شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە قانداق يۆتكەيمىز؟ قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشكە توغرا كېلىدۇ؟
14:54:01 2023-03-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېقىندا شەھەر ئاھالىلىرى شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە قانداق يۆتكەش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى. «ۋىلايەت، ئوبلاستتا بىرىنچى تۈردىن ئۈچىنچى تۈرگىچە بولغان ئىمتىھاننى بېرىپ بولدۇم، ھازىر سايباغ رايونىدا تۆتىنچى تۈر ئىمتىھانىنى بەرمەكچى، ئىمتىھاننى بىۋاسىتە بەرگىلى بولامدۇ؟ ئالدىن قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرسەم بولىدۇ؟»

 مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئۇلانباي ئىمتىھان مەيدانى بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى» (جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ 162- نومۇرلۇق بۇيرۇقى)نىڭ 39- ماددىسىدا «ئىلتىماس قىلغۇچى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل، ئاستا سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، مېيىپلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلى، يېنىك تىپتىكى سۆرىگۈچى چاتما ئاپتوموبىل ھەيدەش كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش مەزگىلىدە، قىسمەن تۈر ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تۇرۇشلۇق جايىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئىمتىھان بېرىش ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا، ھازىر تۇرۇشلۇق جايدا باشقا تۈردىكى ئىمتىھانىنى ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ. ئىمتىھان ئورنىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچ قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ»، دەپ بەلگىلەنگەن.

 شەھەر ئاھالىلىرى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئېلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى كازىۋەن ئىش بېجىرىش رايونى، ئۇلانباي ئىش بېجىرىش رايونىغا ياكى تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، شىمىگۇ رايونى، مىدۇڭ رايونى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، داۋانچىڭ رايونى ھەمدە جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن ئىبارەت سەككىز رايونلۇق، ناھىيەلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترەتلىرىنىڭ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خالىغان كۆزنىكىگە بېرىپ ئىمتىھان ئورنىنى ئۆزگەرتىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ، بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن «قاتناش باشقۇرۇش 12123App«سى ئارقىلىق ئۈچىنچى تۈردىكى بىخەتەرلىك، مەدەنىيەت ساۋاتلىرى ئىمتىھانىنى ئالدىن كېلىشىپ قويسىلا بولىدۇ. 

(مۇخبىر: پېڭ فاڭ)

پايدىلانغان مەنبە: «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تىرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125