«يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟» بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىقى توغرىسىدا، بۇ بىرقانچە خاتا قاراشقا ھەرگىز ئىشەنمەڭ (2)
17:12:41 2023-03-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 تۆتىنچى خاتا قاراش: كۆزئەينەك تاقىغانسېرى يىراقنى كۆرەلمەسلىك شۇنچە تېز ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ

 كۆز قارىچۇقىنى كېڭەيتكەندىن كېيىن تەكشۈرۈپ چىقىلغان ھەقىقىي يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى قايتا داۋالىغىلى بولمايدۇ، كۆپ قىسىم يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كۆز ئوقىنىڭ چوڭىيىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆز ئوقى كۆز ئالمىسىغا كىرىدىغان نۇر يولىنى كۆرسىتىدۇ، كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ ئالدى يۈزىدىن كۆز تېگى كۆرۈش تور پەردىسىگىچە بولغان ئارىلىق خۇددى كۆز ئالمىسىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە ئوخشايدۇ. تېخى بەدىنى يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بالىلاردا، ھېچنېمە تەسىر قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كۆز ئوقى بەدەننىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ داۋاملىق ئاشىدۇ، شۇڭا يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسى تۆۋەنلىمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ.

 بىز يېتىلىۋاتقان كۆزىمىزنى قايتىدىن يېتىلدۈرەلمەيمىز، بۇ خۇددى بويى ئۆسۈۋاتقان ئادەمنى پاكارلىتىشقا ئامالسىز قالغانغا ئوخشاش. شۇنىڭ ئۈچۈن يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى كۆزئەينەك تاقىۋالغانلىقتىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆزئەينەك تاقىمىغاندا كۆزنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسىنىڭ يەنىمۇ ئېشىپ كېتىشىنى تېزلىتىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، مۇۋاپىق گىرادۇسلۇق كۆزئەينەك تاقاپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆز ئوقىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا ۋاقتىدا مۇۋاپىق كۆزئەينەك ئالماشتۇرۇش، ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك.

 بەشىنچى خاتا قاراش: كۆرۈش سېزىمى مەشىقى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالىيالايدۇ

 كۆز ئوقىنىڭ چوڭىيىشىنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولمايدۇ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىمۇ داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ. لېكىن كۆپلىگەن كۆرۈش سېزىمى مەشىقى ئاپپاراتى مەشىق ئۈنۈمىنى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئۈزۈل- كېسىل ساقايتقىلى بولىدۇ، دەپ ئاتىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بالىلارنى تەسۋىر پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كۆرۈش قۇۋۋىتى نورمال ئەسلىگە كەلگەن ساختا ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ.

 ئەمەلىيەتتە، چوڭىيىپ بولغان كۆز ئوقى، يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسى ۋە نېپىزلەپ كەتكەن كۆز تېگى كۆرۈش تور پەردىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، يەنە زىيادە مەشىق قىلىش سەۋەبىدىن بالىلارنىڭ يېقىن ئارىلىقتا كۆز ئىشلىتىشى كۆپ بولسا، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئېغىرلىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىشىمۇ مۇمكىن. نۇرغۇن ئائىلە باشلىقى بالىلىرىنىڭ كۆز ساغلاملىقى ئۈچۈن ھېچقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ، ئەمما يول باشقا، مەنزىل باشقا بولۇپ قېلىپ، توغرا بولغان داۋالاش لايىھەسىنى قوللىنالماي، ئەكسىچە بالىنىڭ كۆز ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 ئالتىنچى خاتا قاراش: OK كۆزئەينىكى (كۆز مۈڭگۈز پەردىسى شەكىل تۈزەش ئەينىكى) تاقىسا، رامكىلىق كۆزئەينەك تاقىمىسىمۇ بولىدۇ

 OK كۆزئەينىكى ئالاھىدە لايىھەلەنگەن قاتتىق يوشۇرۇن كۆزئەينەك بولۇپ، كېچىدە تاقىغاندا كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ مەركىزىي رايونى مەلۇم دەرىجىدە تۈز ھالەتتە ئۆزگىرىدۇ، كۈندۈزى بولسا گىرادۇسىنى ۋاقىتلىق تۆۋەنلىتىپ، كۆرۈش دائىرىسىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ.

 ئالاھىدە ئەھۋالدا، مەسىلەن، يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسى يۇقىرى بولۇش، كېچىدە ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلاردا كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنىڭ شەكلىنى تۈزەش ئەسلىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسىنى يوقىتالمايدۇ، كۈندۈزى يەنىلا تۆۋەن گىرادۇسلۇق رامكىلىق كۆزئەينەك تاقىغاندىلا، ئاندىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

 بۇنىڭدىن باشقا، كۆزئەينەك ئەينىكىنى ساقلاش مەزگىلىدە، OK كۆزئەينىكىنى تاقاشنى توخاتقان مەزگىلدە، رامكىلىق كۆزئەينەك تاقاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، OK كۆزئەينىكى بالىلارنىڭ رامكىلىق كۆزئەينەكتىن قۇتۇلۇشىغا زور دەرىجىدە ياردەم بېرىدۇ، ئەمما يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى يىلتىزىدىن داۋالىيالمايدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدا يەنىلا رامكىلىق كۆزئەينەك تاقاشقا توغرا كېلىدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: «پايتەخت مائارىپى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125