ما شىڭرۇي قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن كۆرۈشتى
16:15:07 2023-03-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى قازاقىستانغا زىيارەتكە چىقتى

ما شىڭرۇي قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن كۆرۈشتى

3- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاستانىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ  گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئاستانا 3- ئاينىڭ 27- كۈنى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يېقىندا جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ قازاقىستانغا زىيارەتكە چىقتى. 3- ئاينىڭ 27- كۈنى، ما شىڭرۇي ئاستانىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن كۆرۈشتى.

 ما شىڭرۇي كۆرۈشۈشتە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ جانابلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو− قازاقىستان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. يېقىندا جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم تولۇق ئاۋاز بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلاندى. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلمەكتە. قازاقىستان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىق مۇھىم ئوبيېكتى. بىز ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قازاقىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارىسىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىساد- سودا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە دوستانە شەھەرلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى «ئالتۇن 30 يىلى»نى بەرپا قىلىش، جۇڭگو- قازاقىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.

 چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ياڭ شيۇلى، جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125