− ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدىكى يارقىن نۇقتىلارغا نەزەر
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن)
شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يىل بېشىدىكى سانلىق مەلۇمات «چوڭ سوۋغات سومكىسى»دا، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمى كۆزنى چاقناتتى.
ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئايدىن 2- ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 5.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 5- ئورۇندا تۇرغان.
تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى» بېسىلىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرىدىغان «تۇراقلاشتۇرغۇچ» مۇستەھكەملىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك سېلىنمىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش رولى گەۋدىلەنمەكتە.
سېلىنما ئۈنۈمدارلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى
2- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 100 مىڭ توننىلىق لىتىيلىق تۇز تۈرىدە ئىش باشلاندى، بۇ، يەرشارى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان لىتىي بايلىقىنى قېزىش، تاللاش، ئايرىش بىر گەۋدىلەشكەن تۈرنىڭ رەسمىي قوزغىتىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ھازىر، بۇ شىركەت تېخىمۇ زور ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوزغاتتى، يەنى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە بويىچە دۆلەت ئىچىدىكى باشلامچى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق جەھەتتىكى كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، 30 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ لىتىيلىق ئېلېكتىر يېڭى ئېنېرگىيە يېپىق ھالقىلىق كەسىپ زەنجىرىنى پەلەمپەيسىمان ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى.
شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھىنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى شىنجاڭنىڭ سانائەت سېلىنما ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
«ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلىرىنى چۆرىدەپ مەبلەغ سېلىشنى زورايتىپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش ھازىرغا پايدىلىق ھەم كەلگۈسىگە نەپ يەتكۈزىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۈن جۇڭجېن.
بۇلتۇرقى بىرقەدەر يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتى داۋاملاشتى، ئالدىنقى ئىككى ئايدا شىنجاڭنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىدا، سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.3 ئېشىپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 12.5 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
بۇنىڭ ئىچىدە، كانچىلىق سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.5 ئاشتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ۋە سۇ ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %85.8 ئاشتى.
ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 35.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 8.3 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
رايونلار بويىچە شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما نەتىجە تىزىملىكىگە قارىغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاشقان. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.2 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %44.3 بولۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 6.5 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.
ھازىر، تەرەققىيات نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ ئاشۇرۇش بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى.
«ئۈنۈملۈك سېلىنما ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن، بولۇپمۇ ھازىرقى شىنجاڭدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان <ئۈچ ئاتلىق ھارۋا> ئىچىدە، سېلىنما پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىدا ئىنتايىن مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينايدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كۇيرەن.
بۇلتۇر، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7.6 ئېشىپ، GDPغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشانىدا تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %11 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش بېكىتىلدى.
تۈر قۇرۇلۇشىنى بالدۇر تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش
2- ئاينىڭ 10- كۈنى، تۇرپان شەھىرى شىنجاڭ بويىچە ئالدى بىلەن 2023- يىللىق 1- پەسىلدىكى مۇھىم، زور تۈرلەردە مەركەزلىك ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئارقىدىن خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى مۇھىم، زور تۈرلەردىمۇ ئارقا- ئارقىدىن ئىش باشلاندى، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇھىم، زور تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلاش دولقۇنى تېز سۈرئەتتە كۆتۈرۈلدى.
«تۈر قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇردى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى» دېدى قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى غۇلامجان رېھىم.
بۇ يىل قومۇل شەھىرى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيە ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانى، كەسىپ سىياسىتى، سېلىنما يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»، قومۇل شەھىرىنىڭ «ئالتە چوڭ يېتەكچى كەسىپ»ىنى چۆرىدەپ، جەمئىي 232 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭغا جەمئىي 318 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، يىللىق مەبلەغ سېلىش پىلانى 46 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولدى.
«2023- يىلى، بىز مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى <تۇراقلاشتۇرغۇچ> لۇق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىمىز» دېدى ۋاڭ كۇيرەن.
دىققەتنى «تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت يىللىق مەبلەغ سېلىش نىشان ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ يىل شىنجاڭ نۇقتىلىق تۈردىن 400نى يولغا قويۇپ، 300 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.
«تۈر ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى> ۋە <ئالتە چوڭ ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى> قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان، قۇرۇلمىنى تەڭشەيدىغان، زاپاس كۈچنى ئاشۇرىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، كۈچەپ خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سېلىنما ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سېلىنمىنىڭ تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى سىجىل كۈچەيتىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ.
سېلىنما مېخانىزم كاپالىتىنى سىجىل پۇختىلاش
تەرەققىيات تۈر تىرىكىگە تايىنىدۇ، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش مېخانىزم كاپالىتىگە تايىنىدۇ.
«دىققەتنى نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، نۇقتىلىق ساھەلەر، نۇقتىلىق كارخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىز تۈر قۇرۇلۇشىدا <قىشتا ئاساس سېلىش>، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مۇلازىمىتى، تۈرلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدە نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش قاتارلىق مۇلازىمەت جەھەتتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يۈرۈشلۈك ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ تۈرلەردە سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىش باشلاش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق» دېدى جاڭ يۇڭلياڭ.
مەبلەغ تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئاپتونوم رايون مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى بىلەن بولغان دوكلات ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومى، سىياسەت خاراكتېرلىك، تەرەققىيات خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالى قاتارلىق مەبلەغ مەدىتى ۋە سىياسەت مەدىتىنى پائال قولغا كەلتۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلەرنى تۇتۇش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش تۈر مەخسۇس قەرز پۇل «مەبلەغ كۆلچىكى»دىن سىجىل ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىرېدىت ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، خەلق ئىچى كاپىتالىنى تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە كۆچمەس مۈلۈك سېلىنمىسى، ھاۋالىلىك فوندنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، سېلىنمىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى تېز شەكىللەندۈردى.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايون شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەپ ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى مەبلەغ سېلىش كۆلىمى چوڭ بولغان نۇقتىلىق كارخانىلارنى ئاساس قىلىپ، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالاقە يولى بەرپا قىلىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى چوڭ كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدىكى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى زورايتىشىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ يىل، ئاپتونوم رايون يەنە مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، سېلىنما ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سېلىنما سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈردى.
بىر قاتار خىزمەتلەرنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلغانلىقىغا شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايدا تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدەك جاۋاب بېرىلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا، ھەربىر مۇھىم، زور تۈر ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان زاپاس كۈچكە ئايلىنىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالماقتا.