بۇ كىشىلەر يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ!
18:13:07 2023-03-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دەم ئېلىش ۋاقتى كېلەي دەپ قالدى !

3- ئاينىڭ 8- كۈنى

«8- مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمى

ئاياللار يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

«مەملىكەت بويىچە بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى»نىڭ

3- ماددىسىدا 

ئاياللار بايرىمى (3- ئاينىڭ 8- كۈنى)

بىر قىسىم پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام، دەپ بەلگىلەنگەن

شۇڭا

ئاياللار بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش

«قانۇندا بەلگىلەنگەن يېرىم كۈنلۈك دەم ئېلىش كۈنى»گە تەۋە.

بۇ بايراملاردا بىر قىسىم پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

ئاياللار بايرىمىدىن باشقا

يەنە بۇ بايراملاردا قىسمەن پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ:

ياشلار بايرىمى (5- ئاينىڭ 4- كۈنى)

14 ياشتىن 28 ياشقىچە بولغان ياشلار

يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

بالىلار بايرىمى (6- ئاينىڭ 1- كۈنى)

14 ياشقا توشمىغان ئۆسمۈرلەر

بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقى خاتىرە كۈنى

(8- ئاينىڭ 1- كۈنى)

ھازىر ئارمىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

«مەملىكەت بويىچە بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى»غا

ئاساسلىنىپ

بىر قىسىم پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنى

ئەگەر شەنبە، يەكشەنبىگە توغرا كېلىپ قالسا

دەم ئېلىش تولۇقلىنىپ بېرىلمەيدۇ

بۇ يىل

ئاياللار بايرىمى، ياشلار بايرىمى، بالىلار بايرىمى

ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقى

خاتىرە كۈنى

ھەممىسى خىزمەت كۈنىگە توغرا كېلىدۇ


بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەنە قانداق دەم ئېلىش كۈنلىرى باردۇ؟

بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

☟☟☟

چىڭمىڭ بايرىمىدا بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

بۇ يىل چىڭمىڭ بايرىمى چارشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىدۇ

4- ئاينىڭ 5- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

جەمئىي بىر كۈن

دەم ئېلىش كۈنى تەڭشەلمەيدۇ

ئەمگەكچىلەر بايرىمى بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

بۇ يىل ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا

4- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

جەمئىي بەش كۈن

4- ئاينىڭ 23- كۈنى (يەكشەنبە)

5- ئاينىڭ 6- كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ

دۇەنۋۇ بايرىمىلىق ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

بۇ يىل دۇەنۋۇ بايرىمى

6- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

جەمئىي ئۈچ كۈن

6- ئاينىڭ 25- كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ

پايدىلانغان مەنبە: خەلق تورى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تور بېكىتى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125