ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش
23:09:17 2023-04-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش

− جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنىڭ زىيارەتكە چىقىش نەتىجىسى مول بولدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

 3- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتكە چىقىش رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22- قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق ئەمەلىي ھەرىكەت. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، زىيارەت ئۆمىكى زىيارەتتە بولغان دۆلەتلەر بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار كۆرۈشۈش، كېڭىشىش- سۆھبەتلىشىش، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دوستانە شەھەرلەر ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلارنى كۆپلەپ قانات يايدۇردى، سەپەر زىچ، نەتىجە مول بولدى.

 كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، ھاسىلات مول بولدى

 «بىزنىڭ ھاسىلاتىمىز مول بولدى، كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن، A تەرەپ بىزگە ئەتە- ئۆگۈن ئىچىدە زاكالەت ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى كاڭ خېپىڭ.

 بۇ قېتىم زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە، شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قازاقىستاندىكى بىر كارخانا بىلەن ئالكىللاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ھەمكارلىق تۈرى كېلىشىمى ئىمزالىدى.

 «مېنىڭچە شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ باھارى يېتىپ كەلدى.» كاڭ خېپىڭ مۇنداق دېدى: «قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىز دەرھال بەنزە تەشكىللەپ، ئۆمەك قۇرۇپ، ھەرقايسى تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. كەلگۈسىدە شىركىتىمىز داۋاملىق دىققەتنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى، چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەيدۇ».

 بىر قېتىملىق كۆرۈشۈش مىڭ پارچە پوچتا يوللانمىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ قېتىم زىيارەت ئۆمىكى چەت ئەل تەرەپ كەسپىي ساھەسىدىكىلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈچ مەيدان كېلىشىم ئىمزالاش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى، «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر پاي چەكلىك شىركىتى، سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، خۇاديەن پەن- تېخنىكا سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 17 كارخانا ئۈچ دۆلەتنىڭ كارخانىلىرى بىلەن 750 مىليون دوللارلىق ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، يېزا ئىگىلىكى ھەمكارلىقى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ.

 بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، زىيارەت ئۆمىكى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدەندى.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى تىرانسفورموتورنى چاقماق سوقۇش سىنىقى قىلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە. نيۇ گوخۇا فوتوسى

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى كەسىپ زەنجىرى يېتەكچى كارخانىسى بولۇش ئەۋزەللىكى ۋە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنى يادرو قىلىپ، شىنجاڭنىڭ توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال بويىچە يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى يادرولۇق ئېلېكتىر سانائىتى جابدۇقلىرى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. زىيارەت مەزگىلىدە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق كېلىشىمى، ھاسىلىي ئېنېرگىيە تۈرىنى ئېچىش ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى، جۇڭگو- قىرغىزىستان 500 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش تۈرى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى قاتارلىقلارنى ئىمزالىدى.

 «بىز دەرھال كەسپىي تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى كوللېكتىپىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تارماقلىرى بىلەن پىلانلاپ لايىھەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز» دېدى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ شىن.

 ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىپ، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقى ئېچىش

 بۇ قېتىمقى ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىدا، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى قازاقىستان AE گۇرۇھى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ دالا يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئۈسكۈنىلىرى، كەيگۇەن ئىشكاپى، بىرىكمە زاپچاس قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئۈسكۈنىلىرىنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئاچىدۇ، بۇ، شىركەتنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى توپلاشتۇرۇپ سېتىش كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 قازاقىستان AE گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى سەيدۇللا كازابايېۋ مۇنداق دېدى: «ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، بىز قازاقىستان بازىرىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە، يەنە رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قازاقىستاننى شىنجاڭ جابدۇقلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى قىلىپ بەرپا قىلىمىز».

 بۇ بىر قېتىملىق قوش يۆنىلىشلىك ئاتلانغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان زىيارەت بولدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، زىيارەت ئۆمىكى ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنى نىشانلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىيارەتكە بارغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ ئىقتىساد- سودا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

 «مېنىڭچە ئىمزالانغان ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆزئارا پايدا- مەنپەئەت يەتكۈزۈلىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىنىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى جاڭ شىن.

 «دۆلىتىمىز مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان جايلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ياخشى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە.» ئۆزبېكىستان BMB سودا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرى دادازونوۋ مىرزامۇراد مۇنداق دېدى: «بىز جۇڭگو شىنجاڭدا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئىسكىلات قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز، بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ مال تاپشۇرۇش مىقدارىمىز تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ».

 قىرغىزىستان BTK چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئۇلان سادىقوۋ مۇنداق دېدى: «ھازىر دۇنيادا ئۆزگىرىش ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، بىز چوقۇم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. شەھەرلەردىكى ئاپتوموبىل قىستاڭچىلىقى نۇرغۇن مەسىلە ئېلىپ كەلدى، بىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، بۇ ئارقىلىق شەھەر ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ».

 ئىقتىساد- سودا ئالاقىسى قىلىپلا قالماي، ھەرقايسى تەرەپلەر يەنە تېخىمۇ كەڭ ساھەدە ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

 بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا قازاقىستان ئاستانا شەھەرلىك 2- بالىلار دوختۇرخانىسى بىلەن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئۆزبېكىستان تاشكەنت دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك داشۆسى سەمەرقەنت شۆبە مەكتىپى بىلەن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2- دوختۇرخانا قىرغىزىستان ئوش ئوبلاستلىق دۆلەتلىك دوختۇرخانا بىلەن ئايرىم- ئايرىم ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

 «بىز ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالاقىدار ئىلمىي يىغىنلارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە چۈشىنىشىنى كۈچەيتىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گولياڭ.

 ئېچىۋېتىش ھالىتىدە دۇنيا بىلەن بىللە ئۇسسۇلغا چۈشۈش

 بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، خۇاديەن شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى زىيارەتكە بارغان ئۈچ دۆلەت بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى، جۇڭگو خۇاديەن پەن- تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە ۋاكالىتەن ئۆزبېكىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ناۋايى ئوبلاستى ۋە فەرغانە ئوبلاستىدا قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى؛ شىنجاڭ جىنفېڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، ئۆزبېكىستان ئولمالىق كانچىلىقى ۋە مېتاللۇرگىيە ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنى بىرلىكتە ئاچىدۇ.

 «بۇ قېتىمقى زىيارەت بىزنىڭ مەۋقەنى شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىشتەك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.» خۇاديەن شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر خەن سۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى پاكىز ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زىيارەت نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز».

 شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغان چەت ئەل كارخانىلىرىغا ھەر تەرەپلىمە نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىغان، بۇ ئىشەنچ جۇڭگونىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش سىياسىتى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۆپ خىل تەدبىرىدىن كەلگەن.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» چوڭ ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.

ئالاتاۋ ۋوگزالىنىڭ گۇرۇپپىلاش مەيدانىدا جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى يىغىلىپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. لۇڭ جېڭيۈ فوتوسى

 − ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى تەستىقلاندى ھەم قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، تۆت چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇش تەستىقلاندى.

 − ئۆتكەن بەش يىلدا، جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى يۈك تىرانسپورت يولىنىڭ ئىقتىدارى پۇختا ئاشتى، چېگرادىن ئۆتكەن نۆۋەتچى پويىز جەمئىي 29 مىڭ 400 قېتىمغا يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %23.6 ئاشتى، يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىز جەمئىي 5807 قېتىمغا يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9 ئاشتى.

 − دۆلەت ئىچى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان نېفىت- تەبىئىي گاز تىرانسپورت چوڭ يولى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، شىنجاڭ نىسپىي ھالەتتىكى بېكىنمە ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى.

 بۇ نەتىجىلەر شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشتىكى جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. «كېيىنكى قەدەمدە بىز ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، سېلىنما، مائارىپ، داۋالاش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلارغا دائىر كېلىشىملەرنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىشىغا تۈرتكە بولىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز يەنە شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى مۇنبىرى، شۇنداقلا تۈرلۈك كۆرگەزمە سۇپىلىرىدىن، بولۇپمۇ بۇ يىل ئېچىلىدىغان (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى قاتارلىق مۇھىم، زور تاشقى ئالاقە سۇپىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ چەت ئەل تەرەپ كارخانىلىرى بىلەن كەڭ دائىرىلىك، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، تاشقى مەبلەغ، تاشقى سودا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز».

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125