نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە كەنتتە باقمىچىلىق كەسپىدىكى باشلامچىغا ئايلاندى
22:20:12 2023-03-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە كەنتتە باقمىچىلىق كەسپىدىكى باشلامچىغا ئايلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

 2- ئاينىڭ 19- كۈنى قاش قارايغاندا، خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى قوتىچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى توختىقۇربان ئابلىز كالا قوتىنىدىكى يەم- خەشەك يەۋاتقان كالىلارغا قاراپ، كۆڭلىدە: بۇ يىل ئون كالا باقتۇق، يىل بېشىدا ئون قوي سېتىپ، 5000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق، يەنە بىر مەزگىل ئۆتسە، يەنە بىر كالا قوتاندىن چىقىدۇ، دەپ ئويلىدى.

2- ئاينىڭ 19- كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى قوتىچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى توختىقۇربان ئابلىز كالىلارغا يەم بەرمەكتە. ئىختىيارىي مۇخبىر گۆھەرنىسا ئىمىن فوتوسى

 توختىقۇربان ئائىلىسى قوتىچى كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە بولۇپ، 2020- يىلى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن كالا، قوي بېقىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىغا ماڭغان. قوتان سېلىپ، سىيىردىن ئىككىنى، ساغلىقتىن ئوننى سېتىۋېلىپ، توختىقۇربان پۈتۈن زېھنىنى باقمىچىلىققا سەرپ قىلدى، ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ بېقىشى بىلەن قوتاندىكى كالا- قويلار ياخشى سەمرىدى، ئۇمۇ كەنتتە باقمىچىلىق كەسپىدىكى باشلامچىغا ئايلاندى.

 «يېرىم يولدا بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغان» توختىقۇرباننىڭ كالا- قوي بېقىشتا خېلى ئېپى بار. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇرت يوقىتىش ۋە يەم- خەشەك تەڭشەشنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇھىم، بولۇپمۇ كالىنى چوقۇم ياخشى بېقىش، قوتان ئايرىپ بېقىش كېرەك...» باقمىچىلىق ئۇسۇلى توغرىسىدا توختالغاندا، توختىقۇربان ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.

 2021- يىلىنىڭ بېشىدا، توختىقۇربان كۆپەيگەن ئون قويى، ئىككى كالىسىنى ساتتى، كالا- قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياخشى باھادا ساتالىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئائىلىسىدىكى سىيىرنى ئونغا كۆپەيتتى، بەش كالا بوغاز بولدى، ئۇ موزايلارنىڭ ساغلام تۇغۇلۇپ، كەلگۈسىدە ياخشى باھادا سېتىلىشىنى ئارزۇ قىلماقتا.

2- ئاينىڭ 19- كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى قوتىچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سەمەت مەتتۇرسۇن كالىلارنى سۇغۇرماقتا. ئىختىيارىي مۇخبىر گۆھەرنىسا ئىمىن فوتوسى

 بېيىغاندىن كېيىن توختىقۇربان باقمىچىلىق تەجرىبىسىنى يۇرتداشلىرىغا ئۆگىتىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، قوتىچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سەمەت مەتتۇرسۇن ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

 «توختىقۇرباننىڭ تەكلىپى بىلەن، مەن ئۈچ سىيىر سېتىۋالدىم، يېقىندا، مەن ئۇنى قوتاننى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇشقا ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلدىم.» سەمەت مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى، ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا.

 «مەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى توختىقۇربان.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125