​بۇ يىل تۇنجى قېتىم قەشقەردىن تاشكەنتكە ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى
20:50:46 2023-04-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، خەن چىنيەننىڭ جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 4- ئاينىڭ 2- چۈشتىن بۇرۇن، بىر يۈك پويىزى قەشقەر تۆمۈريول يۈك مەيدانىدىن ئاستا- ئاستا چىقىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنتكە يۈرۈپ كەتكەن. بۇ، بۇ يىل تۇنجى قېتىم قاتنىغان قەشقەردىن تاشكەنتكە بارىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى ئىكەن.

بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزىغا 1500 توننا رەخت، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار قاتارلىق يۈك لىق قاچىلانغان بولۇپ، قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، تەخمىنەن 4500 كىلومېتىر ئومۇمىي مۇساپىنى بېسىپ، 12 كۈندە مەنزىلگە يېتىپ بېرىشى مۆلچەرلەندى.

«بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى شىركىتىمىزنىڭ تاۋار پۈتۈشۈش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ ھەم قەشقەرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەت ئەللەرگە سېتىلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئۆلچىمى تېخىمۇ يۇقىرى، مال مەنبەسى تېخىمۇ كەڭ، تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولغان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى شەكىللەندۈرىدۇ» دېدى شىنجاڭ كاشۈن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇئەلى ئابدۇرۇسۇل.

بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتنىشى دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا يەنىمۇ كۈچ قوشۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىز تىرانسپورت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتى، ھەتتا شىنجاڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاۋارلارنى «سىرتقا چىقىرىش»نى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى سىياسەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، رايون ئورنى، بايلىق، كەسىپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت كۆلىمىنى تېز ئاشۇرۇپ، تاشقى سودا تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇ يىل 1- ئاي، 2- ئايدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت سودا سوممىسى 8 مىليارد 750 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %68.6 ئاشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125