​پامىر ئېگىزلىكىدە يېڭى كەنتكە كۆچۈپ خۇشال ئىشلار كۆپ بولدى
22:52:25 2023-03-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى شياڭ، ۋاڭ كېۋېن، خۇ خۇخۇ

 «بەختلىك بولۇڭلار! (تاجىك تىلىدىكى مەنىسى <بەخت تىلەش>)» ئەتىيازلىق كۈن- تۈن تەڭلەشكەن مەزگىلدە، پامىر ئېگىزلىكىدىكى قارلىق تاغ كۈمۈش لىباس بىلەن ئورىنىپ، جىمجىتلىققا تولغانىدى، شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى فۇمىن كەنتى يەنىلا قاينام- تاشقىنلىققا ۋە ئىللىقلىققا چۆمگەنىدى. ئۆيىنىڭ ئارىلىقى نەچچە يۈز مېتىر كېلىدىغان ئىككى ياشنىڭ ئۆيىگە ئۇرۇق- تۇغقان ۋە دوستلىرى، كەنت ئاھالىلىرى بەس- بەستە كېلىپ، بۈركۈت نېيى چېلىپ، داپ چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپ بىر يەرگە جەم بولۇپ تەبرىكلىدى. داغدۇغىلىق، قىزغىن ھەم ئاددىي- ساددا، تېجەشلىك بولغان بىر مەيدان تاجىك مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى توي مەرىكىسى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

 فۇمىن كەنتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاتىكۆل نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش- ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ بىر قىسمى. 25 ياشلىق كېلىنچەك گۈلخان زەنجابىل بىلەن 34 ياشلىق كۈيئوغۇل مەرمەتخان چېنتۆمۈرنىڭ تويىدا ئەكس ئەتكىنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ئىدى.

 بۇ ناھىيەدە 30 مىڭدىن ئارتۇق تاجىك مىللىتى ئاھالىسى بىپايان كوئېنلۇن ئېتىكىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان.

 مەرمەتخان چېنتۆمۈر بىلەن گۈلخان زەنجابىل ئىلگىرى مارياڭ يېزىسىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم پىل كەنتى ۋە نوشدۆڭ كەنتىدە تۇراتتى. ئەمما ئىككى كەنت ئارىسىنى ئېگىز تاغ ۋە يەكەن دەرياسى كېسىپ ئۆتكەچكە، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى بېرىش- كېلىش ناھايىتى ئاز ئىدى.

 2017- يىلىغا كەلگەندە، تاتىكۆل نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش- ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى تۈرى يولغا قويۇلدى، بۇ ناھىيەنىڭ بەش يېزىسىدىكى 1400دىن ئارتۇق دېھقان- چارۋىچى ئارقا- ئارقىدىن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. 2018- يىلى گۈلخان زەنجابىل بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدى، گۈلخان زەنجابىل تاسادىپىي پۇرسەتتە ناھىيەدە خىزمەت قىلىدىغان مەرمەتخان چېنتۆمۈر بىلەن ئۇچرىشىپ، مۇھەببەتلەشتى. «ئەگەر نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بولمىغان بولسا بۇنداق ياخشى توي پېشانىسىگە پۈتۈلمىگەن بولاتتى» دېدى كېلىنچەكنىڭ دادىسى زەنجابىل مەنىك ھاياجانلىنىپ.

 تاجىك مىللىتىنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى توي مۇراسىمى ئۈچ كۈن داۋاملاشتى، بىرىنچى كۈنى ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرى تەبرىكلىدى، ئىككىنچى كۈنى توي كۆچۈرۈلدى، ئۈچىنچى كۈنى كېلىنچەكنىڭ يۈز ياپقۇسى ئېچىلىپ، كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈلۈپ مېھمانلار كۈتۈۋېلىندى، ھەر كۈنى تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاجىك مىللىتىنىڭ توي ئۆرپ- ئادىتى تاشقورغاننىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت نام كارتىسىنىڭ بىرى. توي مۇراسىمى نەق مەيدانىدا يەنە نۇرغۇن داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن ساياھەتچىلەر بار بولۇپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە خۇشاللىق- بەختتىن بەھرىلەندى.

 بەش يىل ئىلگىرىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى بۇ ناھىيەدىكى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان 1000دىن ئارتۇق دېھقان- چارۋىچىنى نامراتلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدۇرۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پايدىسى ۋە زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ قولايلىقلىقىدىن بەھرىمەن قىلدى. نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، تاتىكۆلدىن ئىبارەت بۇ ناھىيە بويىچە بىرقەدەر چوڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى نامىنى فۇمىن كەنتى، ئەيمىن كەنتىگە ئۆزگەرتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم باستى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىكلەرگە تولدى.

 «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىدىن نەپ ئېلىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.» ناھىيەلىك يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئەركىن ھۈسىيىن مۇنداق دېدى: شۇنداق بولۇپلا قالماي، بارغانسېرى كۆپ ياشلار يېڭى كەنتكە كۆچۈش ئارقىلىق پەيدىنپەي شەھەرلەرگە يۈزلەندى.

 كۈيۈئوغۇل مەرمەتخان چېنتۆمۈر مۇخبىرغا: مېنىڭ تاشقورغان ناھىيە بازىرىدا ئۆيۈم بار، تويدىن كېيىن خوتۇنۇم بىلەن ناھىيە بازىرىدىكى بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىرمەكچى، دېدى. كېلىنچەك گۈلخان زەنجابىل تارتىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بالىلىق بولغاندىن كېيىن، بالىمىزنى تاشقورغان ناھىيە بازىرى ياكى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇتىمىز، «تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئالدىغا ماڭىمىزكى، ھەرگىز كەينىگە چېكىنمەيمىز».

 كۆز ئالدىمىزدىكى پامىر ئېگىزلىكىدە باھار تۈسى تولۇپ تاشتى، بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى. «مۇزلۇق ئاتا» مۇزتاغ چوققىسى ئېتىكىدە ئۆرۈكلەر چېچەكلەپ، يېزا- كەنتلەردىكى ئېتىز باشلىرىدا ئالدىراش ئەمگەك قىلىۋاتقان سىيمالار پەيدا بولۇپ، بىر يىللىق ئۈمىد ئۇرۇقى چېچىلدى. تېخىمۇ كۆپ ئاشىق- مەشۇقلار خۇددى بۇ بىر جۈپ يېڭى توي قىلغان ئەر- خوتۇنلاردەك مۇشۇ پەسىلدە توي قىلىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ لەززىتىگە ئېرىشىپ، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشنى كۈتۈۋېلىشنى تاللىدى.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125