پوستىنى سويۇپ يالپاقلاپ، خام زەنجىۋىلنى يالپاقلاپ، ئاندىن ئۈزۈم شىرنىسى بىلەن ھەسەلگە ئۈچ كۈن چىلاپ، سۈيىنى كۈندە 3-2 قېتىم 100~50 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

 غولپىياز ئىچىملىكى: غولپىياز 30 گىرام، زەنجىۋىل ئون گىرام، قارا شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا، غولپىياز بىلەن زەنجىۋىلنى پاكىز تازىلاپ پىشۇرۇپ سۈزۈپ، سۈيىگە قارا شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، ئەتىگەن- كەچتە ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.

 زۇكام دەملىمە چېيى: زەنجىۋىل 30 گىرام، قارا شېكەر 100 گىرام، چاي 30 گىرام تەييارلىنىدۇ. خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، ئېغىزىنى بەش مىنۇت يېپىپ دۈملەپ، تەمى ياخشى چىققاندا ئىسسىق پېتى ئىچىپ بېرىلىدۇ.

 تۇخۇم قايناتمىسى: نەشپۇت 120 گىرام، زەنجىۋىل، غولپىياز 15 گىرامدىن، تۇخۇم ئىككى دانە تەييارلىنىدۇ. خۇرۇچلارنى پاكىز تازىلاپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، توخۇمنى چېقىپ ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ، كۈندە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.

 چىلانما سەي: زەنجىۋىل، سامساق 100 گىرامدىن، ئاچچىقسۇ 500 مىللىلىتىر تەييارلىنىدۇ. خۇرۇچلارنى پاكىز يۇيۇپ، چوڭراق توغراپ، ئاچچىقسۇغا 30 كۈن چىلاپ تەييارلاپ، تەمى ياخشى چىققاندا سامساقنى ۋە ئاچچىقسۇنى تاماققا سېلىپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

 كاللا- پاقالچاق شورپىسى: بىر قوينىڭ كاللا- پاقالچىقى، يېڭى شياڭسەي 30 گىرام، سېرىق پۇرچاق 50 گىرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلىنىدۇ. كاللا- پاقالچاقنى پاكىز يۇيۇپ پارچىلاپ، ئوبدان پىشۇرغاندىن كېيىن، شياڭسەي بىلەن سېرىق پۇرچاقنى سېلىپ 15 مىنۇت قاينىتىپ، پۇرچاق يۇمشىغاندا ئۈستىگە تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم خالىغان ۋاقىتتا ئىسسىق ھالەتتە ئېچىپ تەرلىنىدۇ.

  ئەسكەرتىش: 

 تەس ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، تەبىئىتى زىيادە سوغۇق تەبىئەتلىك ياكى ئۆتكۈر ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك- ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. مەسىلەن، ئات گۆشى، تۆگە گۆشى، لازا، تۇخۇم پوشكىلى، زىيادە مايلىق قورۇمىلار، لەڭپۇڭ، سېرىقئاش، قېتىق، كاۋاپ، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125