3- ئاينىڭ 3- كۈنى «مەملىكەتلىك قۇلاق ئاسراش كۈنى»، بۇ يىلقى باش تېما «قۇلاقنى ئىلمىي ئاسراش، ساغلاملىقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش». بالىلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن يېتىلىشى ئاستا بولۇش، تىل ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بالا ئاغرىقلار ئارىسىدا، يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ زەخىملىنىشتىن ساقلانغىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، چوڭ بولغاندا ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىشى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن
دۆلىتىمىزدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تاسقاپ تەكشۈرۈشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تۇغما ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغانلارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇش ۋاقتى ئالتە ئاي ئىچىگە سۈرۈلدى. لېكىن، يەنىلا نۇرغۇن بالا تۇغۇلغاندا ئاڭلاش ئىقتىدارى نورمال بولسىمۇ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئىرسىيەت ئامىلى، قۇلاق قىسمى يۇقۇملىنىش، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش، شاۋقۇن تەسىرى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ، بۇ «كېچىكىپ پەيدا بولىدىغان ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «كېچىكىپ پەيدا بولىدىغان ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش» بىرقەدەر كۈچلۈك يوشۇرۇنچانلىققا ئىگە، بولۇپمۇ گەپ قىلالمايدىغان بوۋاقلاردا ئاسان بايقالمايدۇ، بۇ كۆپ ھاللاردا بالىلارنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك داۋالىنىشى ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى بالىلار تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى نى شىن مۇنداق دېدى: بالىنىڭ پۈتكۈل تىلىنىڭ يېتىلىشى نىسبەتەن ئاستا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس بولغان بولىدۇ، بەزى ئاۋاز بار جايلاردا، بالىنىڭ ئىنكاسى ئاستا بولسا، يەنى بىز ئاۋاز چىقارغاندىن كېيىن، بالا چىققان ئاۋازنى ئاڭلىمىغان بولسا، بۇ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك. مەسىلەن، ئەگەر تېلېۋىزور كۆرگەندە، بالا بېشىنى ئاسانلا قىيسايتىۋالسا، بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى جەھەتتە ئالىغايلىق مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن، يەنە بىرگە بالىنىڭ بىر قۇلىقى ئاڭلىيالماسلىقىمۇ مۇمكىن، شۇڭا بالا بېشىنى قىيسايتىۋېلىپ تېلېۋىزور كۆرىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى بۇنىڭغا چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك، زۆرۈر بولسا بالىنى ھەرقايسى داۋالاش ئورگانلىرىغا ئاپىرىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان- ئۇچرىمىغانلىقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك.
زىيانغا ئۇچرىغان ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولۇش- بولماسلىق زىيانغا ئۇچراش تىپى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى، سىرتتىن زەخىملىنىش خاراكتېرلىك قۇلاق ناغرا پەردىسى تېشىلىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراشنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىنى ۋاقتىدا داۋالاش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؛ كۈچلۈك تەۋرەپ سىلكىنىش خاراكتېرلىك گاسلىق ياكى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن گاسلىقتا ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسى بىرقەدەر يېنىك بولسا ياكى ۋاقتىدا داۋالانسا، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن زەخىملىنىش ئېغىر بولسا ياكى ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويسا، پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
جۇڭخۇا تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى بالىلار تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى نى شىن مۇنداق دېدى: قۇلاق غوڭۇلداش ياكى قۇلاق پۈتۈپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئاڭلاش ئىقتىدارى ياخشى بولمىسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. 72 سائەت ئىچىدە، بىز قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، نېرۋىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، يۇقىرى بېسىملىق ئوكسىگېن بىلەن داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋالاشلارنى ئېلىپ بارىمىز، بۇ بالا ئاغرىقلارنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق.
(داۋامى بار)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)