​ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى
17:17:32 2023-03-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 3- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىندى، 2- پەسىللىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. دۆلەت كان بىخەتەرلىكى بويىچە ياردەم قىلىش- يۆلەش يېتەكچىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇاڭ جىنشېڭ ياردەم قىلىش- يۆلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى ھەقىقىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنىڭ يوشۇرۇن، تەكرارلىنىشچان ۋە مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن- ئاخىر چىڭىتىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يول قاتنىشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، يېقىلغۇ گاز، ساياھەت، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق كەسىپ، ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش كېرەك. چىڭمىڭ كۈنلىرىدىكى قەبرە يوقلاش پائالىيىتى سورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىك، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، يەر تەۋرەش، گېئوئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە ياكى ئېغىر، زور ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. كان ساھەسىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ كان بىخەتەرلىكى بويىچە ياردەم قىلىش- يۆلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى تىزىملىك بويىچە تولۇق قوبۇل قىلىپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى تۈرمۇتۈر تۈزۈپ، ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە نازارەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي، ئۈزۈل- كېسىل تۈزىتىش كېرەك. خەۋپ- خەتەرگە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، ئۆز رايونى، ئۆز ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى قەرەللىك تەھلىل قىلىپ، باشقۇرۇش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا تۈزۈپ، خەۋپ- خەتىرى بىرقەدەر چوڭ كارخانىلارغا قارىتا «ئىشىك چېكىپ ئەسكەرتىش»نى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر، ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى تولۇقلاپ، كۆمۈر كان، كۆمۈر كاندىن باشقا كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەربىيەلەش ۋە تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

 خۇاڭ جىنشېڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قىزىل سىزىق ئېڭى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى «قارا قۇ» ۋەقەسىدىن ھوشيار بولۇپ، «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، رايونلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا قارىتا كۆڭلىدە سان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى بىلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

 يۈسۈپجان مەمەت، چېن مىڭگو قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125