ما شىڭرۇي ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن كۆرۈشتى
گېزىتىمىز تاشكەنت 3- ئاينىڭ 29- كۈنى خەۋىرى جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى 3- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۆزبېكىستاندا زىيارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي شۇ كۈنى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن كۆرۈشتى.
ما شىڭرۇي ئالدى بىلەن مىرزىيويېفقا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سالىمى ۋە تىلىكىنى يەتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ جانابلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى سىجىل مۇستەھكەملىنىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە غەيرەت- شىجائەتكە تولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا تىنچ- ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ئۈمىد زور. مېنىڭ بۇ قېتىم زىيارەتكە كېلىشىم ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارىسىدىكى دوستانە ئالاقە ۋە يېشىل ئېنېرگىيە، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىپ، جۇڭگو- ئۆزبېكىستان دوستلۇقىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈشكە شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش ئۈچۈندۇر.
چېن ۋېيجۈن، جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار پائالىيەتكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)