​ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى چىڭخەي ئۆلكىسىگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى
19:49:29 2023-03-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، رايونلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭىۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي، چېن گاڭ، ۋۇ شياۋجۈن، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى

3- ئاينىڭ 21- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى . چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خىزمەت ھەمكارلىقى سۆھبەت يىغىنى شىنىڭ شەھىرىدە ئېچىلدى. چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋۇ شياۋجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئايرىم- ئايرىم ھالدا شىنجاڭ، چىڭخەيدىن ئىبارەت ئىككى جايغا ۋاكالىتەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، چىڭخەي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى چىڭخەي ئۆلكىسىگە بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە چىڭخەي خىزمىتى توغرىسىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ، چىڭخەيدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى، شىنىڭ شەھىرىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى . چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خىزمەت ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن گاڭ، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋۇ شياۋجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سېلىنما گۇرۇھى خۇاڭخې شىركىتىنىڭ شىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى شۆبە شىركىتىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، پەن- تېخنىكا تەتقىقاتى، كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ چىڭخەي ئۆلكىلىك ئېكولوگىيە −− مۇھىتنى ئۆلچەش- تەكشۈرۈش مەركىزىدە، چىڭخەينىڭ ئېكولوگىيە −− مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى ۋە ئۈچ دەريا مەنبەسى دۆلەت باغچىسى قۇرۇلۇشىغا دائىر تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ ئۆتتى؛ چىڭخەي كۆكشىل يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېگىزلىك خاس چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ بىلەن چىڭخەينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى، ئېكولوگىيە −− مۇھىتنى قوغداش، خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە يۇغۇرۇلۇش دەرىجىسى يۇقىرى، بىر- بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش شىنجاڭ، چىڭخەيدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ مەۋقەنى خاس ئەۋزەللىككە قويۇپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 سۆھبەت يىغىنىدا، ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ، چىڭخەينى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پىلان تۈزۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتى، چىڭخەي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە شىنجاڭ بىلەن چىڭخەينىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭ بىلەن چىڭخەينىڭ يېرى تۇتاش، مەنبەسى چوڭقۇر، ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى قويۇق، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا بىر- بىرىنى تولۇقلاپ ئورتاق يۇغۇرۇلغان. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىپ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ، چىڭخەيدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئەۋزەللىكلىرى گىرەلىشىپ، بىر- بىرىنى تولۇقلىشى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئالتۇن پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىشىمىز ۋە سىڭىشىشىمىز كېرەك. ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك يول بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. كەسىپ ۋە ئىقتىساد- سودىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ۋە ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، قول تۇتۇشۇپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ چوڭ بازارلىرىنى ئېچىشىمىز كېرەك. پەن- مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، غەربىي شىمال بىرلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، كەسىپلەرنىڭ ئورتاق يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ، چىڭخەيدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ كۆپ ساھەدىكى ھەر تەرەپلىمە ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

 چېن گاڭ چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ چىڭخەيگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان چىڭخەينى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، بولۇپمۇ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، بۇ، بىزگە نەمۇنە بولدى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چىڭخەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چىڭخەي خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ ئەڭ چوڭ» ئۆلكە ئەھۋالى ئورنى ۋە «ئۈچ تېخىمۇ مۇھىم» ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا ئاساسەن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش، كەسىپ بويىچە «تۆت جاي» قۇرۇشنى يول قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەي ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش خەرىتىسى قىلىپ، يېڭى مەنزىرىگە ئايلاندۇردى. شىنجاڭ بىلەن چىڭخەي چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلار، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئورتاق يۇغۇرۇلغان رايون ئەھۋالى ۋە ئۆلكە ئەھۋالىغا ئىگە، ئوخشاشلا پۈتۈن مەملىكەتتىكى بايلىق خەزىنىسى، ئېنېرگىيە مەنبەسى مول توپلاشقان جاي، ئۇزاقتىن بۇيان چىڭخەي، شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقى كەڭ ۋە چوڭقۇر بولدى، بىز بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېلىشىم مەزمۇنىنى بالدۇرراق ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىككى جاينىڭ ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

 يىغىندا، ۋۇ شياۋجۈن چىڭخەينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي ئايرىم- ئايرىم ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، چىڭخەي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى» ۋە «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، چىڭخەي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى.

 چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ ۋېيدۇڭ، سەي راڭتەي، ئورازبېك راسۇلخان، بەن گو، جۇ شياڭفېڭ، ليۇ تاۋ، لى خۇڭيا، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، ۋاڭ مىڭشەن، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، چېن مىڭگو، ۋاڭ گاڭ، ليۇ شىنجيەن، خا زېڭيوۋ، لى يۇڭخۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

  

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125