2023- يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىسى ئېلان قىلىندى
ئالتە چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىسلاھات يېتەكچى قىلىنىپ، 14 ساھەدە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىلىدۇ
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى(ئىسلاھات ئىشخانىسى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئالتە چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىسلاھاتنى يېتەكچى قىلىپ، 14 ساھەدە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىدىكەن.
يېقىندا بېسىپ تارقىتىلغان «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2023- يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى» دېيىلدى)غا ئاساسەن، شىنجاڭ مەركەزنىڭ ئىسلاھات تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، ئېنېرگىيە بايلىقى بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە چوڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتقا كۈچەپ تۈرتكە بولىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشتا، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىشىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ؛ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى مۇھاكىمە قىلىنىپ تۈزۈلىدۇ؛ قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، خاس كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىنىدۇ.
يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، تىرىشىپ ئاشلىق ھوسۇلىنى 2 مىليون توننىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ مېۋە- چېۋە، كۆكتات كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى ۋە ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى يولغا قويۇلىدۇ؛ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت- تەدبىرلەر تۈزۈلىدۇ؛ يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ.
رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت يىرىك پىلانى تۈزۈلىدۇ؛ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈنۈمى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بۇ يىل شىنجاڭ يەنىلا نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، پەن- تېخنىكا، مائارىپ ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمىسى، دېموكراتىك سىياسىي، قانۇنچىللىق، مىللەت- دىن، تەشۋىقات- مەدەنىيەت، خەلق تۇرمۇشى، ئېكولوگىيە، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش، بىڭتۇەن ئىسلاھاتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- رېۋىزىيە، ئاپپاراتلار ئىسلاھاتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق 14 ساھەدىكى ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە يېڭى قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
«خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى»دا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تىجارەت- سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، بازار تىجارەت پائالىيىتىدىكى قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا جازانى كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئىناۋەت ۋەدىسى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىدۇ؛ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى، نېفىت- تەبىئىي گاز، رەقەملىك ئۇچۇر، ئېكولوگىيە- مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم كەسىپلەشكەن شىركەتلەر تەشكىللەپ قۇرۇلىدۇ؛ بازار سۇبيېكتلىرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش ھەرىكىتى ۋە پۇقراۋى كارخانىلار ئىچىدىكى مۇنەۋۋەرلەرنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىنى بېجىرىش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ سۇچىلىقتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر پىكىر تۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ سۇ تورى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى مۇھاكىمە قىلىنىپ تۈزۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلىپ، «ئاقىل سۇچىلىق» قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ.
خەلق تۇرمۇشى ساھەسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشتىكى تايانچ دۆلەت كارخانىلىرى تەشكىللەپ قۇرۇلۇپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى پائال كېڭەيتىلىدۇ؛ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى رايون مەركىزىي دوختۇرخانىلىرى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇلۇپ، زىچ تىپتىكى شەھەر داۋالاش گۇرۇھى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ.
ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، يېزا- بازار(كوچا باشقارمىسى)غا قانۇن بويىچە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ؛ يېزا- بازار(كوچا باشقارمىسى)دا جەمئىيەت خىزمىتى پونكىتى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ؛ «ئاساسىي قاتلامدا بىر جەدۋەل بولۇش» ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىدۇ.
پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، «بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانى» «كادىرلارنىڭ كەسىپلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانى» يولغا قويۇلىدۇ؛ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە دائىر بىرقانچە تەدبىر تۈزۈلىدۇ؛ يېزا مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش پىلانى يولغا قويۇلىدۇ؛ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.
«خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى»دا يەنە بىر تۈركۈم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەندە مۇھىم، زور ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتا ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق كەڭ دائىرىلىك ئىسلاھاتنى كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبە، ئۇسۇللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.