ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
20:06:29 2023-04-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ ئۈزلۈكسىز پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا 2022- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، «2023- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى» «2023- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمەت ۋەزىپىسى بويىچە ئىش تەقسىماتى لايىھەسى» «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى (2023- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە)» مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىزگە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش- قىلالماسلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىخىي مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشنى توغرىلاپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكىرنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقى، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، سۆز ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە، زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىل ئورتاقلىقى ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات ئورتاقلىقى، قەلب ئورتاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، زامانىۋى مەدەنىي كەيپىيات يېتىلدۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەن ئىلغار مەدەنىيەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردىكى مەنىۋى مەدەنىيەت ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، جەزمەن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، سىجىل كۈچەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇقىم بولۇش − سىستېمىلىق پىلانلاپ، قەدەم رىتىمىنى ئىگىلەپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلمەسلىك، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق دېگەنلىكتۇر؛ ئىلگىرىلەش − بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر. زور كۈچ سەرپ قىلىپ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پائال تۈردە يول ئۈستىدە ئىزدىنىشى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىق كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 ياڭ چېڭ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125