ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30.81 مېتىر، ئېگىزلىكى 4.25 مېتىر. يېقىندا، شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن پىرىتسېپلىق بىر ئاپتوموبىل خەلق ساقچىلىرىنى چۆچۈتتى.
2- ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 12لەردە، نىيە ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى بىلەن نىيە ناھىيەلىك قاتناش ئىدارىسى بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىۋاتقاندا تەۋەلىكتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا قانۇنسىز ئۆزگەرتىلگەن ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن پىرىتسېپلىق بىر ئاپتوموبىلنى قولغا چۈشۈردى.
قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ نەق مەيداندا ئۆلچىشى ئارقىلىق بۇ پىرىتسېپلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ 29.85 مېتىر كېلىدىغانلىقى، بېسىلغان يۈك بىلەن قوشۇلۇپ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ 30.81 مېتىر بولغانلىقى بايقالغان، ئەمما، يول يۈرۈش كىنىشكىسىدە پىرىتسېپلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 16 مېتىر دەپ يېزىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، پىرىتسېپلىق ئاپتوموبىلدا يەنە ئىككى رەت قىلىپ تىزىلغان جەمئىي 18 كىچىك يۈك ئاپتوموبىلى بار ئىكەن. كىچىك يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چاقلىرىنىڭ ھەممىسى پىرىتسېپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالغان، بۇ، كەڭلىكى پەۋقۇلئاددە ئېشىپ كېتىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ھېسابلىنىدىكەن. پىرىتسېپلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى ئىككى رەت كىچىك يۈك ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئۇزۇنلۇقى پەۋقۇلئاددە ئېشىپ كېتىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ھېسابلىنىدىكەن. بېسىلغان يۈكنىڭ ئېگىزلىكى 4.25 مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، ئېگىزلىكى پەۋقۇلئاددە ئېشىپ كېتىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ھېسابلىنىدىكەن.
ئەڭ ئاخىرىدا، پىرىتسېپلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى پەۋقۇلئاددە ئېشىپ كېتىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا قارىتا، نىيە ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى شوپۇر جوۋ XXكە قانۇن بويىچە 200 يۈەن جەرىمانە قويۇپ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىدىن بىر نومۇر تارتتى. پىرىتسېپلىق ئاپتوموبىلنى قانۇنغا خىلاپ ئۆزگەرتىش قىلمىشىغا قارىتا، نىيە ناھىيەلىك قاتناش ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىسى 5000 يۈەن جەرىمانە قويدى ھەمدە ئاپتوموبىلدىكى ماللارنى باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ يۆتكەپ ئېلىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى، پىرىتسېپلىق ئاپتوموبىلنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان قىسىملىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار تۈگىتىلگەندىن كېيىن ئاندىن شوپۇرنىڭ ھەيدەپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تورداش: پويىزنىڭ بىر ۋاگونىمۇ بۇنىڭدەك ئۇزۇن ئەمەس!
كەڭلىكى پەۋقۇلئاددە ئېشىپ كەتكەن، ئۆلچەمدىن ئارتىپ كەتكەن ئاپتوموبىلنى ھەيدەش قانۇنغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، شوپۇرلار ۋە يولدا كېتىۋاتقان باشقا ئاپتوموبىللار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زور يوشۇرۇن بىخەتەرلىك خەۋپى ھېسابلىنىدۇ. شوپۇر ئۇستاملارنىڭ ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا چوقۇم رىئايە قىلىپ، بىخەتەر يولغا چىقىپ، ئۆيىگە ئامان- ئېسەن قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەنبە: شىنجاڭ قاتناش ساقچىسى