​ما شىڭرۇي قازاقىستانغا زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە قازاقىستان زۇڭلىسى سىمايىلوف بىلەن كۆرۈشتى
16:31:53 2023-03-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 

3- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاستانىدە قازاقىستان زۇڭلىسى سىمايىلوف بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ  گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئاناربۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئاستانا 3- ئاينىڭ 27- كۈنى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ قازاقىستانغا زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە، 3- ئاينىڭ 27- كۈنى ئاستانىدە قازاقىستان زۇڭلىسى سىمايىلوف بىلەن كۆرۈشتى.

 ما شىڭرۇي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيى ۋە جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور نەتىجىلەر ۋە ئۇنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ توقايېفنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىپ، نەتىجىسى تېخىمۇ موللىشىپ، مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىق ئاساسى پۇختا، ئىستىقبالى پارلاق. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارىسىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ياڭ شيۇلى، جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125