2- نۆۋەتلىك جۇڭگو (شىنجاڭ)−قازاقىستان قوشنا رايونلار دوستانە ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلدى
17:35:10 2023-03-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو (شىنجاڭ)−قازاقىستان قوشنا رايونلار دوستانە ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلدى 

 ما شىڭرۇي، جۇمانغارىن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

 گېزىتىمىز ئالمۇتا 3- ئاينىڭ 28- كۈنى خەۋىرى  3- ئاينىڭ 28- كۈنى، قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى، ئالمۇتادا قازاقىستان تەرەپنىڭ ئالاقىدار شەھەر، ئوبلاستلىرى بىلەن بىرلىكتە 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو (شىنجاڭ) − قازاقىستان قوشنا رايونلار دوستانە ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە سودا ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جۇمانغارىن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

 يىغىندا، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى بىلەن دوستانە رايون- شەھەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى، شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى، ئاباي ئوبلاستى، ئالمۇتا ئوبلاستى، يەتتە سۇ ئوبلاستى بىلەن دوستانە رايون- ئوبلاست مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى، يەتتە سۇ ئوبلاستى بىلەن «جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئەسلەتمىسى»نى ئىمزالىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قازاقىستاندىكى ئالاقىدار شەھەر، ئوبلاستلارنىڭ مەسئۇللىرى، قازاقىستان دۆلەت تۆمۈريول شىركىتى، قازاقىستان قازاق سودا شىركىتى ۋە جۇڭگو شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى، جىنفېڭ پەن- تېخنىكا شىركىتى، 1- ئاۋغۇست پولات- تۆمۈر خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

 قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ياڭ شيۇلى، جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125