گېزىتىمىز تاشكەنت 3- ئاينىڭ 29- كۈنى خەۋىرى 3- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە، تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف بىلەن كۆرۈشتى.
ما شىڭرۇي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان ھەر ئىككىلىسى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مەدەنىيلىك قەدىمىي دۆلىتى بولۇپ، ئورتاق ھالدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالماشتۇرۇش، بېرىش- كېلىش قىلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىن ئىبارەت دوستلۇق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف قويۇق ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يول باشلاپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، جۇڭگو − ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستان ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىق ھەمراھلىرى، يېزا ئىگىلىك، ئىقتىساد- سودا، پەن- مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى كەڭ ۋە چوڭقۇر. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن «يېڭى ئۆزبېكىستان» ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، سودا، سېلىنما، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، پەن- تېخنىكا، مائارىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو − قىرغىزىستان − ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي بەخت- سائادەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت ئوبلاستى، سەمەرقەنت ئوبلاستى بىلەن دوستانە شەھەر مۇددىئانامەسى ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار كارخانىلىرى ھەمكارلىق تۈرلىرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ياڭ شيۇلى، جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)