1- پەسىلدە شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى
− ئالدىن كۆرسەتكۈچلەر ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىگە گۇۋاھ بولدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ)
1- پەسىلدە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 55 مىليون 390 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. يۈك توشۇش مىقدارى ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ «بارومېتىرى»، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم ئالدىن كۆرسەتكۈچ. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كۈچلۈك، تەرتىپلىك بولدى، تاشقى سودا سىجىل ئاشتى، كۆپ خىل ئۇنىۋېرسال ئامىللار تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
4- ئاينىڭ 3- كۈنى، قومۇل يۈك توشۇش مەركىزىدە، قاچىلاش- چۈشۈرۈش خادىملىرى يۆتكەش- توشۇش ماشىنىسى بىلەن ئوراپ قاچىلانغان كوكسنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاش ئالدىدا. جاڭ جيې فوتوسى
ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش مىقدارى كۆپ بولدى
باش باھاردا، شىنجاڭنىڭ بىپايان يېزا رايونلىرىدا ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى.
ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچ بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۇختا يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ يىل ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى 4 مىليون 800 مىڭ مو كۆپەيتىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى تىرىشىپ 20 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا ئەتىيازدا تېرىلغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى 2 مىليون 500 مىڭ مودىن ئارتۇق بولۇپ، ئومۇمىي سۈرئەت بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولغان.
ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنىڭ سالمىقى زورايتىلىپ، سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيالىرىغا بولغان ئېھتىياج مۇناسىپ ئېشىپ، تۆمۈريول تىرانسپورتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
شىنجاڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيالىرى ئاساسلىقى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق توققۇز تۆمۈريول يۈك مەيدانىغا يەتكۈزۈلىدۇ، ھەر كۈنى 6000 توننىغا يېقىن خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كۆپلىگەن ناھىيە، شەھەرلەرگە توشۇلۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
خوتەن- چاقىلىق تۆمۈريولىدىكى چەرچەن، چاقىلىق تۆمۈريول يۈك مەيدانلىرىدا خىمىيەۋى ئوغۇت توشۇيدىغان پويىز يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، خىمىيەۋى ئوغۇت زاكاز قىلغان كەنت ئاھالىلىرى دەرھال دېھقانچىلىق ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كېلىپ يۈكنى ئېلىپ كېتىدۇ.
«ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيالىرىنىڭ توشۇلۇش مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ ئايدىكى تۆمۈريول توشۇش مىقدارىنىڭ مۇھىم ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىڭ. 1- پەسىلدە شىنجاڭ تۆمۈريولى جەمئىي توشۇغان خىمىيەۋى ئوغۇت، ئۇرۇق، يېزا ئىگىلىك ماشىنا- سايمانلىرى قاتارلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى 2 مىليون 595 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.8 ئاشتى.
كۆمۈر بازىرىدا ئېھتىياج كۈچلۈك بولدى
4- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالى- جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى شەرقىي جۇڭغار شىمالىي ۋوگزالى تيەنچى ئېنېرگىيەسى ئايلانما لىنىيەسىدە، بىر يۈك پويىزىغا لىق كۆمۈر قاچىلانغاندىن كېيىن، يەنە بىر پويىز ئايلانما لىنىيەگە كىرىپ كۆمۈر قاچىلاشقا تەييارلاندى.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ھەمدە شىنجاڭ سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجى ئاشتى. 1-، 2- ئايدىلا شىنجاڭنىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 75 مىليون 634 مىڭ 900 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.2 ئاشتى؛ سېتىلىش مىقدارى 72 مىليون 780 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.4 ئاشتى.
بازار ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتى مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالدى. 1- ئايدىن 2- ئايغىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا توشۇلغان كۆمۈر 23 مىليون 466 مىڭ 600 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى 9 مىليون 307 مىڭ 500 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.4 ئاشتى.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى توك، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى ھەمدە نۇقتىلىق سانائەت كارخانىلىرىنىڭ كۆمۈر زاپىسى، كۈندىلىك سەرپىياتى ۋە تۆمۈريول تىرانسپورت ئېھتىياجى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، توشۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كارخانىلارنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.
يىل بېشىدا، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمى ۋە ھەرقايسى يۈك تىرانسپورت مەركەزلىرى، ئىككى پورت ۋوگزالى تەۋەلىك رايونلارغا بۆلۈپ ماركېتىڭ گۇرۇپپىسى قۇردى، يۈك تىرانسپورت بۆلۈمى ئەھۋال ئىگىلەپ ئۇدۇللاشتۇرغان نۇقتىلىق كارخانا 48، ھەرقايسى يۈك تىرانسپورت مەركەزلىرى، پورت ۋوگزاللىرى ئەھۋال ئىگىلەپ ئۇدۇللاشتۇرغان كارخانا 173 بولۇپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كۆمۈر ئىشلىتىدىغان كارخانىلارنىڭ ئامبار زاپىسى ۋە كۆمۈر سەرپىيات مىقدارىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئىگىلەپ، كۆمۈر مەنبەسى ۋە ئېھتىياجىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، تىرانسپورت لايىھەسىنى ۋاقتىدا ئەلالاشتۇرۇپ، تەڭشەپ، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش سانى مۇقىم ئاشتى
4- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 1500 توننا مال لىق قاچىلانغان بىر پويىز قەشقەر تۆمۈريول يۈك مەيدانىدىن يولغا چىقىپ، قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، ئۆزبېكىستان تاشكەنتكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
قاتار- قاتار جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، ئۆرلەش ئەگرى سىزىقىنى شەكىللەندۈردى. 1- پەسىلدە، ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدىن قاتنىغان جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 1588 بولۇپ، پورتتىن ئۆتكۈزۈلگەن مال مىقدارى 3 مىليون 333 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.35، %23.8 ئاشتى؛ قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن قاتنىغان جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 1833 بولۇپ، پورتتىن ئۆتكۈزۈلگەن مال مىقدارى 2 مىليون 410 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4، %24.6 ئاشتى.
«بۇ، دۆلەت ئىچى بازار تەرەققىياتىنىڭ مۇقىم بولۇشى، خەلقئارا سودا ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى لى شىڭ.
ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 44 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %86.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى 40 مىليارد 650 مىليون يۈەن بولۇپ،%84.8 ئېشىپ، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %91.6ىنى ئىگىلىگەن؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى 1 مىليارد 180 مىليون يۈەن بولۇپ، %48.5 ئاشقان.
بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى نۆۋەتچى پويىزنىڭ پورت ۋوگزالىدىكى قاتناش ئۈنۈمىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆستۈردى.
ئالاتاۋ ۋوگزالى ئايلانما پويىزنىڭ توشۇشىنى تەشكىللەش ھەم كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى نەقلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، رايونلار ئارا توشۇش كۈچىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بېلەت چىقىرىپ يەتكۈزۈش ھەم ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، ۋاگون ئوبوروتى ۋە بوش ۋاگونلارنى ئىشلىتىشنى تېزلىتىپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ تەكشۈرۈش، لىنىيەنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋاگون ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش قاتارلىق ھالقىلارنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ قورغاس ۋوگزالى پورت تىرانسپورتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو قىلىپ، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىپ، ئىش ئورنىدىكى مەشغۇلات خادىملىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تەقسىملەپ، پەلەمپەيسىمان ئەترەت نۆۋەتلىشىپ مەشغۇلات قىلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنى 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي كۈتۈۋېلىش، يولغا سېلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.
«بىز شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ تېز تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، لىنىيە، ۋوگزال ئاساسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تاشقى سودا تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز قاتنىشىدا قوش نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى لى شىڭ.