ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بويۈ)
بۇ ئايدا بولات مادى ئائىلىسىدىكىلەر يېڭى ئۆيگە كۆچتى، مەيلى يېڭى سېلىنغان ئۆي بولسۇن ياكى كونا بىر قەۋەتلىك ئۆي بولسۇن، ئوچاق بېشىدا دائىم بىر چەينەك ئىسسىق ئەتكەنچاي قايناپ تۇراتتى ...
بورتالادىن ئارشاڭ ناھىيەسىگە بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان تۆگە سۈرىتى بەلگە قىلىنغان يول تاختىسى بار، يول تاختىسىنى بويلاپ ئەگىلىپ كىرسىڭىز، ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغ باغرىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر يېڭى ئۆينىڭ كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز، بۇ بولاتنىڭ يېڭى ئۆيى.
بۇ يەر چارۋىچىلار يايلاق كۆچكەندە جەزمەن ئۆتىدىغان جاي، بولاتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بار، يايلاق كۆچۈۋاتقان چارۋىلار دائىم بۇ يەردە ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرماقچى بولغاندا تېيىلىپ كەتكەچكە، نۇرغۇن چارۋىچى بۇ يەرگە كېلىپ ياردەم تەلەپ قىلاتتى. بولات ھەمىشە قىزغىن كۈتۈۋالاتتى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ يەر چارۋىچىلارنىڭ ئارام ئالىدىغان ۋە قونۇپ قالىدىغان ئۆتىڭىگە ئايلاندى.
بولاتنىڭ ئۆيى چارۋىچىلار دائىم تىلغا ئالىدىغان «قىشلاق»، ئۇ نۇرغۇن تۆگە باقتى. قىش كۈنلىرىدىمۇ تۆگىلەر ئاپئاق قار ئارىسىدىن ئۈنۈپ چىققان تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى يېيەلەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، زاپاس يەم- خەشەك بولغاچقا، ئۇنىڭ تۆگىلىرى ناھايىتى يوغان- سېمىز بولۇپ، ھەر يىلى ئۇنىڭغا نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كېلەتتى.
بولاتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسى تۆگە سۈتى، تۆگە تىۋىتى سېتىشنى ئاساس قىلىدىكەن، ھەر كۈنى 40 كىلوگىرام ئەتراپىدا تۆگە سۈتى ساتىدىكەن، بىر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى 50 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، بىر يىلدا 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىكەن.
تۆگە بېقىشتىن ئىلگىرى، بولات ئائىلىسى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلاتتى، دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا چارۋا ساتاتتى. 2007- يىلىدىكى بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئۇ تۆگىنىڭ بېقىش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، ھەممە يېرىنىڭ گۆھەر ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارلىق ئامانەت قويغان پۇلىغا سەككىز تۆگە سېتىۋالدى، ئۇ بۇ بىرقانچە يىلدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق تۆگە بېقىش، پەرۋىش قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن تېخنىكىنى ئىگىلىدى، ھازىر تۆگىلىرىنىڭ سانى 200گە يەتتى.
تۆگىنىڭ سېغىن مەزگىلى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە توققۇز ئايدىن 18 ئايغىچە بولىدۇ. بولات خوتۇنى بىلەن نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، جاپالىق ئەجىر قىلدى، قىشتا سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان سوغۇق شامالدا سۈت سېغىپ ساتتى، يازدا پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي يۇڭ قىرقىپ ساتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلاندى.
تۆگە سۈتى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بولاتنىڭ ئوغلى ئېقلاس بولات ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بازار، كەنت تەشكىللىگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ «مال ساتقۇچى»غا ئايلاندى، ئۇ ھەرقايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىغا تايىنىپ، تۆگە سۈتىنى ناھىيە بازىرى ھەم ئەتراپتىكى ناھىيە- شەھەرلەرگە سېتىپ، سېتىش يوللىرىنى ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە بولات ئائىلىسى تۆگە سۈتىنى سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، ھەر كۈنى يېڭى تۆگە سۈتى تۇڭغا قۇيۇلۇشى بىلەنلا خېرىدارلار زاكاز قىلىپ بولىدۇ. تۆگە سۈتىدىن باشقا، تۆگە تىۋىتى، تۆگە گۆشىمۇ بازاردا بازىرى ئىتتىك مالغا ئايلاندى.
بولات ئائىلىسىنىڭ تۆگە سودىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشى ئەتراپتىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگىمۇ تۈرتكە بولدى. ئۇ ھويلا ئىشىكىنى ئوچۇق قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئەتراپتىكى چارۋىچىلارنىڭ كېلىپ زىيارەت قىلىشىنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالدى ھەم چارۋىچىلارنىڭ پىكىرلىشىپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەقسىز ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كېلىپ كېتىۋاتقان چارۋىچى سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئۇ ئۆزىمۇ قانچىلىك ئادەمگە ياردەم قىلغانلىقىنى، قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىقىنى ئېنىق ساناپ بېرەلمەيدۇ.
«دادام ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن تەپەككۇرى ناھايىتى جانلىق» دېدى بولاتنىڭ قىزى گۈلزار بولات. بولات سودىگەرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تۆگە سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ھەم بازار بوشلۇقى چوڭ بولسىمۇ، ئۇنى ئۇزاق ۋاقىت يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، سېتىشتا كەمتۈكلۈكلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدى. شۇڭا ئۇ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كارخانا بىلەن ھەمكارلىشىپ، زامانىۋى باقمىچىلىق يولىدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلدى.
بۇ ئارزۇ رېئاللىققا ئايلانماقتا، بورتالا شەھەرلىك يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما باۋچۇن مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ناھىيە (شەھەر) بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا شەھىرى كەنت ئاھالىلىرىنى يېزا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پائال يېتەكلەپ، خاس باقمىچىلىق تۈرلىرى ۋە كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، خاس باقمىچىلىقنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «تېزلەتكۈچ»كە ئايلاندۇردى. كېيىنكى قەدەمدە تۈر مەبلىغىنىڭ تۈرتكىسىدە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئۈزلۈكسىز بىرىكتۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.