«ئانار بۇلۇت ساغلاملىق ھەمراھى» سەھىپىسى ئېچىلدى
12:26:59 2023-03-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى نىجات نىياز

 «بۇلتۇر يۇقۇم مەزگىلىدە ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى بىزنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق تېببىي مۇتەخەسسىسلەر سۆزلىگەن ساغلاملىق لېكسىيەلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئائىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش، قانداق مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدا نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە قىلدى، بىز بۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلاندۇق»، «ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ تورداشلارنى داۋاملىق ساغلاملىققا ئائىت تېببىي ساۋاتلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز»... مانا بۇلار 2022- يىلى 11- ئايدا، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى «مۇتەخەسسىسلەر ئونمىڭلىغان ئائىلىگە كىرىش- تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى»دىن 18 قىسىم ئىشلەپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغاندىن كېيىنكى تورداشلار بەرگەن ئىنكاسلارنىڭ بىر قىسىمى.

 ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى 2022- يىلى 11- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ داۋالاش- قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە «مۇتەخەسسىسلەر ئونمىڭلىغان ئائىلىگە كىرىش- تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى» تېمىسىدا تېببىي مۇتەخەسسىسلەر سۆزلىگەن 18 سان سىنلىق لېكسىيەنى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنغاندىن كېيىن، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، نۇرغۇن تورداش لېكسىيەدە سۆزلەنگەن مەزمۇنلار بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلدى. گەرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش 2023- يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ «B تۈردىكى يۇقۇمنى A تۈر بويىچە باشقۇرۇش»تىن «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش»قا تەڭشەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ تورداش ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ لېكسىيەلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىپ، تورداشلارنى يېڭى، توغرا، ئىلمىي بولغان ساغلاملىق ساۋاتلىرى بىلەن داۋاملىق تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

 ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىكى مۇھەررىرلەر تورداشلارنىڭ ساغلاملىق ساۋاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان تېببىي خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا «ساغلاملىق ھەمراھى» سەھىپىسىنى تەسىس قىلىشنى، تورداشلار تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇقۇۋاتقان تۈرلۈك ساغلاملىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا تېببىي خادىملارنى زىيارەت قىلىپ، تورداشلارغا مەسلىھەت بېرىشنى لايىق تاپتى. ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىپ، سىنغا ئېلىش، كىرىشتۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن، بۈگۈن «ئانار بۇلۇت ساغلاملىق ھەمراھى» سەھىپىسىنىڭ تۇنجى سانى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125