سانائەتتە مۇقىم ئېشىش «ياخشى باشلىنىش»نى كۈتۈۋالدى
17:54:57 2023-03-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 سانائەتتە مۇقىم ئېشىش «ياخشى باشلىنىش»نى كۈتۈۋالدى

 − ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىدىكى يارقىن نۇقتىلارغا نەزەر

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

 سانائەتنىڭ ئېشىش ئەھۋالى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى «بارومېتىر». بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار تۈرلۈك سىياسەتلەر ۋە داۋاملاشما سىياسەتلەرنىڭ سىجىل كۈچەپ ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولدى، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشى «ياخشى باشلىنىش»نى كۈتۈۋالدى.

 1- ئايدىن 2- ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 6.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 4- ئورۇندا تۇردى، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك ئۇرغۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. «ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ 1- ئايدىن 2- ئايغىچە سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى كۆزلىمىگە يېتىپ، 1- پەسىلدە <تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش>نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى يۈرۈشۈشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش- ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گو رۇيبىن.

 ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

 بۇ نەچچە كۈندە، قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدا، قومۇل شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى −− گورۇن ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ ۋېيلەي قوش كاربون ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئۈچ گېگاۋاتلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك N تىپلىق TOPCon باتارېيەسى يېشىل ياسىمىچىلىق تۈرىدە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاندى. بۇ تۈر شىنجاڭدىكى تۇنجى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك N تىپلىق TOPCon كىرىستاللىق كىرېمنىي باتارېيەسى تۈرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئېنېرگىيەسى كەسپىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قومۇل شەھىرى مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ كۆلىمىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قومۇلچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سانائەت ئىقتىسادىدا ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

 كۆمۈرچىلىك ساھەسىدىكى يۇقىرى ئېشىشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، قومۇل شەھىرىنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى %48.3لىك يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.

 كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال تۇرپان شەھىرى بېكىتكەن «تۆت چوڭ سانائەت يېتەكچى كەسپى»نىڭ بىرى، خېشېڭ كىرېمنىي كەسپى (پىچان) چەكلىك شىركىتى بۇ يىل يېڭىدىن 20 مىليارد يۈەن مەبلەغنى كۆپەيتىپ سېلىپ، يىلىغا 200 مىڭ توننا كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، 3- قاراردا يىلىغا 400 مىڭ توننا ئورگانىك كىرېمنىي، 3- قاراردا يىلىغا 400 مىڭ توننا سانائەت كىرېمنىيسى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تۈرلەرنى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

 تۇرپان كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال، يېشىل يېڭى ئېنېرگىيە، نېفىت- تەبىئىي گاز خىمىيە سانائىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ يېتەكچى كەسىپنى چۆرىدەپ، ئەۋزەل كەسىپلەر ئارقىلىق كەسىپلەر توپى قۇرۇشنى تۇتتى، ئۈنۈملۈك سېلىنما ئارقىلىق مۇقىم ئېشىشنى تۇتتى، باغچە رايونى قۇرۇش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇشنى تۇتتى، ئالدىنقى ئىككى ئايدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى %34.6 ئېشىپ، شىنجاڭ بويىچە 2- ئورۇندا تۇردى.   

 1- ئايدىن 2- ئايغىچە، سانائەت ئىقتىسادى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشقان ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ئالتە بولۇپ، قومۇل شەھىرى ۋە تۇرپان شەھىرىدىن باشقا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ %34.4ئاشتى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ %25.4 ئاشتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ %11.2 ئاشتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ %10.7ئاشتى.

 سانائەت سېلىنمىسى يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشتى

 نۆۋەتتە، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ جىسۇن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 120 مىڭ توننا لىتىي كاربونات (1- قاراردا 60 مىڭ توننا) ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنىڭ 1- قارارلىق بارلىق ئاساسىي زاۋۇت ئۆيى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆگزىسى بىردەك يېپىلىپ، ئۈسكۈنە سۇپىسىنى پىششىقلاش، سىرتقى تام تاختىسىنى ئورنىتىش ۋە تېخنولوگىيە تۇرۇبىسىنى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ مىقدارلىق ئىشلەپچىقىرىش پىلانلاندى.

 جىسۇن لىتىي كانچىلىقى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، شىنجاڭ بازىسىنىڭ باش مۇدىرى جۇ لېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى لىتىي كاربونات تۈرى، 1- قارارلىق قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 30 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 1500 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چاقىلىقنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئۆز جايىدا ئىقتىسادىي ئەۋزەللىك ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك باتارېيە كەسپى ۋە چاقىلىق ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

 2- ئاينىڭ 10- كۈنى، تۇرپان شەھىرى 2023- يىللىق 1- پەسىلدىكى مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى مۇھىم، زور تۈرلەردىمۇ ئارقا- ئارقىدىن ئىش باشلاندى، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇھىم، زور تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلىنىش دولقۇنى تېز كۆتۈرۈلدى.

 ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئاپتونوم رايوندىكى 50 مۇھىم، زور سانائەت تۈرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدا ئىش باشلاندى (ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى). 50 مۇھىم، زور سانائەت تۈرىنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى 300 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، 2023- يىلى 48 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئوتتۇرا قىسىم خېشېڭ كىرېمنىي چەكلىك شىركىتىنىڭ گەنچۈەنپۇ 200 مىڭ توننىلىق كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، جىسۇن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ چاقىلىق 120 مىڭ توننا باتارېيە دەرىجىلىك لىتىي كاربونات (1- قارارلىق 60 مىڭ توننا)، شىنجاڭ جۇڭتەي جىنخۇي پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 300 مىڭ توننىلىق 1، 4 -  بۇتىل گىلىكول(BDO) قاتارلىق 33 تۈردە ئىش باشلاندى (ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى)، ئىش باشلاش (ئەسلىگە كەلتۈرۈش) نىسبىتى %66 بولدى؛ جەمئىي 2 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يىللىق پىلاندىكى سېلىنمىنىڭ %5ى تاماملاندى.

 1- ئايدىن 2- ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە سانائەت سېلىنمىسى %22.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە سانائەت سېلىنمىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 12.3 پىرسەنت پوئېنت، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 11.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. «سانائەت سېلىنمىسى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق كۈچ بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سېلىنما ۋە ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى» دېدى گو رۇيبىن.

 نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى

 نۆۋەتتە، جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى ھەر مىنۇتىغا 70 توننىدىن ئارتۇق نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، تارىم نېفىتلىكى ئىشلەپچىقارغان نېفىت- تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى 6 مىليون 70 مىڭ توننا، تەبىئىي گاز 100 مىليون 600 مىڭ كۇب مېتىر بولدى.

 بۇ يىل، شىنجاڭ ئىچىدىكى نېفىت- تەبىئىي گاز كارخانىلىرى نېفىت- تەبىئىي گاز چارلاش- ئېچىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، تۆۋەن ئۈنۈملۈك قۇدۇقلاردا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇردى، 1- ئايدىن 2- ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشتى، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى %2.4 ئاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەملىكەت بويىچە كۆمۈر بازىرىنىڭ ئېھتىياجى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، كۆمۈر باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ھالەتنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشى تەڭ جانلىنىپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئېشىپ، توك ئىشلىتىش يۈكى يۇقىرى ھالەتنى ساقلىدى.

 بىرقاتار ياخشىلانغان ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، 1- ئايدىن 2- ئايغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق سانائەت ساھەلىرى ئىچىدە، كۆمۈر ساھەسى، پولات- تۆمۈر ساھەسى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ساھەسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ساھەسىنىڭ قوشۇلما قىممىتى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇردى، نېفىت ساھەسى، خىمىيە سانائىتى ساھەسى، رەڭلىك مېتال ساھەسى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى مۇقىم، بىرقەدەر تېز ئاشتى.

 ھازىرغىچە شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى 2138 ئاپتوموبىل زاكىزى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىلىندىغان ئاپتوموبىل 1227 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %180 ئاشتى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق پايدىلىق ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە، توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش جابدۇقلىرى ھەم يېزا ئىگىلىك ماشىنا جابدۇقلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار ئېھتىياجى جانلاندى، زاكاز يېتەرلىك بولدى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشى تەڭ جانلاندى.

 گو رۇيبىن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز <قىيىنچىلىق بولسا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرىنى ئىزدەش> پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى، مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىمكانقەدەر تېز مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشى، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرى ئامبىرىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىغا بېرىپ مۇھىم، زور نېفىت خىمىيە، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تۈرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، خام نېفىت مۇھىم ئامىلىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرگە پائال تۈرتكە بولۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىشى، قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125