ئەتىياز پەسلى رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ئەڭ كۆپ قوزغىلىدىغان مەزگىل، رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ئاغرىقلىرى يەنە ھەر خىل سۈمۈرۈشتىن بولغان زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسىنىڭ غىدىقلىشىغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ پەسىلدە، كۆپ قىسىم رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى ئاغرىقلىرى ناھايىتى بىئارام بولىدۇ، تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان ۋە تەكرار قوزغىلىدىغان بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، بۇرۇن قىچىشىش، چۈشكۈرۈش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش − ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.
بالىلاردا رېئاكسىيە خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىشى نۇرغۇن ئاتا- ئانىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، بالىلار بىئارام بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۇرۇن ياللۇغى بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلەمدۇ؟ بالىلاردىكى كۆرۈلۈش ئالامەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەخسۇس كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ئابدۇللا ئابدۇكېرىمنىڭ بۇ ھەقتە ئاتا-ئانىلارغا نېمىلەرنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)