تاشقى سودىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نېمىگە تايىنىپ مەملىكەت بويىچە ئالدىدا ماڭدى
22:10:51 2023-03-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  − ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدىكى يارقىن نۇقتىلارغا نەزەر

 

ئاپتوموبىللار قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن چىقماقتا (3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تارتىلغان). بۇ يىلدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئوچۇق ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلدى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئومۇمىي قىممىتى 9 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %76.8 ئاشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

 يېقىندا، ئۈرۈمچى تاموژنىسى شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 44 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%86.4 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق مەملىكەت بويىچە ئالدىدا مېڭىپ، 1- ئورۇندا تۇردى. بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى ئىزچىل ئېشىشنى ساقلىدى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا يەنە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى كۈتۈۋېلىپ، ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملاشتۇردى.

 پورتلارنىڭ راۋانلىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىشقا تىرەك بولدى

3- ئاينىڭ 23- كۈنى، بىر تۈركۈم كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار ئالتاي تاموژنىسىدا ئىلتىماس قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلىنىپ تايكېشكىن پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، گېرمانىيەگە توشۇلدى. بۇ، تايكېشكىن پورتى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنىڭ گېرمانىيەگە توشۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارىتا «B تۈردىكى يۇقۇمنى B تۈر بويىچە باشقۇرۇش» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قۇرۇقلۇق پورتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىمپورت- ئېكسپورت يۈك توشۇلۇش مىقدارىدا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭ پورتلىرىدىن ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنغان يۈك مىقدارى 9 مىليون 733 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت قىلىنغىنى 1 مىليون 909 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئاشقان.

پورتلارنىڭ راۋانلىقى خەلقئارا يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن كارخانىنىڭ يېڭى كەسىپلەرنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى. شۇفەن خەلقئارا تىرانسپورت مۇلازىمەت (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتى قۇرۇقلۇق تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لى شياۋشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: كارخانىمىز دۆلەت ئىچىدىكى قۇرۇقلۇق پورتى بار نۇرغۇن ئۆلكە بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، شىنجاڭ قۇرۇقلۇق پورتى سانى كۆپ رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار ھەمكارلىشىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ يىلدىن بۇيان، كارخانىمىز شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، بۇ قېتىم تايكېشكىن پورتى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئېكسپورت قىلىنىدىغان ماللارنى گېرمانىيەگە توشۇشنى تېزلەتتى. 

ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى لى چىڭخۇا مۇنداق بىلدۈردى: پورت ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋان بولۇشى شىنجاڭنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىغا تىرەك بولۇۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. بۇ يىلدىن بۇيان، خەلقئارا بازار ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك ئاستىلاپ، دۆلىتىمىز تاشقى سودىسىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئاپتونوم رايونىمىز پورتلارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئائىت 23 تۈرلۈك تەدبىرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىدا بىرقەدەر كۈچلۈك ئېلاستىكلىقنى نامايان قىلدى.

پۇقراۋى كارخانىلار يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى

«شىركىتىمىزدە ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي گۇۋاھنامىسىنى بېسىپ چىقىرىشقا ئالاقىدار كەسىپلەر بىر قەدەر كۆپ. ئىلگىرى ئالدى بىلەن تاموژنىغا بېرىپ قۇرۇق گۇۋاھنامە ئىلتىماس قىلىپ، ئاندىن توردا ئىلتىماس قىلاتتۇق، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، بېسىپ چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تاموژنىغا قايتىپ بېرىپ ئىمزا قويدۇرۇپ، تامغا باستۇراتتۇق. ھازىر كۆپ قولايلاشتى، ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جايدىكى ئۇنىۋېرسال ئاپتوماتىك مۇلازىمەت تېرمىنال ئۈسكۈنىسىدىلا ئاپتوماتىك بېسىپ چىقارغىلى بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئىككى كۈنلۈك ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىمىزنى تېجەپ بەردى» دېدى شىنجاڭ شىنداياڭ تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لى جياخاۋ.

ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي ئۇنىۋېرسال ئاپتوماتىك مۇلازىمەت تېرمىنال ئۈسكۈنىسى قەشقەر تاموژنىسى كارخانىلارنىڭ كەسىپلەرنى تېز سۈرئەتتە بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن يولغا قويغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەدبىرى بولۇپ، ئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي گۇۋاھنامىسىنى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىش» بىلەن «ئۆزى بېسىپ چىقىرىش» قاتارلىق قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈپ، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى «ھەقسىز بېجىرىش، ھەرۋاقىت بېجىرىش، ھەممىلا جايدا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، قەشقەر تاموژنىسى «بىرگە بىر» «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر»دىن ئىبارەت دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمى، «كارخانىلار ئۈچۈن ئون ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش تىزىملىكى» قاتارلىق بىر قاتار مۇلازىمەت بىرىكمە مۇشتىنى يولغا قويدى. تىجارەت- سودا مۇھىتىنىڭ سىجىل ئەلالىشىشىنىڭ پايدىسىدا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايلىق ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %72.2 ئاشتى.

«ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى پۈتۈن شىنجاڭ ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %96.2 ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىپادىسى جانلىق بولۇپ، تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى» دېدى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۇ چېڭ.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، «ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى(2022- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە)» ئېلان قىلىنىپ، 11 جەھەتتىكى ئىجادىي تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى.

باھار كېلىپ دەريا سۈيىنىڭ ئىللىغانلىقىنى ئاۋۋال ئۆردەك بىلىدۇ. ئەڭ جانلىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان پۇقراۋى كارخانىلار سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق تەرەققىيات ئىشەنچىنى دەلىللىدى. بۇ يىل 2- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭدا ئەمەلىي ئەنگە ئېلىنغان تاشقى سودا كارخانىسى 15 مىڭ 308 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئاشقان، ئىمپورت - ئېكسپورت ئەمەلىي نەتىجىسى بار تاشقى سودا كارخانىلىرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.9 ئاشقان.

نۇقتىلىق كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش تېز ئالغا سىلجىتىلدى

ئالاتاۋ پورتى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا جايلاشقان ئالاتاۋ پورتى جىنمۇ بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئاشلىقنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسى بولۇپ، ئاساسلىقى ئاشلىق، ياغ، يەم- خەشەكنى ئىنچىكە پىششىقلاش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت كۈنىگە 100 توننا يېمەكلىك ياغ ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ، يىللىق پىششىقلاش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى 400 مىڭ توننا بولۇپ، بازاردا سېتىلىش يولى كەڭ. 

«بىز ئاساسلىقى قازاقىستاندىن خام ماتېرىيال ئىمپورت قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش- پىششىقلاش ئېلىپ بارىمىز، مەھسۇلاتلىرىمىز ئاساسلىقى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە سېتىلىدۇ. يېتەرلىك خام ماتېرىيال بولغاچقا، بىز كۈندىلىك پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 700 توننا ئەتراپىدا ساقلاپ كەلدۇق» دېدى ئالاتاۋ پورتى جىنمۇ بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ خەيچۇەن. بۇ يىل، بۇ كارخانا ئۈچىنچى قارارلىق تۈرنى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى باشلىدى، يېڭى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆپەيتتى، ئىمپورت قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. 

بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار، تارماقلارمۇ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭنىڭ پىششىقلاش سودىسى شەكلىدىكى ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %465.5 ئاشتى. 

لى چىڭخۇا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىچكى- تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئۆلكىلەرنىڭ بىرى، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ رايون، سىياسەت، بايلىق ئەۋزەللىكى ھەمدە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى چۆرىدەپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئېنېرگىيە، كان مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزۈپ، بىر تۈركۈم ئىچكى- تاشقى سودا بىر گەۋدىلەشكەن پىششىقلاش كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرۈپ، «كەسىپ ئارقىلىق تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى سودا ئارقىلىق كەسىپنى كۈچەيتىش»تىن ئىبارەت دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ يول ئىقتىسادىدىن كەسىپ ئىقتىسادىغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125