ئانار بۇلۇت ساغلاملىق ھەمراھى| مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟
15:07:48 2023-03-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى ھازىر، مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ تارقىلىشى بىر قەدەر ئېغىر بولماقتا. ئۇنداقتا، مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

 بۇ ھەقتە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 7- دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ زورىخان ئەيسا مۇنداق تەكلىپ بەردى:

 يېقىندىن بۇيان، مەكتەپ ۋە يەسىلىلەردىكى بالىلارنىڭ تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى سەل گەۋدىلىك، دوختۇرخانىمىزدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بالىلارمۇ خېلىلا كۆپىيىپ قالدى. شۇڭا، مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بۇ جەرياندىكى بەزى ئىنچكە ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:

 بىرىنچىدىن، تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تارقىلىشچان زۇكام ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەرنى تەشۋىقات تاختىسى، تاختاي گېزىتى، رادىيو قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ياخشى، چۈشىنىشلىك، ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىش، بالىلاردا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ يۇقۇش يوللىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئاڭ يېتىلدۈرۈش كېرەك.

 ئىككىنچىدىن، تازىلىق ۋە دېزىنفېكسىيە خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلار، مەسىلەن، دەرسخانا، ئىشخانا، زال، كۇتۇپخانا، ئاشخانا، ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق جايلارنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، دەرسخانا، كارىدور قاتارلىق جايلارنى قەرەللىك دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئىشىك- دېرىزىلەرنى ئېچىپ پات- پات ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

 ئەلۋەتتە، تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بالىلارمۇ ئۆزىدە ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشى، مەسىلەن، چۈشكۈرگەندە، يۆتەلگەندە ئاغزىنى توسۇۋېلىشى، ماسكا تاقىۋېلىشى، قولىنى پات- پات يۇيۇپ تۇرۇشى، بولۇپمۇ چوڭ- كىچىك ھاجەتكە چىققاندىن كېيىن قولىنى پاكىز يۇيۇشى، ياخشى تازىلىق ئادىتىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىشى كېرەك. ئاتا- ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ ئىلمىي، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشى، يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسىنىڭ تەكشى، ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىشى، بالىلارنى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

 ئەگەر مەكتەپ، يەسلىلەردە تارقىلىشچان زۇكام ئەھۋالى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولسا، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بىرىنچى ۋاقىتتا دوكلات قىلىشى، يۇقۇملانغان بالىلارنى دەرھال تارقاقلاشتۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

3- ئاينىڭ 14- كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 7- دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ زورىخان ئەيسا كېسەل كۆرمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سالاتىن ساتتار فوتوسى

 ئۇنداقتا، بالىلارغا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى قايسى؟ ھازىرقى مەزگىلدە ۋاكسىنا ئەملىسىمۇ، بالىلاردىكى تارقىلىشىچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى بولامدۇ؟

 زورىخان ئەيسا مۇنداق دېدى: بالىلارغا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئادەتتە 9-  ، 10-  ئايلاردا ئەملىسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندىن كېيىن ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە بالىلاردا ئانتېتىلا شەكىللىنىدۇ ھەم ئالتە ئايدىن سەككىز ئايغىچە بەدەندە ساقلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن ۋاكسىنىنىڭ بەدەندىكى ئۈنۈمى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ھازىرقى تارقىلىشچان زۇكام يەنە بىر، ئىككى ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىشى مۇمكىن، شۇڭا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسىنى ھازىر ئەملىسەكمۇ كېچىكمەيمىز.

3-  ئاينىڭ 14-  كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 7-  دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلىرى زۇكام بولۇپ قالغان بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئىمىنجان داۋۇت فوتوسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125