شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالماي ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ قانداق خەۋپى بارلىقىنى بىلەمسىز؟
18:03:02 2023-03-02 ئۈرۈمچى رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى

 1.شوپۇرلارنىڭ ساپا ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ

 شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالمىغان شوپۇرلار مۇنتىزىم قاتناش قائىدىسى تەربىيەسى ۋە ھەيدەش تەربىيەسى ئالمىغان، شوپۇرلارنى تەربىيەلەش مەكتىپىدە ئوقۇمىغان ۋە ئىمتىھاندىن ئۆتمىگەن، ئاساسىي ھەيدەش ماھارىتى ئۆلچەمگە يەتمىگەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تۇيۇقسىز ئەھۋالغا يولۇققاندا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.

 2.قاتناش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ

  شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالماي ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەرنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىمى كەمچىل بولۇپ، دائىم سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە قالايمىقان يول ئۆزگەرتىش قىلمىشلىرى كۆرۈلۈپ، باشقىلارنىڭ نورمال يول يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 3.ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇل بولالمايدۇ

 شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالماي ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى ئۆزى يالغۇز ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ماڭغاندا، ئۆزىنىڭ ھەيدەش تېخنىكىسىدا مەسىلە بولغاچقا، ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىقىپ، ئاقىۋەتتە ئائىلە تىراگېدىيەسىنى پەيدا قىلىدۇ.

 4.باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدۇ

 شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالماي ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئۆزىنى يارىلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىمۇ زەخىملەندۈرىدۇ، باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، نۇرغۇن قاتناش ھادىسىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالماي ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

 5.ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بۇزىدۇ 

 شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالماي ئاپتوموبىل ھەيدەش قانۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولۇپلا قالماي، يەنە قاتناش قائىدىسىگە ئېتىبارسىز قارىغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 6.قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە سەۋەبچى بولىدۇ 

 شوپۇرلارنىڭ قانۇنلۇق رەسمىيىتى ۋە كىنىشكىسى كەمچىل بولسا، ئېغىر ۋەقە كېلىپ چىقسا ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار تېخىمۇ ئاسان يۈز بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125