ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاپ، گۈزەل جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىش كېرەك
لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى
4- ئاينىڭ 4- كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يامغۇرغا قارىماي بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىدىكى دۇڭبا مەركىزىي باغچىسىغا كېلىپ پايتەخت مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىللە كۆچەت تىكمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پايتەختتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدۇ، يېشىللىق بەرپا قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا، دۆلىتىمىزدە جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش قىزغىن دولقۇنى تەدرىجىي كۆتۈرۈلىدۇ. بۈگۈن، بىزنىڭ بىرلىكتە كۆچەت تىكىشكە قاتنىشىشىمىز كۆپچىلىكنى ھەرىكەتكە كېلىپ، بىپايان ۋەتەن زېمىنىدا يېشىللىق بەرپا قىلىپلا قالماي، يەنە كەڭ خەلقنىڭ قەلبىگە يېشىللىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۈمىدكە تولغان باھارنى ئورتاق كۈتۈۋېلىپ، گۈزەل جۇڭگونى ئورتاق قۇرۇشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈندۇر.
بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى كەڭ تۇپراقتا، باھار يامغۇرى ياغدى، باھار تۈسى مەۋج ئۇردى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار كوللېكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، يامغۇرغا قارىماي بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونىدىكى دۇڭبا مەركىزىي باغچىسىغا جايلاشقان كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا كېلىپ، پايتەختتىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشكە قاتناشتى.
كۆچەت تىكىش نۇقتىسى بېيشياۋخې دەرياسى بىلەن باخې دەرياسى قوشۇلغان جايدىكى دۇڭبا مەركىزىي باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 300 مو كېلىدۇ. بۇ بۆلەك يەر ئەسلىدە دۇڭبا يېزىسى دۇڭفېڭ كەنتى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ، كۆچۈرۈش، بوشىتىپ قايتۇرۇش ۋە مۇھىتنى تۈزەش ئارقىلىق، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئالاھىدىلىك قىلغان ئېكولوگىيە بوشلۇقى بەرپا قىلىش پىلانلانماقتا. دۇڭبا مەركىزىي باغچىسىدا مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشكە قاتناشقان پايتەختتىكى كادىرلار، ئامما، پىيونېرلار قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەۋاتاتتى.
باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ يامغۇرلۇق چاپاننى كىيىپ، گۈرجەكنى ئېلىپ كۆچەت تىكىش ئورنىغا بېرىپ، بېيجىڭ شەھىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن بىللە كۆچەت تىكىۋاتقان كىشىلەر توپى سېپىگە قوشۇلدى.
توپا ئۇسۇپ ئورەك كولاش، كۆچەتكە توپا يۆلەپ قىر چىقىرىش، سۇ ئەكېلىپ سۇغىرىش... شى جىنپىڭ ئارقا- ئارقىدىن يوۋسۇڭ، شىفۇ تاشئالمىسى، گوخۇەي، شىزى دەرىخى، خۇڭرۇيمۇ قاتارلىق كۆچەتلەرنى تىكتى، نەق مەيداندا ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن ئەمگەك قىلغاچ، بىر تەرەپتىن بالىلارغا كۆچەت تىكىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى ھەم بالىلار بىلەن ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ، ئاتا- ئانىسىنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكى، باشلانغۇچ مەكتەپتە بىيولوگىيە دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان- ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقى، ئۆسۈملۈكنى قانچىلىك چۈشىنىدىغانلىقى، ھازىر تاپشۇرۇقنىڭ كۆپ ياكى كۆپ ئەمەسلىكى، دەرستىن سىرتقى تەكرارنىڭ كۆپ ياكى كۆپ ئەمەسلىكىنى سورىدى، ئۇلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بالىلارنى تەربىيەلەش كۆچەت تىكىشكە ئوخشايدۇ، باشتىلا تۈز تىكىش كېرەك، بولمىسا قىڭغىر ئۆسۈپ قالىدۇ.
كۆچەت تىكىپ بولغاندىن كېيىن، نەق مەيداندىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كادىرلار، ئامما چۆرىدەپ كەلدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ بىنا قىلغان سۈنئىي ئورمان كۆلىمى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنداقلا يەنە داۋاملىق ئورمان بىنا قىلىۋاتىمىز. يەرشارىنى كۆكەرتىش، يەرشارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ياخشىلاشقا جۇڭگو ئۆچمەس تۆھپە قوشتى، جۇڭگو خەلقى ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. ئورمان ھەم سۇ ئامبىرى، پۇل ئامبىرى، ئاشلىق ئامبىرى، شۇنداقلا كاربون ئامبىرى. كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئالىيجاناب ئىش، شۇڭا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، سىجىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش جەريانىنى ئەسلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ پارتىيەنىڭ باش شۇجىسى بولغاندىن بۇيان 11- قېتىم كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىم، مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيانقى قاتناشقان قېتىم سانىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 16 قېتىم بولدى، يەنە فۇجيەن، جېجياڭ، شاڭخەيدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدىمۇ مەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتىم. ئۇ نەق مەيداندىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇنداق دېدى: سىلەرمۇ ئاتا- ئانا بولغاندىن كېيىن، بالىچاقىلىرىڭلارنى داۋاملىق كۆچەت تىكىشكە ئۈندەپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇڭلار، گۈزەل جۇڭگو مانا مۇشۇنداق قۇرۇپ چىقىلغان.
شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: مەن بېيجىڭدا چوڭ بولغان، يۇرت سېغىنىشىم كۆپىنچە دەرەخ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىلگىرى كونا بېيجىڭدىكى سىخېيۈەنلەرگە جەزمەن گوخۇەي دەرىخى، شىزى دەرىخى ياكى تاشئالما، ئانار، چىلان دەرىخى قاتارلىقلار تىكىلەتتى. بېيجىڭدا ئىلگىرى تېرەك، سۆگەت كۆپرەك تىكىلەتتى، چۈنكى بېيجىڭ تېرەك، سۆگەت ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان بىلەن كەڭ يوپۇرماقلىق ئورماننىڭ نىسبىتىنى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى جانلىقلار زەنجىرى، ئېكولوگىيە زەنجىرى تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. كۆكەرتىش ئاساسىدا رەڭدار بولۇشنى كۈچەيتىپ، بىر قىسىم ھەر خىل رەڭدىكى كۆچەت تۈرلىرىنى كۆپرەك تىكىپ، تىرىشىپ ئورمان بىلەن تولۇق قاپلانغان شەھەر قۇرۇپ، بېيجىڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، يېشىل تەرەققىيات دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسى. ئومۇمىي خەلق مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشنى قانات يايدۇرۇش دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. تەشكىللەش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش شەكلىنى بېيىتىپ، كەڭ ئاممىنىڭ مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىشكە قاتنىشىشىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، «پۈتۈن يىلدا مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، كۆپ خىل مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشقا قولايلىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بىز پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئىشنى كۆچەت تىكىشتىن باشلاپ، كۆپچىلىككە مەنسۇپ بولغان سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ ۋە بايلىق بەرپا قىلىپ، گۈزەل جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقايلى.
بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى قاتارلىقلار كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)