ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شى شىن، گو لىڭ
«بۇ يەردە، پەقەت سىز ئىشلەشنى خالىسىڭىزلا، ھامان بىر كۈنى نۇر چاچالايسىز.»
«مەن ھېچيەرگە بارمايمەن، يىللىق مائاشىمغا 1 مىليون يۈەن بەرسىمۇ بارمايمەن.»
«يېڭى دەۋردىكى ياشلار ياشلىقىنى بۇ يەرگە سىڭدۈرۈپ، شەخسنىڭ غايە ئىنتىلىشى بىلەن ئائىلە، دۆلەت بۈيۈك ھەقىقىتىنىڭ بىرلىكى جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، نۇر چېچىشى كېرەك.»
...
بۇ يەر شەرقىي جۇڭغار! جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمى، ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ غەربىي قىسمى. بۇ يەردە مىليونلىغان يىللاردىن بېرى ئۇيقۇدا ياتقان كۆمۈر دېڭىزى خەزىنىسى بار.
غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ باھار گۈلدۈرمامىسى بىپايان چۆلنى ئويغىتىپ، شەرقىي جۇڭغاردا كەڭ ئېچىش، كەڭ قۇرۇش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياشلار ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن خوشلىشىپ، يۇرتىدىن ئايرىلىپ، كۆڭلىگە ئارزۇلارنى پۈكۈپ، شەرقىي جۇڭغارنى ئېچىش، قۇرۇشقا ئاتلاندى.
بىز نەزەرىمىزنى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى ياشلارغا تىكىپ، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ كىشىلىك ھاياتىدا ئاچقۇچلۇق تاللاش قىلغانلىقى، قانداق قىلىپ قاقاس چۆللۈكتە ياشلىق باھارىنى جۇلالاندۇرغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
تەخمىنەن 80 مىڭ كىشى بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا ئارزۇغا ئىنتىلدى
قاھارجان ئوسمان شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىگە خىزمەتكە كىرىپ، ئىشقا چۈشكەن بىرىنچى كۈنىلا سانائەت رايونىنى تازىلىدى، ئۇ شىركەتكە كىرە- كىرمەيلا، بېشىنى بۇراپ كەتمەكچى بولدى.
«بىر دەسسىسەملا، يىغىلىپ كەتكەن توپا- چاڭ تىزىمغىچە كەلدى.» 2014- يىلى، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ئىككىنچى كۈنى، قاھارجان كۆڭلىگە ئارزۇلارنى پۈككىنىچە شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.
شەھەردىن يىراق، چۆل، قۇم- بوران... گەرچە شەرقىي جۇڭغارنى سانسىز قېتىم تەسەۋۋۇر قىلىپ باققان بولسىمۇ، لېكىن خىيالىدىكى كۆرۈنۈش ھەقىقىي كۆز ئالدىدا نامايان بولغاندا، قاھارجان يەنىلا قوبۇل قىلالمىدى. ئۇ بەنجاڭىنى ئىزدەپ: «مەن كېتىمەن» دېدى.
«بەنجاڭ سەن يەنە ئويلىشىپ باققىن، سانائەت رايونىنى سەن بىرلا ئادەم كۈندە تازىلىمايسەن، دېدى، ئۆيدىكىلەرمۇ ماڭا ئويلىشىپ باق، دېدى، مەن قېپقالدىم. ئەڭ رېئال سەۋەب، ئوتتۇرا تېخنىكومنى يېڭى پۈتكۈزۈپلا 4000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالالايدىكەنمەن، بۇ يەردىن ئايرىلسام مۇۋاپىق خىزمەت تاپالماسلىقىم مۇمكىن، ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمگە بەش يىل چىدىۋېتەي دەپ ۋاقىت چېكى بېكىتتىم» دېدى قاھارجان.
ھازىر، قاھارجان كېتىدىغان ئىشنى قەتئىي تىلغا ئالمايدۇ. نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئۇ شىنجاڭ يىخۇا شىركىتىنىڭ كالتسىي كاربىد 1- سېخىنىڭ بەنجاڭى بولۇپ، فۇكاڭ شەھىرىدە ئاپتوموبىل ۋە ئۆي سېتىۋالدى. «بىر تەرەپتىن كۈرەش قىلىش يۆنىلىشىم بار بولدى، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي جۇڭغارنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى تېزلەشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭ ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مائاشىم ۋە ۋاقتىدا تارقىتىلىدىغان تۈرلۈك پاراۋانلىق تەمىناتىم بولغاچقا، كېتىشكە كۆزۈم قىيمىدى.» قاھارجان ئۆزىنىڭ يەنە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەپ ئوقۇشقا تىزىملىتىپ، ئوقۇش تارىخىنى ئۆستۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
شەرقىي جۇڭغاردا، مۇتلەق كۆپ قىسىم ياشلارنىڭ ھەممىسى قاھارجانغا ئوخشاش مۇشۇنداق قەلب مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن.
تەبىئىي شارائىتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي جۇڭغار ھەرگىزمۇ كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان جاي ئەمەس. ئۇ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، قۇم- بوران كۆپ چىقىدۇ، سۇ سۈپىتى ناچار، قىش كۈنى پەۋقۇلئادە سوغۇق، ياز كۈنى ناھايىتى ئىسسىق، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئارقىدا قالغان، تۈرلۈك جەمئىيەت فۇنكسىيەسى تاكامۇللاشمىغان...
بەزى كىشىلەر كەتتى، بەزى كىشىلەر قېلىشنى تاللىدى.
36 ياشلىق ياڭ پېيجۈن 2011- يىلى شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىگە خىزمەتكە كىرگەن بولۇپ، قاھارجاندىن ئۈچ يىل بۇرۇن كەلگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ شىنجاڭ داشۆدىن يەتتە سائەت ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، ئاران شىركەتكە ئەڭ يېقىن بىر يولغا كەلگەنىدى، ئۇ يەر بىلەن شىركەتنىڭ ئارىلىقى 40 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، قانچىلىك مۇشەققەتلىك ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى.
يوللىرىدا مېڭىش تەس بولۇش، تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلمەسلىك، توك يېتەرلىك بولماسلىق، قۇراشتۇرما ئۆيدە تۇرۇش، تومۇز ئىسسىققا چىداش، قەھرىتان سوغۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، يۈز يۇغان ۋە چىش چوتكىلىغان سۇنى پۇتىنى، كىيىم- كېچەكلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئېلىپ قويۇش... ياڭ پېيجۈن تۆت يىل ۋاقىتتا، بىرىكمە ئاممىياك سىستېمىسىدىن خىلور- ئىشقار سىستېمىسىگىچە، يەر ئۈستى تۇرۇبا جاھازىسىدىن يەر ئاستى يوشۇرۇن تۇرۇبا لىنىيەسىگىچە، ھەربىر ئىش ئورنىدا بىر قېتىمدىن ئىشلەپ، شىركەتتىكى بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنى تولۇق ئىگىلىگەن تۇنجى كىشىگە ئايلاندى ھەم مۇئاۋىن مەشغۇلاتچى سەۋىيەسىگە يەتتى.
29 ياشلىق خۇ شياۋرۇي لۇئەن خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭ گوتەي شىنخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئورگانىك خىمىيە سانائىتى ئىشلىرى بۆلۈمى ئانالىز- تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تېخنىكا خادىمى، قوشۇمچە ئاساسلىق مەسئۇلى بولۇپ، 2014- يىلى شەرقىي جۇڭغارغا كەلگەن. «مەن بۇ يەردە ئېرىم بىلەن تونۇشتۇم، بۇ يەردە ئۆي- ئوچاقلىق بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىممۇ مۇشۇ يەردە بولىدۇ» دېدى ئۇ.
...
بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ 15 مىڭ 500 كىۋادرات كىلومېتىر تۇپرىقىدا، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان 1300دىن ئارتۇق كارخانا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. تەخمىنەن 80 مىڭ كىشى بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىدا كۈرەش قىلماقتا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ياشلار.
2022- يىلى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئون ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى. شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، باشقۇرۇش كومىتېتى بۇ يەردە ئۇدا ئون يىل ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان 1832 نەپەر خادىمغا تەقدىرلەش قارارى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى يەتكۈزۈپ بەردى، ئۇلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەرقىي جۇڭغاردا يىلتىز تارتىپ، شەرقىي جۇڭغارنى قۇرۇپ، شەرقىي جۇڭغارغا ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.
بۇ يەردە كەسىپ چوڭ سەھنىسىنى تاپتى
نېمىشقا شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى تاللىدى؟
«شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئوت كۈچى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىلغار تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىلىرى توپلانغان، بۇ يەر يەنە ساھە ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى، ئەمدى كېلىپ ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتمىساق، كېيىن پۇرسەت بولماسلىقى، شۇنداقلا جاسارىتىمىز بوشىشىپ كېتىشى مۇمكىن» دېدى يۈ جۈن.
يۈ جۈن شەنشى سېلىنما گۇرۇھى شىنجاڭ جىمىسار توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى، قوشۇمچە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش كەسپىي ئىنژېنېرى بولۇپ، 2015- يىلى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كەلگەندە 31 ياشتا ئىدى.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، يۈ جۈننىڭ خىزمىتى ئۈسكۈنىلەر بىلەن ھەپىلىشىش ئىدى. لېكىن ئۈسكۈنە بىلەن ئۈسكۈنە ئوخشىمايدۇ. ئەينى چاغدا شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى بىر شىركەت يۈ جۈننى خىزمەتكە تەكلىپ قىلدى، ئۇ ھەر كۈنى مەشغۇلات قىلىدىغان 150 مېگاۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىغا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى شىركەتتىكى 660 مېگاۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى تېخنىكا، تېخىمۇ يۇقىرى كىرىمدىن دېرەك بېرەتتى.
قايتا- قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، يۈ جۈن كەلدى. گەرچە تۇنجى قېتىم يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەندە، يول بويىدىكى قاقاسلىق يۈ جۈننىڭ «كۆڭلىنى سوۋۇتۇۋەتكەن»، قارشى تەرەپكە قايتا- قايتا تېلېفون قىلىپ ئاپتوموبىل يۈرۈش لىنىيەسىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باقمىغان.
«كېلىش قارارىغا كەلگەن ئىكەنمەن، جايلاشقىنىم تۈزۈك دەپ ئويلىدىم. ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مەشغۇلاتىنى ئۆگىنىپ بولۇپ پار قازىنى مەشغۇلاتىنى ئۆگەندىم، پار ماشىنىسى ۋە پار تۇربىنىسى مەشغۇلاتىنى ئۆگىنىپ بولۇپ ناسوسخانىدا مەشغۇلات قىلىشنى ئۆگەندىم، ئاندىن ئىسسىقلىقنى كونترول قىلىش، گۈڭگۈرتسىزلەشتۈرۈشنى ئۆگەندىم، بۈگۈنكى كۈندە مەن ئالتە ئىش ئورنىدا ئىش ئورنىغا چىقىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتىم. يىلتىز تارتمىغۇچە، تېخنىكا ۋە تەجرىبىنى تاۋلاپ چىققىلى بولمايدۇ» دېدى يۈ جۈن.
2017- يىلى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش شۆبە شىركىتى 1100± كىلوۋولتلۇق سانجى تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتى تېخى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان مەزگىلىدە تۇرۇۋاتاتتى، 27 ياشلىق ۋاڭ چۈەن شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ، تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا قاتنىشىپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش سانجى− گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى.
«ئەڭ ئىلغار تېخنىكا، ئەڭ ياخشى سىياسەت، ئەڭ كەڭ سەھنە، بۇ، ياشلارنى ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان، غايە- ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئەڭ ياخشى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى» دېدى ۋاڭ چۈەن.
ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاشتا شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئەۋزەللىكى بار.
شەرقىي جۇڭغارنىڭ «ئېنېرگىيە كىرېمنىي جىلغىسى» دېگەن گۈزەل نامى بار. مۆلچەرلەنگەن كۆمۈر بايلىقى زاپاس مىقدارى 390 مىليارد توننا بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ زاپىسىنىڭ %17.8ىنى، پۈتۈن مەملىكەت زاپىسىنىڭ %7ىنى ئىگىلەيدۇ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپىسى 253 مىليارد 100 مىليون توننا بولۇپ، دۆلىتىمىزدە نۆۋەتتە بايقالغان ئەڭ چوڭ تەييار كۆمۈرلۈك بار.
«شىنجاڭ دۆلەتنىڭ <ئۈچ بازا، بىر يول>ى قىلىپ بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ، شەرقىي جۇڭغارنى دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئېنىق بېكىتىلدى» دېدى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رېن جيەنپىن.
2015- يىلى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى 1- تۈركۈمدىكى دۆلەت ئايلانما ئۆزگەرتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باغچە رايونى قىلىپ بېكىتتى؛
2017- يىلى 3- ئايدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى بويىچە تۆت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛
2022- يىلى 3- ئايدا، دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى 10- تۈركۈمدىكى دۆلەت يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش (كىرېمنىي ۋە ئاليومىن) بازىسى قىلىپ بېكىتتى.
شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات خەرىتىسىدە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دۆلەتنىڭ بايلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنى چوڭقۇر ئېچىش بىلەن بىللە، يەنە دۆلەتنىڭ كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسپى بازىسى ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ توپىنى كۈچەپ بەرپا قىلماقتا.
«ئون نەچچە يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئەۋزەل بايلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى» دېدى رېن جيەنپىن.
2022- يىلى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن شىنجاڭدىكى توققۇز دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.
يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى. شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چيەن جۈنشېڭ مۇنداق دېدى: بىز ئاشۇ غايىلىك، ئىرادىلىك ياشلارنىڭ شەرقىي جۇڭغاردا چېنىقىپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلققە بەخت يارىتىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن كارخانىمۇ «جېنىنى تىكتى»
3- ئاينىڭ 21- كۈنى، شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ 3- دەرىجىلىك يىللىق مائاشلىق گۇرۇپپا باشلىقى، ئېلېكترولىز 3- گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى يۈەن گودۇڭ مۇھىم بىر پەيتنى، يەنى 4- دەرىجىلىك يىللىق مائاشلىق گۇرۇپپا باشلىقى ئىمتىھانىنى كۈتۈۋالدى. ئەگەر ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتسە، ئۇنىڭ ئىش ئورنى مائاشى 150 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.
ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر يىللىق مائاش ئېلىش نۇرغۇن كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ئىش، لېكىن شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا بۇ ئىش ھەقىقىي يۈزبەردى.
1992- يىلى تۇغۇلغان يۈەن گودۇڭنىڭ ئۆيى گەنسۇدا بولۇپ، 2012- يىلى مەكتەپتىن تەكلىپ بىلەن قوبۇل قىلىنىپ شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىگە كەلگەن. نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، 2020- يىلى دەرىجە ئاتلىتىپ بۇ شىركەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى يىللىق مائاشلىق گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. «مېنىڭ شەرقىي جۇڭغاردا قېلىشىمغا تىرەك بولغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، مائاش تەمىناتى، مېھىر- مۇھەببەت قاتارلىقلار بار، لېكىن ئەڭ مۇھىمى يەنىلا كەسىپ. بۇ جايدا، سىز ئىشلەشنى خالىسىڭىزلا ھامان بىر كۈنى نۇر چاچىسىز».
شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە ھازىر 3300 دىن ئارتۇق ئىشچى- خىزمەتچى بار بولۇپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى يىللىق مائاشلىق گۇرۇپپا باشلىقى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان تۇنجى كارخانا.
«گۇرۇپپا كارخانا تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ ئاساسىي بىرلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. شىركىتىمىز 2020- يىلىدىن باشلاپ يىللىق مائاش تۈزۈمىدىكى گۇرۇپپا باشلىقى تەكلىپ قىلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى تۇراقلاشتۇرۇشتىن قارىغاندا، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى» دېدى شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى فاڭ يالەن.
شەرقىي جۇڭغارنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكى بار، لېكىن يەنە ئاسانلىقچە ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان ناچار يېرىمۇ بار. ئادەمنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.
«يېقىنقى بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئىشچى- خىزمەتچىلەر بالىلىرى مەكتەپتە ئوقۇش ياكى ئائىلىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن خىزمەتتىن ئايرىلىش بىر گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ قالدى» دېدى فاڭ يالەن.
بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاللا بازارلىرىنى جەلپ قىلىپ كىرگۈزدى، تەنتەربىيە سارىيى، زاۋۇت ئىچىدە KTV، ئوقۇش ئۆيى سەپلىدى، بەزىلىرى ھەتتا پىشۇرۇقخانا، قەھۋەخانا ئېچىپ، تۈرلۈك چارە- ئاماللار بىلەن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش، ئىختىساسلىقلارنى ياخشى ئىشلىتىشتە، ئەڭ ياخشى مۇھىت- ياخشى تۈزۈلمە- مېخانىزمدۇر.
«بىزنىڭ بايلىق ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكىمىز بار، شىركىتىمىز بۇ ساھەدە كۆرۈنەرلىك رىقابەت كۈچىگە ئىگە، تەرەققىياتتىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشچان مىقدار- ئادەم.» فاڭ يالەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، يېتىشتۈرۈش ۋە تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، شىركىتىمىز خىزمەت ئىستاژى، زاۋۇت ئىستاژى ياردەم پۇلى، تېخنىكىلىق ئىقتىدار ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق 18 تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈردى، 2022- يىلى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2018- يىلىدىكىدىن %50 ئاشتى.
ئوقۇش تارىخى، خىزمەت ئىستاژىغىلا ئېسىلىۋالمىغاچقا، زور بىر تۈركۈم يەرلىك ياش كادىرلار ئۆسۈپ يېتىلىپ شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدىكى يادرولۇق تايانچلارغا ئايلاندى، كادىرلارنىڭ يەرلىكلىشىش نىسبىتى %79كە يەتتى.
ھازىرقى بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسى، قوشۇمچە بىخەتەرلىك رېۋىزىيە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن فېي دەل شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى يېتىشتۈرۈپ چىققان يەرلىك كادىر. «مېنىڭ شەرقىي جۇڭغارغا مېھرىم بار، بۇ شىركەتكە مېھرىم بار، ئىختىساسلىقلارنى قېزىش شىركىتى يىلىغا 1 مىليون يۈەن مائاش بېرىمىز دەپ ئىزدەپ كەپتۇ، مەن بارمىدىم!»
ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، شەرقىي جۇڭغارنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سانجى شەھىرى، جىمىسار ناھىيەسى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئەمىن ئولتۇراق رايونى قۇرۇپ، ماكانلاشقانلارنى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئىستاژى بىر يىل بولغانلارغا 10 مىڭ يۈەن ماكانلىشىش مۇكاپاتى بەردى، يۇقىرى چەك 100 مىڭ يۈەن بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىدە جەمئىي 1000دىن ئارتۇق ئادەم شىنجاڭغا ماكانلاشتى.
تەمىنات ئارقىلىق ئادەمنى تۇتۇپ قېلىش، ھېسسىيات ئارقىلىق ئادەمنى تۇتۇپ قېلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق ئادەمنى تۇتۇپ قېلىش، كەسىپ ئارقىلىق ئادەمنى تۇتۇپ قېلىشتا چىڭ تۇردى. شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، تايانچ ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى توپلاش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەربىر كارخانىنىڭ ھەممىسى بارلىق كۈچىنى ئىشقا سالدى.
بۇ بىرنەچچە يىلدا، جۇڭگو ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىركىتى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ۋۇسەيۋەن توك تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىختىساسلىقلار ئېقىپ كېتىش نىسبىتى ئىزچىل %5 ئىچىدە بولدى. شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، بۇ بىر خېلىلا چىرايلىق سانلىق مەلۇمات بولۇپ قالدى.
شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر تيەن يۇڭچياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، باشقۇرۇش، تېخنىكا، ماھارەتلىك خادىملارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى كۆپ يوللۇق قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورنىدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆسۈپ يېتىلىش، تەرەققىي قىلىش يولىغا ئىگە قىلدى. شىركىتىمىز يەنە ئىچكى قىسىمدىكى ئىش ھەققى تەقسىمات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان، تۆھپە قوشقان تايانچ ئىختىساسلىقلارنى ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈردى.
كارخانا ھەتتا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆيلىنىش، مۇھەببەتلىشىش مەسىلىسىگىمۇ ئىگە بولدى. شىنجاڭ يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىنى كېڭەيتتى، كالتسىي كاربىد مېخانىكلىرى ئىلگىرى ھەممىسى ئەر خىزمەتچىلەر ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئاياللارنىڭمۇ سىيماسى بار بولدى. جۇڭگو ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىركىتى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ۋۇسەيۋەن توك تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى ھەربىر بەنزە رەھبىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە لايىق تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر تۈرلۈك ئالاھىدە ۋەزىپىسى بار.
چيەن جۈنشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شەرقىي جۇڭغاردا ئىختىساسلىقلار «ماگنىت مەيدانى ئېففېكتى» ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى كادىرلار ئىشتات ئىچىدە ۋەزىپە ئۆتەش بىلەن ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىشنى ئايرىۋېتىش، ئارخىپ مائاشى بىلەن ئەمەلىي ئىش ھەققىنى ئايرىۋېتىش، كادىرلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش بىلەن توختاملىق تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى ئايرىۋېتىشتىن ئىبارەت قوش رېلىسلىق يۈرۈشۈش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، «ئىقتىدارلىقلارنى ئۆستۈرۈش، ئادەتتىكىلىرىنى چېكىندۈرۈش، ئىقتىدارسىزلارنى چۈشۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.
شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى يەنە 628 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش، پىراكتىكا، ئەمەلىي مەشىق قاتارلىق يەتتە چوڭ مۇلازىمەت سۇپىسىنى بىر گەۋدە قىلغان ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى قۇرۇپ، ئالاھىدە مەشغۇلاتنى باھالاش، ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق 23 ئەمەلىي مەشىق ئىشخانىسى قۇرۇپ، ھەر يىلى كارخانىلارنى تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم قېتىم تۈرلۈك تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.
«كوللېكتىپ+ تېخنىكا + كاپىتال» ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈپ كىرگۈزىدىغان «سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىپ ئاقىللارنى جەلپ قىلىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە يېڭى ماتېرىيالى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ئاچقۇچلۇق يادرولۇق كەسىپلەر تەرەققىياتى ئېھتىياجلىق بولغان ساھە ئىختىساسلىقلىرىدىن 5470تىن ئارتۇقنى كىرگۈزدى.
كەسىپ بىلەن ئىختىساسلىقلار بىر- بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى، تېخىمۇ كۆپ «قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش» بارلىققا كەلدى
3- ئاينىڭ 24- كۈنى، شەرقىي جۇڭغار زامانىۋى كەسىپ شۆيۈەنى قۇرۇلدى. شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، «ھۆكۈمەت- مەكتەپ- كارخانا قول تۇتۇشقان، ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات يۇغۇرۇلغان» چوڭ تەرەققىياتنىڭ بۇرغىسىنى چالدى.
«شەرقىي جۇڭغارنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى كەسىپ تۈر قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان يادرولۇق مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى» دېدى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيەنبىن.
ئالدىنقى ئايدا، چيەن جۈنشېڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئادەم كۈچى مەسئۇلىنى باشلاپ، كارخانا تەرەققىيات جەريانىدا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك 30 نەچچە تېمىنى ئېلىپ، جۇڭگو كانچىلىق داشۆسىدە «ئالدىغا بېرىپ ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلدى» ھەم جېجياڭ داشۆ بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.
«ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە سۈرئىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانا پايدىسى ۋە ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىپ، كارخانا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك» دېدى جاڭ جيەنبىن.
شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر غەربىي رايون ئېنېرگىيە تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى بىلەن پائال كېڭىشىپ، ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى تايانچ، ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى يادرو قىلىپ، كۆمۈر ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى مۇھىم، زور ئىلمىي مەسىلىلەر ۋە تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، سەرخىل ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى.
شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، كەسىپ بىلەن ئىختىساسلىقلار «ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش، ئۆزئارا تولۇقلاش»تەك قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش باشلاندى.
2022- يىلى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى دوكتور ئاشتى يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بازىسىدا، دوكتور ئاشتى ليۇ فۇمىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ «شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكىدىكى ئۈستى ئوچۇق كانلارنىڭ ۋاقىت چېكى يانتۇلۇقى نەزەرىيەسى ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇداپىئەلىنىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش تەتقىقاتى» ناملىق تەتقىقات تېمىسى ھەر يىلى ئۆزى تۇرۇشلۇق كارخانىغا نەچچە يۈز مىليون يۈەن مەبلەغ تېجەپ بېرەلەيدۇ.
جۇڭگو ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىركىتى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ۋۇسەيۋەن توك تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2018- يىلىدىن باشلاپ ئاقىل ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرىنى تولۇق يېقىلغۇ قىلىش ۋەزىپە- نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر يىلى 80 مىليون يۈەن يېقىلغۇ تەننەرخىنى تېجەپ قالدى.
«بۇ يىل بىز يەنە ئىككى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تېمىسىنى يولغا قويدۇق، بۇ، كاربون مىقدارىنى دەل جايىدا ئۆلچەش ۋە كاربون تۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك.» تيەن يۇڭچياڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ كاربونⅣ ئوكسىدى چىقىرىش مىقدارىدا نۆۋەتتە قوللىنىلىۋاتقىنى مۆلچەر ھېسابلاش ئۇسۇلى بولۇپ، كارخانىمىز ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ئۆلچەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەدبىر بەلگىلەشنى تېخنىكىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلىمەكچى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىقىرىلغان كاربونⅣ ئوكسىدىنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن پېچەتلەپ ساقلاپ قايتا پايدىلىنىپ، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشماقچى.
«شەرقىي جۇڭغاردىكى ئون يىلدا، مەن بەش قېتىم ئۆي كۆچتۈم، سەككىز كىشىلىك كوللېكتىپ ياتاقتىن ھازىرقى ياتاق بىناسىغىچە، ھەر قېتىملىق ئۆي كۆچۈش شەرقىي جۇڭغارنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلدى، شەرقىي جۇڭغار بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دېدى چيەن جۈنشېڭ.
شەرقىي جۇڭغار تېخىمۇ كۆپ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق. جاڭ جيەنبىن مۇنداق بىلدۈردى: «14- بەش يىل» مەزگىلىدە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئالتە چوڭ كەسىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئىختىساسلىقلار ۋە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، كەسىپلەشكەن سودىگەر چاقىرىش، خەلقئارالاشقان ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەلەردە كەمچىل بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى قاراتمىلىق ھالدا زورايتىپ، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن ئۇللۇق خىزمەتلەر يەنىلا ئالغا سىلجىتىلماقتا. ۋۇسەيۋەن، جىجىخۇ يېڭى شەھىرىنى قۇرۇش، «مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش» «ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈش، داۋالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش... كەسىپ سەھنىسى كەڭ، تەبىئىي ئادىمىيەت مۇھىتى تېخىمۇ ئەلا بولغان شەرقىي جۇڭغار تېز سۈرئەتتە يېتىپ كەلمەكتە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)