ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى
18:28:08 2023-03-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 3- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، گوۋۇيۈەن 1- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدار، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا سىجىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشنىڭ پىكىر يولى، چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان سىياسەت- تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ ئەڭ زور چەكتە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش كېرەك. نېفىت- تەبىئىي گاز كەسپىدە زاپاسنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، نېفىت- تەبىئىي گازنى ئۆز جايىدا پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، «شىنجاڭ نېفىتىنى شىنجاڭدا ئايرىش»نى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى سىجىل يولغا قويۇپ، سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالنى سىجىل ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، نۇقتىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش، لايىقىدا پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي پىكىر يولىغا ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇھىم، زور قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچنى تولۇق قوزغاپ، خەلقئارا ھەمكارلىق بويىچە ئالماشتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى يادرولۇق رايونىنىڭ يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تارىخ ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن يىرىك پىلاننى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، قۇرۇلۇشنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئۆتكەللەرنى قاتتىق ئىگىلەپ، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى ئىلتىماس قىلىپ بېكىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى سۆزلىتىپ، تارىخىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدىغان، مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقىلى بولىدىغان، ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغان، ئىقتىدارى تولۇق بولغان تېخىمۇ كۆپ خاس تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125