ئانار بۇلۇت ساغلاملىق ھەمراھى | جىمىغۇرلۇق كېسىلىنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ
21:03:25 2023-04-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 بۈگۈن، يەنى 2023- يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى 16- قېتىملىق دۇنيا جىمىغۇرلۇق كېسىلى كۈنى. 

 جىمىغۇرلۇق كېسىلى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆمۈرلۈك تەرەققىيات توسالغۇسى بولۇپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۈچ ياشتىن بۇرۇن كۆرۈلىدۇ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلار. كېسەل بولغان بالىلارنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، نورمال تىل ئالاقىسى قىلالمايدۇ ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى كەمچىل بولىدۇ.

 كىشىلەرنىڭ جىمىغۇرلۇق كېسىلىگە بولغان ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، دەسلەپكى باسقۇچتىلا داۋالاشنى قولغا كەلتۈرۈپ بىمارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، 2007- يىلى 12- ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى قارار ماقۇللاپ، 2008- يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنىنى دۇنيا جىمىغۇرلۇق كېسىلى كۈنى قىلىشنى بېكىتكەن.

 بۇ يىلقى دۇنيا جىمىغۇرلۇق كېسىلى كۈنىنىڭ باش تېمىسى: «جىمىغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، جىمىغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلار ۋە كەسپىي خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەم ئۇلارنى قوللاش». مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق پىسخىكا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى ئادىلە دوختۇرنى زىيارەت قىلدى. ئادىلە دوختۇرنىڭ جىمىغۇرلۇق كېسىلىنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقى، جىمىغۇرلۇق كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى قانداق بولىدىغانلىقى، جىمىغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرىگە قىزىقسىڭىز، «ئانار بۇلۇت ساغلاملىق ھەمراھى» سەھىپىمىزنىڭ 8- سانىنى كۆرۈپ چىقىڭ.



(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿布列利木·艾则孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125