ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
18:04:37 2023-03-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

 «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى» ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

 يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

 ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 3- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى» ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ سانلىق مەلۇمات ئاساسىي تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى باھالاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ 2- نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش ۋە «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى. بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلمىي، فۇنكسىيەنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئەلا، تۈزۈلمە- مېخانىزم جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل، يۈرۈشۈشنى باشقۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ نوپۇزى ۋە كەسكىنلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، نىشان- ۋەزىپىسى، ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىسلاھات ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، سىستېمىلىق پىلانلاپ، مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە ئېتىبار بېرىش، قائىدىگە رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، تۈرلۈك ئىنتىزام تەلىپىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سانلىق مەلۇمات ئاساسىي تۈزۈمى بەرپا قىلىپ، سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىلىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»گە ئاساسەن، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سانلىق مەلۇماتنى ئۆلچەمگە لايىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوبوروت قىلىپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىلىنىڭ شىنجاڭدا سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھازىر پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەر ۋە پەرقلەر، يېتەرسىزلىكلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى پۇختىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ كۈچەشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق پەرقنى تېپىپ، كۆزىتىش- ئۆلچەش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، باھالاش ئارقىلىق ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ماس، تەڭپۇڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى تۈرلۈك كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى يېتىلدۈرۈش، قۇرۇشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى تۈرلۈك چارە- ئاماللار بىلەن ياخشى بېجىرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ 2- نۆۋەتلىك مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار دوكلاتى مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، قىيىنىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمەي، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىلىرىنى كەم- كوتسىز تاماملاپ، ئەمەلىي تۈزىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش كېرەك.

يىغىندا «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونىدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ۋە بۇلغىنىشنى تۈزەشتىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار لايىھە مۇھاكىمە قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشتىكى مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىققەتنى ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى ئازايتىش ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇلغىمىنى دەل جايىدا تۈزەش، بۇلغىمىنى ئىلمىي تۈزەش، بۇلغىمىنى قانۇن بويىچە تۈزەشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئېنېرگىيەدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چوڭقۇر تۈزەش، قاتناش- تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ھەل قىلىپ، بۇ رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى ھاۋا مۇھىتىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125