بېيجىڭ − موسكۋا، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان قول ئېلىشىش پەيتى
− يولداش شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى توغرىسىدا
خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، يۈ خۇڭجيەن
«تارىخ يولى نېۋا كوچىسىدىكى پىيادىلەر يولى ئەمەس، ئۇ پۈتۈنلەي دالىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، بەزىدە چاڭ- توزاندىن كېسىپ ئۆتىدۇ، بەزىدە پاتقاقتىن كېسىپ ئۆتىدۇ، بەزىدە سازلىقتىن كېسىپ ئۆتىدۇ، بەزىدە ئورمانلىقتىن ئۆتىدۇ.» 10 يىل ئىلگىرى دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە، رەئىس شى جىنپىڭ موسكۋادا نۇتۇق سۆزلىگەندە چېرنىشېۋىسكىنىڭ بۇ مەشھۇر سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەنىدى.
10 يىل ئۆتتى، يەنە بىر قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلاندى. چوڭ دۆلەت باشلىقى تۇنجى قېتىملىق زىيارەتكە چىقىشتا، چوڭقۇر، ئەتراپلىق ئويلاشقاندىن كېيىن قەتئىي ھالدا يەنە بىر قېتىم بۇ جاينى تاللىدى.
2023- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنى، قۇياش پارلاپ تۇرغان باھار كۈنىدىكى چۈشتىن كېيىن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانى موسكۋاغا قوندى.
موسكۋا دەرياسىنىڭ چوڭقۇر سۈيى تىنچ ئاقاتتى، تېۋىل چوڭ كوچىسىدا ئادەملەر ۋە ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، مەنزىرىسى بۇرۇنقىدەكلا گۈزەل ئىدى. 10 يىلدىن بۇيان دۇنيا ۋەزىيىتىدە تېپىلغۇسىز پۇرسەت كۆرۈلدى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ پەيتتە بېيجىڭ نېمە ئۈچۈن كەلدى؟ موسكۋا بىلەن يەنە بىر قېتىم قول ئېلىشىش دۇنياغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە دۇنيانى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟ دېگەنگە ئالاھىدە دىققىتىنى ئاغدۇردى.
موسكۋاغا يېتىپ بارغان شۇ كۈنى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا «رۇسىيە گېزىتى» ۋە «خەلق گېزىتى»دە ئېلان قىلىندى. رەئىس شى جىنپىڭ ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ 10 يىلدا رۇسىيەدە سەككىز قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى، «ھەر قېتىم خۇشال- خۇرام كېلىپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەت بىلەن قايتتىم». زۇڭتۇڭ پۇتىن 10 يىلدا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 40 قېتىم كۆرۈشكەنلىكى، سۆھبەتلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى، «دائىم ۋاقىت ۋە پۇرسەت تېپىپ تۈرلۈك رەسمىي سورۇنلاردا ياكى <گالىستۇك تاقىمىغان> بىرەسمىي شەكىلدە پىكىر ئالماشتۇردۇق.» تاغ- دېڭىزلاردىن ھالقىپ، بوران چىقىپ قارا بۇلۇتلار يوپۇرۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما باشتىن- ئاخىر مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى تاللاشتىكى قەتئىيلىك ۋە بوران- چاپقۇن ئالدىدا يەنىلا تەمكىن تۇرۇشتىكى ئىشەنچنى ئۆزگەرتەلمىدى:
«خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو- رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ».
دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى چوڭقۇر ئۆزگەرمەكتە. ئۆزگىرىش داۋامىدىكى چىڭ تۇرۇش ئۇيۇل تاشتەك ئىرادىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق، ئۆزگىرىش داۋامىدىكى تاللاش ماچتىدا تۇرۇپ نەزەر سالىدىغان يىراقنى كۆرەرلىكنى، شاھماتقا ماھىر كىشى ھامان شاھمات ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئىگىلەيدىغان ئەقىل- پاراسەتنى، ئېغىر يۈكنى بىمالال زىممىسىگە ئالىدىغان كۈچلۈك جاسارەتنى تېخىمۇ نامايان قىلىدۇ. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىمۇ بىر «تارىخ يولى»دا مېڭىۋاتىدۇ، خۇددى 10 يىل ئىلگىرى رەئىس شى جىنپىڭ تەسۋىرلىگەنگە ئوخشاش، ئۇ پۈتۈنلەي دالىدا ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، ھېچقانداق كۈچ ئالغا ئىلگىرىلەش چاقىنى توسۇپ قالالمايدۇ.
تۆت پەسىل تەرتىپ بىلەن ئالماشتى. چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، بىپايان زېمىندا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى.
دوستلۇق ئۈچۈن كەلدى
«ئاچقۇچ − دۆلەت بىلەن دۆلەت دوستانە ئۆتىدىغان توغرا يولنى تاپقانلىقىمىزدا»
3- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتە، بىر توپ كىشى بالدۇرلا موسكۋا ۋنۇكوۋو مەخسۇس ئايروپىلان ئايرودۇرۇمىدا ساقلاپ تۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشكەندە، ئەڭ ئالدىدا تۇرغان رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو- رۇسىيە زۇڭلىلىرى قەرەللىك ئۇچرىشىش كومىتېتىنىڭ رۇسىيە تەرەپ رەئىسى چېرنىشېنكو قىزغىنلىق بىلەن ئالدىغا بېرىپ كۈتۈۋالدى:
«زۇڭتۇڭ پۇتىن سىز بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتايىن تەقەززا بولۇۋاتىدۇ. رۇسىيە خەلقىمۇ <يىراقتىن دوستى كەلگەچكە>، <خۇشاللىققا چۆمدى>. ھەتتا بۈگۈنكى ھاۋامۇ سىزنىڭ كەلگەنلىكىڭىزدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ ئېچىلىپ كەتتى».
رەئىس شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئارزۇ قىلغان زىيارەتنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۈگۈن ھاۋا ھەقىقەتەن ياخشى، مېنىڭ كەيپىياتىممۇ ناھايىتى يۇقىرى».
10 يىل تارىختىكى بىر دەقىقە، ھالبۇكى، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاچقۇچلۇق بىر مۇساپە. «بىزنىڭ قەدىناس دوستىمىز، ياخشى دوستىمىز»، قىزغىن رۇسىيە خەلقى دوستانە قوشنا دۆلەتتىن كەلگەن رەئىس شى جىنپىڭنى ھەمىشە مۇشۇنداق سەمىمىي ئاتايدۇ.
باشلىقلار دىپلوماتىيەسى دۆلەتلەر ئارا ئالاقىنىڭ مول تارىخ سەھىپىسىدە ئەڭ ھەيۋەتلىك سەھىپە ھېسابلىنىدۇ.
موسكۋاغا يېتىپ بېرىپ ئۇزاق ئۆتمەي، سەپەر ھاردۇقىغا قارىماي، رەئىس شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئۇچرىشىشقا باردى. شەپەق نۇرىدا كىرېمىل سارىيى جۇلالىنىپ تۇراتتى، كىرېمىل سارىيىنىڭ سىلىڭى ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان جايدا كۈتۈۋالدى. يۇقىرى ئۆلچەمدە ھۆرمەت بىلدۈرۈش رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەگە زىيارەتكە كەلگەندە ئۆتكۈزۈلىدىغان رەسىم- قائىدە. ھالبۇكى، كىشىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغىنى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھەر قېتىم كۆرۈشكەندىكى چوڭقۇر سۆھبەت ئىدى.
بۇ قېتىم، زۇڭتۇڭ پۇتىن كۈلۈمسىرىگىنىچە كۈتۈۋالدى، رەئىس شى جىنپىڭ مەزمۇت قەدەم تاشلاپ يېتىپ كەلدى. ئىككى تەرەپ قولىنى ئۇزىتىپ، مەھكەم قول ئېلىشتى.
«قەدىرلىك دوستۇم» «بەزى ئىشلارنى دوستلارغا خاس دوستانە كەيپىياتتا مۇزاكىرە قىلغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.» سەمىمىي ھەم چوڭقۇر سۆھبەت ئاستا- ئاستا قانات يايدۇرۇلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىر- بىرىنى ئاتىشى بۇ پەيتتىكى ئىنتايىن قىممەتلىك كۆرۈنۈش ئىدى.
ئۆتكەن كۈنلەرگە نەزەر سالايلى. 2010- يىلى 3- ئايدىكى ئىككىيلەننىڭ تۇنجى قېتىملىق ئالاقىسى زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ بۈگۈنكىچە ھېلىھەم ئېسىدە. ئەينى چاغدىكى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەگە كېلىپ زىيارەتتە بولغاندا، تەسىرى چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقارغانىدى: «جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مەڭگۈ دوست».
«مەڭگۈ»، قوشنا بولغان ئىككى چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ۋەدە تارىخنىڭ تاللىشى، دەۋرنىڭ چاقىرىقى ئىدى.
«جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشىدە چوڭقۇر تارىخىي لوگىكا بار.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىگە سانسىزلىغان تارىخىي تەپسىلات تىرەك بولدى: ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىدا زۇڭتۇڭ پۇتىننى كۈتۈۋالغانىدى، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن جۇڭگوغا ياردەمگە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئۈچۈن سېلىنغان بۇ ئىمارەتتە كۆرۈشكەن بولۇپ، «تارىخ بىلەن بولغان بىر باغلىنىش كۆپەيگەنىدى»؛ شۇنداقلا ئىلگىرى 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جۇڭگونىڭ جەڭ مەيدانىدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان رۇسىيەلىك پېشقەدەم جەڭچىلەرگە مېدال تارقىتىپ بەرگەن بولۇپ، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات بايرىقى ئاستىدا، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ بوران- چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەنىدى. ھازىر يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى.
ئايرىلغاندا يېرىم كېچە بولغانىدى، زۇڭتۇڭ پۇتىن رەئىس شى جىنپىڭنى ئاپتوموبىلغا چىقىدىغان جايغىچە ئۇزىتىپ، 2- كۈنى يەنە كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولدى.
3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى كۈنتەرتىپ زىچ، مول ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن، زۇڭلى مىشۇستىن بىلەن كۆرۈشتى. چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە كىرېمىل سارىيىغا بېرىپ، زۇڭتۇڭ پۇتىن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمى، كىچىك دائىرىلىك سۆھبەت، چوڭ دائىرىلىك سۆھبەت، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى، مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش ھەمدە قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىللە بولغان ۋاقتى ئالتە سائەتكە يەتتى.
جۇڭگولۇق دوستقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى قاتنىشىش ئىسىملىكىدىكى كىچىككىنە تەپسىلاتلاردىن بىلىۋالغىلى بولاتتى.
زۇڭلى مىشۇستىن يەتتە مۇئاۋىن زۇڭلىنى باشلاپ چۈشتىن بۇرۇنقى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق مۇھىم ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنى دېگۈدەك باشلاپ كېلىپ سىز بىلەن كۆرۈشتۈم، سىزنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن».
زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، رۇسىيە سىياسىي سەھنىسىدىكى نۇرغۇن مۇھىم ئەرباب بىر يەرگە جەم بولدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىزىل پاياندازنى بويلاپ ماڭغاندا، كامېرا ئەتراپتا تۇرغان رۇسىيە تەرەپنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلىرىنىمۇ خاتىرىلىدى. خەلقئارا مەسىلىلەرنى كۆزەتكۈچىلەر تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: نېمە ئۈچۈن رۇسىيە جۇڭگوغا نىسبەتەن تولۇپ تاشقان سەمىمىيىتىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ، كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە چوڭقۇر ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ.
چۈنكى بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، بىر- بىرىنى قوللايدۇ.
رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە بىر- بىرىنى قوللاپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىچكى ئىشقا ئارىلىشىشىنى ئورتاق توسۇشى كېرەك. زۇڭتۇڭ پۇتىن يەنە بىر قېتىم مۇنداق ئايدىڭلاشتۇردى: «رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ ھەققانىي مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ».
چۈنكى بىر- بىرىگە ئىشىنىدۇ، بىر- بىرىگە تىرەك بولىدۇ.
مەيلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىنى ئۇدا ئۆتىگەندە بولسۇن، ياكى يېقىندا يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندا بولسۇن، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىردەك بىرىنچى ۋاقىتتا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. كۆرۈشۈشتە رەئىس شى جىنپىڭ يۈزتۇرا رەھمەت ئېيتتى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: «رۇسىيە كېلەر يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، رۇسىيەنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى تېز ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، رۇسىيە خەلقى چوقۇم داۋاملىق سىزنى قەتئىي قوللايدۇ».
قاينام- تاشقىنلىق يىللارنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن باشلىنىپ، جاپالىق، شانلىق يىللاردا تاۋلاندى. دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ خۇددى قار- شىۋىرغاندىكى مەزمۇت قورام تاشقا ئوخشايدۇ، ئۇ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە ئوچۇق- ئاشكارا دىپلوماتىيە سالاپىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «ئۆزئارا بىر- بىرىنى دوستانە دۆلەت دەپ قاراش»تىن ئىجابىي ھەمراھى بولۇشقىچە، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھى بولۇشقىچە، يەنە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھى بولۇشقىچە، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئۈزلۈكسىز سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا، زۇڭتۇڭ پۇتىن ئىلگىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوشقان تۆھپىسى ۋە «ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقانلىقى»دىن ھاياجانلانغانىدى. بۇ قېتىم ئۇ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى ھەم داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ روناق تاپىدۇ.» «بۇ خىل مۇناسىۋەت سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ھەربىي سىياسىي ئىتتىپاقتىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، رەھبەرلىك قىلغۇچى ۋە ئەگەشكۈچىمۇ يوق».
بۇنداق مۇناسىۋەت دەل سەمىمىي ئالىيجاناب دوستلۇق. «ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتماسلىق پىرىنسىپى ئاساسىدا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش». جۇڭگو دىپلوماتىيەسى ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈردى.
2021- يىلى يازدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭگو- رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى بىردەك قارار قىلدى، بۇ، كەلگۈسىگە بولغان ھەقىقىي ئىشەنچ، دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇش. «مەيلى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يەنە قانچىلىك داۋان ئېشىش، قانچىلىك ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو- رۇسىيە ئىككى دۆلەت داۋاملىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ».
ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، رەئىس شى جىنپىڭ ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «تارىخ ۋە ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىشىدىكى ئاچقۇچ −− دۆلەت بىلەن دۆلەت دوستانە ئۆتىدىغان توغرا يولنى تاپقانلىقىمىزدا» «ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدۇق».
3- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىنكى ئىمزا قويۇش مۇراسىمى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قول ئېلىشىۋاتقان پەيت كامېرا ئارقىلىق خاتىرىلەندى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى ئىمزالىنىپ دۇنياغا كەلدى. باياناتتا جاراڭلىق ھالدا مۇنداق دېيىلدى: «رۇسىيە گۈللەنگەن، مۇقىم جۇڭگوغا موھتاج، جۇڭگو قۇدرەتلىك، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان رۇسىيەگە موھتاج».
ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇرۇش، بۇ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى يارىتىپ بېرىشتىكى ئورتاق مەسئۇلىيەتچانلىقى.
ھەمكارلىق ئۈچۈن كەلدى
«تەرەققىيات − گۈللىنىش يولىدىكى سەپەرداشلار»
بەزىلەر دۆلەت بىلەن دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۆۋرۈككە ئوخشىتىدۇ. شىددەتلىك ئېقىۋاتقان دەريادا كۆۋرۈك سېلىپ يول ياساشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولغان جۇڭگو- رۇسىيە ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ئىككى دۆلەتنىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، رايون ۋە خەلقئارا دائىرىدىكى چوڭقۇر تەسىرنى كۆزلىگەنلىكتە.
خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ سۆھبەتتە ئېيتقاندەك، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار، ئورتاق تىرىشىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن يۆنىلىشكە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
تارىخىي تاسادىپىيلىق مۇقەررەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 10 يىل ئىلگىرىكى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ موسكۋا خەلقئارا مۇناسىۋەت شۆيۈەنىدە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك «تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىدىيە ئارقىلىق ئۇزۇن مۇساپىگە يول باشلىغانىدى. بۇ قېتىم زۇڭتۇڭ پۇتىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. بۇ تەشەببۇس، ئىدىيەمۇ ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئىمزالىغان قوشما باياناتقا ئورتاق كىرگۈزۈلدى.
جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتىنى تەپسىلىي ئوقۇساق، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىنىڭ ئىگىلىگەن سالمىقى ناھايىتى زور. خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىنى بايان قىلغاندا بولسا، بايانات ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەنىڭ موللۇقى، مەيدان، تەشەببۇسنىڭ روشەنلىكى دۇنيادا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىنى مەدھىيەلەيدىغان سۆزلەر ھەممىلا يەردە ئۇچرايدۇ: «باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان <دېموكراتىيە> مەۋجۇت ئەمەس، ئىككى تەرەپ ئۆز دۆلىتىنىڭ قىممەت قارىشىنى باشقىلارغا تېڭىشقا قارشى تۇرىدۇ، ئىدېئولوگىيەنى پاسىل قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ»؛
ئادىل، دۇرۇس سادالار ھەممىلا يەردە ئۇچرايدۇ: «خەلقئارا تېررورىزم ۋە ئەسەبىيزمگە زەربە بېرىش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ھەمدە تېررورلۇق ۋە ئەسەبىي تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش، جۇغراپىيەلىك سىياسىي مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيمىز» «<يادرو ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ ھەم يادرو ئۇرۇشى قىلىشقا بولمايدۇ>غانلىقىنى تەكىتلەيمىز»...
كىلىمات ئۆزگىرىشى توغرىسىدا توختالدى: «ئىككى تەرەپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى باھانە قىلغان سودا توسۇقى قۇرۇش ۋە كىلىمات قارالمىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ»؛ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىلغا ئېلىندى: «ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇش سۇيىقەستىگە ئورتاق قارشى تۇرىمىز»... نۇرغۇن ساھەدە 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم رامكىسى ئىچىدە، جۇڭگو- رۇسىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بۇرۇنلا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدى. بۇ قېتىمقىسى ھەم قايتا تەكىتلەش، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىدىغان بىر قېتىملىق چوڭقۇر ھەمكارلىق.
جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئاۋازى ماسلىشىپ كۈچلۈك سادا شەكىللەندۈردى.
زىيارەت پەيتىدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە كېلىشىۋالغاندەكلا جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشىنى خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكنى قوغداشتىكى «مۇستەھكەم تۈۋرۈك» دەپ ئاتىدى. دۇنيادا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان پەيتتە، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ جۇڭگو- رۇسىيە لايىھەسى داغدام يولدا مېڭىپ، پۇختا يىراققا يۈرۈش قىلدى. «بىزنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىمىز دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى، نېمە قىلىشى كېرەكلىكى، قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.» زۇڭتۇڭ پۇتىن قارشى ئېلىش زىياپىتىدىكى سۆزىدە شۇنداق باھا بەردى.
يەنە ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا قاراپ باقايلى. ھەجىم مىقدارى چوڭ، نوپۇسى كۆپ، تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيلىكى مول بولۇپ، نۇرغۇن ئامىل گىرەلىشىپ بېيجىڭ بىلەن موسكۋانىڭ ئىقتىساد- سودا، ئېنېرگىيە، پەن- تېخنىكا، ئادىمىيەت ۋە يەرلىكنىڭ ئالاقىسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدىكى ھەمكارلىقىنىڭ بىردەك رايون ۋە دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن.
ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىسەك، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئىلگىرى بىرمەھەل تاشقى دۇنيا تەرىپىدىن «سىياسىي جەھەتتە قىزغىن، ئىقتىسادىي جەھەتتە سوغۇق» دەپ سۈپەتلەنگەن، ھەتتا بەزى مۇخبىرلار قانداق قىلغاندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغان. بۇمۇ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن چاغدا مۇھاكىمە قىلغان بىر مۇھىم سۆھبەت تېمىسى بولۇپ، خېلى بۇرۇنلا ئۇلار ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنى 200 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىنى كېڭىشىپ بېكىتكەنىدى.
بۇ قېتىم يەنە نەتىجە قەغىزىگە قاراپ باقايلى. جۇڭگو ئۇدا 13 يىل رۇسىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى دۆلىتى بولدى، ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى بۇلتۇر %30كە يېقىن ئاشتى. سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، كۆرۈشۈش مەزگىلىدە ئۇلار كۆپ قېتىم ئىككى ساننى تىلغا ئالدى: بىرى «2012- يىلى، جۇڭگو- رۇسىيە ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى 80 مىليارد دوللاردىن ئاشتى». يەنە بىرى، «2022- يىلىغا كەلگەندە 190 مىليارد دوللاردىن بۆسۈپ ئۆتتى». زۇڭتۇڭ پۇتىن 200 مىليارد دوللارلىق نىشان ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «2024- يىلى ئەمەس، بەلكى بۇ يىل ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇھىمى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپ سودىسىدا ئۆلچەملىك پۇل بىلەن راسچوت قىلىش ئۈلۈشى كۈنسېرى كۆپەيدى، بۇ، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».
3- ئاينىڭ 20- كۈنى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشىدە، ئورۇن ئالغاندىن كېيىن، سۆھبەت تېمىسى تەرەققىياتتىن باشلاندى. نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەن ئىككى ئۇلۇغ مىللەتنىڭ تەرەققىياتقا بولغان ئارزۇسى، گۈللىنىشكە بولغان تەقەززاسى ئۈزۈلمەس يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۇرغۇتتى.
زۇڭتۇڭ پۇتىن سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ، مەن سىلەرنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتىڭلارغا چوڭقۇر قايىل. جۇڭگو ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىقتىساد سىستېمىسى ۋە دۆلەت تۈزۈلمىسى بەرپا قىلدى، بۇ ھەممىگە ئايان. ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدىكى بۇ بىرنەچچە يىلدا، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو چوقۇم يەنىمۇ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ ھەم جەزمەن سىز ئورۇنلاشتۇرما قىلغان دۆلەت تەرەققىيات نىشانىنى تاماملايدۇ».
رەئىس شى جىنپىڭ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى، تەرىپلىگەنلىكىگە رەھمەت. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئورتاق كۈرەش نىشانىمىز بار، بىز ھەممىمىز ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىمىز. جۇڭگو كېيىنكى قەدەمدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىدۇ، بىز ھەمكارلىق ئارقىلىق نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرسەك بولىدۇ».
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات... جۇڭگونىڭ پۇرسىتى يەنە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلارغا چەكسىز پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.
رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىننى تەكلىپ قىلىش توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇنىڭ بۇ يىل 3- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش پەيتىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. زۇڭتۇڭ پۇتىن خۇشاللىق بىلەن تەكلىپنى قوبۇل قىلدى.
بىپايان ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا، قەدىمىي يىپەك يولى قايتىدىن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. چوڭ سىزمىدىن نەپىس سىزمىغىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى رۇسىيەنىڭ ياۋروپا- ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتى. زۇڭتۇڭ پۇتىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگوغا كېلىپ ئىككى نۆۋەتلىك باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانىدى: «مەن يەنە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مېھمانلارغا مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسلۇبىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم: ئۇلار تەكلىپ بېرىدۇ، بىراق قارشى تەرەپنى مەجبۇرلىمايدۇ».
«ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئادىل- ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش»، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى بۇ ئۈچ جۈملە سۆز بىلەن جۇڭگو- رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئىچكى لوگىكىسىغا باھا بەرگەنىدى.
بۇ سەپەر مول نەتىجىلىك بولدى.
ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلۈك موتورى. بايلىققا ئېھتىياجلىق جۇڭگو بازىرى، بازارغا ئېھتىياجلىق رۇسىيە بايلىقى، توختاۋسىز سوقۇۋاتقان ئېنېرگىيە تومۇرى خۇددى رىشتىگە ئوخشاش بىر- بىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدۇ.
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا، بىرلا ۋاقىتتا يەنە بىر بايانات: 2030- يىلىدىن بۇرۇنقى جۇڭگو- رۇسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ نۇقتىلىق يۆنىلىشى تەرەققىيات يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى قوشما باياناتنى ئىمزالىدى. توغرا يۆنىلىشتە كېڭەيتىلىپ، تىك يۆنىلىشتە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك ئارىسىدا ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «جۇڭگو- رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە بوشلۇقى ناھايىتى زور بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىككە، ئىشەنچلىكلىككە، مۇقىملىققا ئىگە».
ئورۇنلاشتۇرۇش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. زۇڭتۇڭ پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە- جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە كارخانا ساھەسى ئورتاق تونۇشنى قەتئىي كېچىكتۈرمەي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. زۇڭلى مىشۇستىن كۆرۈشۈشتە رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: «رۇسىيە- جۇڭگو زۇڭلىلىرىنىڭ قەرەللىك ئۇچرىشىش مېخانىزمى دۇنيادا بىرلا. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ».
سۆھبەتتە رەئىس شى جىنپىڭ بىر تەپسىلاتنى تىلغا ئالدى: «بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، بىزنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىمىز ئۆتكەنلىكى جايدا، نۇرغۇن رۇسىيە خەلق ئاممىسى ئۆزلۈكىدىن قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، مەن جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر خەلق رايى ئاساسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» زۇڭتۇڭ پۇتىن ئوخشاش ھېسسىياتتا بولدى. ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىغا ناھايىتى ئۈمىدۋار قاراپ، 2023 − 2022 يىللىق جۇڭگو- رۇسىيە تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلىنىڭ مول مەزمۇنلۇق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەينى يىلى رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيە سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان پەيتتە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەنىدى. زۇڭتۇڭ پۇتىن شۇ چاغدا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئەگەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلسە چوقۇم قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىلەشكەنىدى. ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندىن كېيىن، «قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇچرىشىشى» قەرەلىدە ئىشقا ئاشتى.
جۇڭگو- رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان مەنزىرىسىدە، بۇنداق ۋاقىت- بوشلۇقنىڭ ماسلىشىشى سان- ساناقسىز.
3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى كەچلىك زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ پۇتىن پىيانىنو ئۇستىسى ماتسۇيېفنى رەئىس شى جىنپىڭغا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان «ناخشىچى» ناملىق مۇزىكىدىن ئارىيە ئورۇنلاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. مېلودىيەسى ئىنتايىن يېقىملىق بولۇپ، ئەتراپ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىغا بولغان مەدھىيە ۋە تەلپۈنۈشكە تولغانىدى. مۇزىكا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ چاۋاك چېلىپ ماختىدى، تېخىمۇ كۆپ رۇسىيە سەنئەتكارلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئويۇن قويۇپ، ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكنىڭ ھەمكارلىقى ۋە سۆھبىتىنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالدى.
تىنچلىق ئۈچۈن كېلىش
«تىنچلىق تەرەپتە تۇرۇش، سۆھبەتلىشىش تەرەپتە تۇرۇش، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇش»
جۇڭگو تىنچلىق ئۈچۈن كەلدى.
ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئۇزاققا سوزۇلۇپ، كەسكىنلىشىپ، دۇنيانى تەشۋىشكە سالدى. مۇشۇنداق خەتەرلىك ۋە جىددىي پەيتتە، ھەرقايسى تەرەپلەر ئىزچىل تىنچلىق تەشەببۇسىغا ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان جۇڭگودىن زور ئۈمىد كۈتتى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلىرى باھا بېرىپ مۇنداق مۇلاھىزە قىلدى: بۇ قېتىمقى زىيارەت بۇ يىللىق جۇغراپىيەلىك سىياسىيدىكى تەسىرى ئەڭ چوڭ ئىش بولۇپ، جۇڭگونىڭ «تىنچلىق قۇرغۇچىسى» بولۇشتەك خەلقئارا ئوبرازىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈردى.
جۇڭگونىڭ پوزىتسىيەسى باشتىن- ئاخىر ئىزچىل بولدى.
بۇلتۇر ئەتىيازدا، توقۇنۇش يۈزبېرىپ ئىككىنچى كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشقاندا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى قوللايدۇ.
بىر يىلدىن بۇيان، چەت ئەللەرنىڭ نۇرغۇن سىياسىي ساھەدىكى ئەربابلىرى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، كۆرۈشكەندە بۇ ئىشنى تىلغا ئالدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىلغان سۆزى باشتىن- ئاخىر ئوخشاش بولدى. «جۇڭگو تەرەپ باشتىن- ئاخىر ئىشنىڭ ھەق- ناھەق، توغرا- خاتالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، پائال ياراشتۇرۇپ، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ».
قەيەردە داۋلى بولسا، جاھاندىكى كىشىلەر شۇياققا تەلپۈنىدۇ.
موسكۋاغا بېرىشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدە كۆز قارىشىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق، ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، باراۋەر، ئىدراكىي، ئەمەلىي سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرغاندىلا، چوقۇم ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يولىنى تېپىپ چىقالايدۇ، دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارلاق يولىنى تېپىپ چىقالايدۇ».
چوڭ دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيەتچانلىقى بولىدۇ. 5000 يىلدىن ئارتۇق شانلىق مەدەنىيلىككە ئىگە، 100 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن چوڭ دۆلەت ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ ئېجىل- ئىناقلىقىنى كۆزلەشكە ئىرادە باغلىغاندا، بۇ چوقۇم بىر مەيدان قالتىس مۇساپە بولىدۇ.
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. پۇرسەت ۋە ۋەزىيەتكە نەزەر سېلىپ، ھەققانىيەت ۋە مېھىر- مۇھەببەتنى ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە، تىنچلىق، ئاقىلانىلىك توغرىسىدىكى ئاۋازلار ئۈزلۈكسىز توپلىنىۋاتىدۇ، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى قوللايدۇ، ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىشقا قارشى تۇرىدۇ.» «قىيىنچىلىق قانچە كۆپ بولغانسېرى، تىنچلىق ئۈچۈن شۇنچە بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك؛ زىددىيەت قانچە كەسكىن بولغانسېرى، سۆھبەتلىشىش تىرىشچانلىقىدىن شۇنچە ۋاز كەچمەسلىك كېرەك».
بۇ يىل 2- ئايدا، جۇڭگو «ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى جۇڭگو مەيدانى» ناملىق ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان «تۆت ئورتاق» «تۆت كېرەك» ۋە «ئۈچ نۇقتىلىق ئويلىنىش» يادرولۇق تەشەببۇسىنى قايتا تەكىتلەپ، كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئېرىشتى.
زۇڭتۇڭ پۇتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ ھۆججەت ئۈستىدە توختالدى، ئۇ رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: «بىز جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىغا ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىمىز، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغان ھۆججەتنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلدۇق، تىنچلىق سۆھبىتىگە ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتىمىز، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز».
«تىنچلىق سۆھبىتىگە ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتۇش» خەۋىرى ئېلان قىلىنىشى بىلەن ھەممە يەرگە تەسىر كۆرسەتتى. بەزىلەر ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كىرىزىستا بۇرۇلۇش ھاسىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى؛ بەزىلەر ئۈمىدسىزلىك بىلەن «ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن ئانچە چوڭ ئۈمىد كۈتمەيمىز» دەپ مۆلچەرلىدى؛ يەنە بەزىلەر مۇرەككەپ روھىي ھالەتتە دەۋر دولقۇنىنى توسۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، يەنىلا ئۆز بېشىمچىلىق قىلدى.
مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاددىي چارىسى يوق. ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرىدىغان جۇڭگو يېقىندىلا دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىشنى تاماملىدى. بۇ قېتىمقى سەپەردە، زۇڭتۇڭ پۇتىن نەچچە قېتىم رەئىس شى جىنپىڭغا سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىران بېيجىڭ سۆھبىتى ئۈستىدە توختالدى، ئىككى تەرەپ بېيجىڭنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن ئۇرۇش- ماجىرانى تىنچلىق، ئىناقلىققا ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلدى، زۇڭتۇڭ پۇتىن مۇنداق قارىدى: «بۇ، جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم ئورۇنغا ۋە ئىجابىي تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى».
ئادىل سۆزلەش، ئادىل ئىش قىلىش يولىدا جۇڭگو پۇختا ماڭىدۇ، دۇرۇس ماڭىدۇ. زۇڭتۇڭ پۇتىن قايتا- قايتا: رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ئىزچىل ئادىل، ئوبيېكتىپ، تەڭپۇڭ مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىقنى، ھەققانىيلىقنى ياقلىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، دەپ بىلدۈردى.
خەلقئارا سورۇنلاردا سۆزلىگەن كۆپلىگەن سۆزلىرىنى رەتلىگەندە، رەئىس شى جىنپىڭ «تىنچلىق» توغرىسىدا ئەڭ كۆپ توختالغان، ئەڭ ئېنىق توختالغان. «كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلماسلىق، بايلار نامراتلارنى ھاقارەتلىمەسلىك» «بارلىق قوشنا دۆلەتلەر دوستانە ئۆتۈش». مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ مۇساپىدە، تىنچ، مۇقىم بولغان تاشقى مۇھىتقا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق بولىمىز. ئۆزىگە تەلەپچان بولۇپ، دۇنيا خەۋپسىزلىكى، رايون خەۋپسىزلىكى، ئۆز خەۋپسىزلىكىنى قانداق قوغداش يەنە جۇڭگونىڭ ئىزدىنىشى.
زىيارەتتە بولغان ئىككىنچى كۈنى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىمزالىغان قوشما باياناتتا «ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدىكى جۇڭگو مەيدانى» دېگەن ھۆججەت يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىندى ھەم تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.
باياناتتا مۇنداق يېزىلدى: «رۇسىيە تەرەپ تىنچلىق سۆھبىتىنى تېزدىن قايتا باشلاشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى ئالقىشلايدۇ» «ئىككى تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرنى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىدىغان، ئۇرۇشنى ئۇزاققا سوزۇۋېتىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرنى توختىتىپ، كىرىزىسنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ھەتتا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ساقلىنىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ھوقۇق بەرمىگەن ھەرقانداق يەككە تەرەپلىمە جازا قوللىنىشقا قارشى تۇرىدۇ».
تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى، كونا ھېسابات ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا يەنە يېڭى ھېسابات قوشۇلغان دۇنيادا، بىز قايسى يولنى تاللىشىمىز كېرەك؟ ئۇرۇش قىلىشنى قوللاش كېرەكمۇ ياكى ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكمۇ؟ تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇش كېرەكمۇ ياكى قارشىلىشىشتىن ۋاز كەچكۈزۈش كېرەكمۇ؟ لاگىرلار قارشىلىشىشى بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەكمۇ ياكى تىنچلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەكمۇ؟ ئوخشاش بولمىغان تاللاش ئوخشاش بولمىغان نەزەر دائىرە ۋە كەڭ قورساقلىقنى نامايان قىلىدۇ.
بەزى تاراتقۇلار سېلىشتۇرغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۈنگە ئېرىشتى: بارلىق چوڭ دۆلەتلەر ئىچىدە جۇڭگو ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويغان بىردىنبىر دۆلەت. زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگو- رۇسىيە مۇخبىرلىرىغا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق پىلانىنى يۈكسەك ئالقىشلايمىز، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن مەزمۇننى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، كۆپ قىسىم مەزمۇننى كەلگۈسىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ».
ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قېتىملىق قوشما باياناتىغا نەزەر سالساق، تىنچلىق ئۆزگەرمەس مېلودىيە بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت ھەققىدىكى ھۆكۈم بار، «تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ھازىرقى خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى»؛ ئۇنىڭدا يول ھەققىدىكى ئايدىڭلاشتۇرۇش بار، «قارشىلاشماي سۆھبەتلىشىش، باشقىلارنى چەتكە قاقماي كەڭ قورساق بولۇش، ئىناق بىللە ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»؛ ئۇنىڭدا مېخانىزم ھەققىدىكى ئىزدىنىش بار، «باراۋەر ۋە ئايرىلماس خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىش»...
قۇرۇق خىيالغا بېرىلمەسلىك، قۇرۇق نام- ئاتاق قوغلاشماسلىق. ئادېن قولتۇقىدا، سۇرىيەدە، سومالىدا، جەنۇبىي سۇداندا جۇڭگو- رۇسىيەدىن كەلگەن تىنچلىق كۈچلىرى تىنچلىق، بىخەتەرلىككە تەشنا بولۇۋاتقان، ئانچە تىنچ بولمىغان دۇنيا ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇستەھكەم سېپىل بەرپا قىلماقتا. زۇڭتۇڭ پۇتىن كەچلىك زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە جۇڭگونىڭ «ئىككى ئادەم بىر نىيەتتە بولسا، ھەرقانداق ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ» دېگەن قەدىمكى سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى. جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى «ئىككى تەرەپلىك دائىرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىغان بولۇپ، دۇنيا ئەندىزىسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم».
تىنچلىق ئۈچۈن «كۆپنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈش» چاقىرىق قىلغۇچىنىڭ بولۇشى زۆرۈر، چاقىرىق قىلغۇچى بولۇشىغا، تەسىر كۈچكە ئىگە تەشەببۇس چىقارغۇچىنىڭ بولۇشىغا ئېھتىياجلىق. جۇڭگو «باشتىن- ئاخىر تىنچلىق تەرەپتە تۇردى، سۆھبەتلىشىش تەرەپتە تۇردى، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇردى»، ئۇ، تىنچلىقنىڭ مۇراجىئەت قىلغۇچىسى، تەشەببۇس قىلغۇچىسى بولۇپلا قالماي يەنە تىنچلىقتا چىڭ تۇرغۇچى، ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچى.
خەلقئارا جەمئىيەت گاڭگىراپ قالغان، تەشۋىشلىنىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئېنىق كۆزىتىپ، بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، جۇڭگو دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتكە ئىنتايىن قىممەتلىك مۇقىملىق قوشتى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى سەپەرگە «قالتىس ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، سىياسىي ئەقىل- پاراسەت ۋە شىجائەت بىلەن، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى» دەپ باھا بەردى.
ئورتاق ماڭغان داغدام يولدا گۈزەل مەنزىرىمۇ بار، بوران- چاپقۇنمۇ بار. دەريا تۇڭگۇەندىن چىققاندا، خۇاشەن تېغى توسۇپ تۇرغانلىقتىن سۇنىڭ كۈچى ئۇلغىيىپ تېخىمۇ ئۆركەشلەپ ئاقىدۇ؛ سەنشيادا شامال چىققاندا، ۋۇشەن تېغى ئايرىپ تۇرغانلىقتىن تېخىمۇ كۈچلۈك گۈركىرەيدۇ. جاپا- مۇشەققەت ۋە سىناقلار ئۇيۇلتاشتەك چىڭ داۋلى، شىددەتلىك دولقۇندەك ئومۇمىي ۋەزىيەتكە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، ئەكسىچە تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ قىممەتلىكلىكىنى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشتىكى قەتئىيلىكنى كۈچەيتىدۇ.
بېيجىڭدىن موسكۋاغىچە، باھار قەدىمى يېقىنلاشتى، يوللار گۈل- چېچەككە پۈركەندى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى)