​ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى
23:15:51 2023-04-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

 گېزىتىمىز ئۈرۈمچى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرى لى ياڭ) 3- ئاينىڭ 31- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تاشقى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، يېشىل كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇش، 2023- يىللىق ھۆكۈمەت مەمۇرىي نىزام چىقىرىش خىزمىتى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، مەۋقەنى «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربتىن چىقىرىش» «غەربتىن كىرگۈزۈش، شەرقتىن كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، «سىرتقا چىقىرىش، تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈش» سالمىقىنى زورايتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىلىكلەرنىڭ دوستانە ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، پەن- تېخنىكا، مائارىپ، داۋالاش، ساياھەت، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلغاندا شەكىللەندۈرگەن بىر قاتار ھەمكارلىق مەزمۇنىغا سېلىشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، كونكرېت لايىھەنى تۈرمۇتۈر تەتقىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ نۆۋەتتە بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان كىرېمنىينى ئاساس قىلغان ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنىڭ مەھسۇلات قىممىتى سىجىل ئېشىپ، مەھسۇلات تۈرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، مەھسۇلات مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، يېشىل كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولدى. مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، سىياسەت، سۇپا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق مۇھىم ئامىللار كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسىپلەر بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، كىرېمنىي يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، كىرېمنىي خىمىيە سانائىتى، كىرېمنىي قېتىشمىسى، كىرېمنىي ئېلېكتىرونى قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سىجىل ھالدا زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كېڭەيتىپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ ۋە بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئەتىيازلىق ئېتىز پەرۋىشىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى رايون ھالقىپ تەڭشەش، يۆتكەپ توشۇشنى ياخشى ئىشلەپ، توردا ۋە تور سىرتىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، پىششىقلاش، ساقلاش ۋە ئىستېمال قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاشلىق، ياغ مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم قىلىش- يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ تېخىمۇ باياشات، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، يېزا- كەنتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار 2023- يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتى پىلانى بويىچە، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نىزام چىقىرىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىي ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، نىزام چىقىرىش تۈرلىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نىزام لايىھەسى، ھۆكۈمەت قائىدىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزئارا جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نىزام چىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

 يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125