ئانار بۇلۇت ساغلاملىق ھەمراھى| بالىلاردىكى سۇ چېچىكى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش
12:44:13 2023-03-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى


 سۇ چېچىكى بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، بالىلارغا سۇ چېچىكى چىقىپ قالسا، بەزى ئاتا- ئانىلار دەماللىققا گاڭگىراپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، سۇ چېچىكىنى توغرا تونۇش ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش زۆرۈر. سۇ چېچىكى قانداق بولىدۇ، ئۇنىڭ بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قانداق خەۋپ- خەتىرى بار؟ 

 مۇخبىر شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 7- دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ زورىخان ئەيسانى زىيارەت قىلغاندا، بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالدى. 

 زورىخان ئەيسا سۇ چېچىكى توغرىسىدا مۇنداق چۈشەنچە بەردى: سۇ چېچىكى بەلباغسىمان ۋىرۇسنىڭ بالىلارنى يۇقۇملاندۇرۇشىنى ئادەتتە سۇ چېچىكى دەپ ئاتايمىز. سۇ چېچىكى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنىڭ نەپەس يولىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، بەدىنىگە سۇ چېچىكى چىقىدۇ. سۇ چېچىكى بالىلارنىڭ نەپەس يولىغا ھۇجۇم قىلغاندىن باشقا، ئېغىر ئاقىۋەت بولغاندا بالىلاردا مېڭە سۇ چېچىكى ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، شۇنداقلا بالىلارنىڭ بۆرەك، جىگەر ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. شۇڭا ئاتا- ئانىلار بالىلاردىكى سۇ چېچىكىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

 سۇ چېچىكى ئادەتتە قايسى مەزگىللەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، بالىلارنىڭ سۇ چېچىكى بولغان- بولمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟

 زورىخان ئەيسا مۇنداق دېدى: سۇ چېچىكى ئادەتتە بىر يىلنىڭ ھەممىلا مەزگىلىدە كۆرۈلىدۇ، ئەمما قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە تارقىلىشچانلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ. ئادەتتە بالىلاردا سۇ چېچىكىنىڭ تۆۋەندىكىدەك كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى بولىدۇ: ئەگەر تىپىك سۇ چېچىكى بولسا، بالا ئاۋۋال قىزىيدۇ، قىزىغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى 39- 40 سېلسىيە گىرادۇسقا چىقىشىمۇ مۇمكىن، يەنە كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرىدىغان، ئىچى سۈرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپىنچە ئەھۋالدا بالىلارنىڭ بەدىنىگە سۇ چېچىكى چىقىدۇ. يەنى ئاۋۋال بەدەندە قىزىللىق پەيدا بولۇپ، ئاندىن قىزىل قاپارتمىلار چىقىدۇ، ئەڭ ئاۋۋال بالىنىڭ يۈزى بىلەن باش قىسمىدا، ئاندىن كۆكرەك قىسمىدا كۆرۈلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پۇت- قوللارغا چىقىدۇ، بۇ ئەھۋال ئادەتتە ئالتە سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. 12 سائەتتىن 24 سائەتكىچە بولغان ۋاقىتتا بالىلارنىڭ بەدىنىگە سۇلۇق ئىششىق چىقىپ، ئاخىرىدا يېرىلىدۇ، ئۈستىدە قاقاچ شەكىللىنىدۇ ھەم بىر- ئىككى كۈن شۇنداق ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ قاقاچنىڭ پۈتۈنلەي تۆكۈلۈپ چۈشۈپ كېتىشى ئۈچۈن بىر ھەپتىدىن ئىككى ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ بەدىنى قىچىشىپ بىئارام بولىدۇ، ئەمما تاتىلاشقا بولمايدۇ. ئەگەر تاتىلىسا، شۇ ئورۇندا تارتۇق، داغ ئىزى قالىدۇ. سۇ چېچىكىنىڭ كىلىنىكىدىكى مۇشۇ تۆت خىل تىپىك ئالاھىدىلىكى بالىلاردا ئاساسەن دېگۈدەك كۆرۈلىدۇ. ئاتا- ئانىلار بۇ ئالامەتلەرگە بىر قاراپلا ئۇنىڭ سۇ چېچىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلەيدۇ.

 ئۇنداقتا، سۇ چېچىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ قانداق ياخشى ئۇسۇللىرى بار؟  مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟

 زورىخان ئەيسا بۇ ھەقتە مۇنداق مەسلىھەت بەردى: بىرىنچىدىن، بالىلار ئامال بار سۇ چېچىكى ۋىرۇسى ئاسان تارقىلىدىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا بارماسلىقى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، قولىنى پاكىز يۇيۇشى، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى، مەكتەپ، يەسلىلەرمۇ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئاتا- ئانىلار بالىلارغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىتىشتە پەيتنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. ئادەتتە سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى بالىلارنىڭ ياش قۇرامىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئىككى قېتىم بويىچە ئەملىنىدۇ. بىر ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلارغا قارىتا، بىرىنچى قېتىملىقىنى بىر يېرىم ياش ۋاقتىدا، ئىككىنچى قېتىملىقىنى ئۈچ ياشتا ياكى تۆت ياشتىن بۇرۇن ئەملەتسە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. 12 ياشتىن يۇقىرى بالىلارغىمۇ ئىككى قېتىم بويىچە ئەملىتىلىدۇ، بىرىنچى قېتىمدا 13 ياش ۋاقتىدا ئەملەتكەن بولسا، ئىككىنچى قېتىملىقىنى بىرىنچى قېتىم ئەملىتىپ تۆت ھەپتىدىن سەككىز ھەپتىگىچە ئارىلىق قويۇپ ئەملەتسە بولىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىنكى ئىممۇنىتېت ئادەتتە بەدەندە ناھايىتى ئۇزاق مەزگىل تۇرىدۇ. شۇڭا، ۋاكسىنا ئەملىتىش سۇ چېچىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ قولاي، ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

سۈرەتتە: 3- ئاينىڭ 14- كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 7- دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ زورىخان ئەيسا كېسەل كۆرمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئىمىنجان داۋۇت فوتوسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125