ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈرلۈك زىيارەتكە چىقىش نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
11:33:23 2023-04-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي)

«زاكالەتنى تاپشۇرۇۋالدۇق. نۆۋەتتە تۈرلەر لايىھەلەش، ياساشتىن تارتىپ تەڭشەشكىچە بىر- بىرلەپ ئېلىپ بېرىلىپ، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ» دېدى 4- ئاينىڭ 7- كۈنى، شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى كاڭ خېپىڭ مۇخبىرغا.

3- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىدا بىرقاتار ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

زىيارەت مەزگىلىدە، شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قازاقىستاندىكى بىر كارخانا بىلەن ئالكىللاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ھەمكارلىق تۈرى كېلىشىمى ئىمزالىدى، نۆۋەتتە، تۈر بەلگىلەنگەن مۇددەتتە تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا.

«بۇ تۈر قازاقىستاننىڭ بۇ ساھەدىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى. كېيىنكى قەدەمدە بىز A تەرەپ بىلەن لايىھەنى بېكىتىپ، ياز پەسلىدە قۇرۇلۇش قىلىپ، كۈز پەسلىدە قۇراشتۇرۇپ، كېلەر يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈستىدە پىلان تۈزىمىز» دېدى كاڭ خېپىڭ.

بۇ قېتىمقى «سىرتقا چىقىش» ۋاقتى ئۇزاق بولمىسىمۇ، لېكىن يارقىن نۇقتىلار بەس- بەستە نامايان بولدى. بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا، جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتتە يۇقىرى قاتلاملىقلار كۆرۈشۈش، كېڭىشىش- سۆھبەتلىشىش، ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقى، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دوستانە شەھەرلەر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۇدا قانات يايدۇردى، شىنجاڭدىكى 17 كارخانا ئۈچ دۆلەتنىڭ كارخانىلىرى بىلەن 750 مىليون دوللارلىق ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، يېزا ئىگىلىكى ھەمكارلىقى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى پائال ئالغا سىلجىتىلماقتا.

«زىيارەت ئاخىرلاشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان بىر ھەپتە ۋاقىتتا، 100دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلنى يولغا سالدۇق» دېدى ئىلى شىڭخې سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دياۋ جېڭلىن.

بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، بۇ شىركەت ئۆزبېكىستاندىكى بىر كارخانا بىلەن 1420 نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش- سېتىش توختامى ئىمزالىدى، قىرغىزىستاندىكى بىر كارخانا بىلەن 1890 نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش- سېتىش توختامى ئىمزالىدى، نۆۋەتتە ئاپتوموبىللار تەرتىپلىك يولغا سېلىنىۋېتىپتۇ.

«نەتىجىلەر ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى، بىز بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بازىرىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىمىز» دېدى دياۋ جېڭلىن.

قانداق قىلىپ تۆمۈريولنىڭ مال كىرگۈزۈش- چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، چېگرا بويى لىنىيەلىرىدىكى ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدا ھەرقايسى تەرەپلەر كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەر بولدى. شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق پورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن قازاقىستان دۆلەت تۆمۈريول شىركىتى «دۆلەت ھالقىغان تۆمۈريول رەقەملىك سودا تالونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى»نى بىرلىكتە قۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

«چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىكى سودا مىقدارىنىڭ تەدرىجىي ئېشىشىغا ئەگىشىپ، رەقەملىك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، رەقەملىك سودا ئىنتايىن مۇھىم بولماقتا، بۇ تۈرنىڭ قۇرۇلۇشى ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئالاقىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.» شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق پورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ شياۋجيەن مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە بىز ئەمەلىي تالون سىنىقى ئېلىپ بارىمىز، ئەمەلىي سىناقتا تەڭشەش تاماملانغاندىن كېيىن، سۇپا ناھايىتى تېزلا ئىشلىتىلىشكە باشلايدۇ، بۇ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن سودا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رايون ھالقىغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق».

جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاغ- دەريالىرى تۇتاش، ئادىمىيەت جەھەتتىن يېقىن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، پەن- تېخنىكا، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرىدىغان «قەلبداشلىق كۆۋرۈكى»نى مۇستەھكەملىدى.

2017- يىلىدىن باشلاپ، قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا قازاقىستان دۆلەتلىك تېببىي ئىلىم مەركىزى قاتارلىق بىرقانچە دوختۇرخانا بىلەن يىراقتىن داۋالاش، مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەللىك مىساللىرىغا بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش، ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى، مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس كېسەللىك مىساللىرىنى مۇزاكىرە قىلىش، پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل شەكىلدىكى خەلقئارا داۋالاش ھەمكارلىقىنى ئارقا- ئارقىدىن قانات يايدۇردى. بۇ دوختۇرخانا قازاقىستان دۆلەتلىك تېببىي ئىلىم مەركىزىدە جۇڭگو- قازاقىستان جۇڭيى تېبابىتى بىرلەشمە تەتقىقات مەركىزىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بويىچە داۋالاش تېخنىكىسىنى قازاقىستاندا كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قازاقىستاندىكى ئاغرىقلارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا بىلەن قازاقىستان دۆلەتلىك تېببىي ئىلىم مەركىزى خەلقئارا داۋالاش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى.

«نۆۋەتتە، بۇ ئەسلەتمىدىكى تۈرلۈك ھەمكارلىقلار تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا، بۇ يىل يەنە تور سىرتىدىكى ئىلىم ئالماشتۇرۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو- قازاقىستان داۋالاش ھەمكارلىقىنىڭ مۇقىم ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.» قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا خەلقئارا داۋالاش ھەمكارلىق ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى جياڭ يۈەنۋېن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەمكارلىق سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو- قازاقىستان ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىغا خەلقئارا داۋالاش ھەمكارلىقىنىڭ پايدىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز».

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىنىڭ پايدىسى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى پەن تەتقىقات يۇرتى- ئورۇنلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، بۇ شىركەت قازاقىستان دۆلەتلىك تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقات ئورنى بىلەن ئۇرۇقچىلىق پەن- تېخنىكىسى ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

«ئۇچرىشىش، كېڭىشىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىز ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى سورتىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتىكى ئېھتىياجى ۋە يۈزلىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلىدۇق.» بۇ شىركەتنىڭ باش مەھسۇلات ئەمەلدارى ۋاڭ چاڭخەي مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بىز ھەرقايسى رامكا كېلىشىملىرىدىكى تارماق كېلىشىملەرنى بىر- بىرلەپ تەييارلاۋاتىمىز. بۇ يىل شۇ جايدىكى پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق سالمىقىنى زورايتىپ، بىر قىسىم ئەۋزەل سورتلىرىمىز ۋە بايلىقىمىزنى شۇ جايغا كىرگۈزىمىز ھەمدە تېزدىن كەسىپلەشتۈرۈپ كېڭەيتىمىز».

«بىز ھاسىل قىلغان تۈر، كېلىشىملەرنى بىر- بىرلەپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، مەبلەغ سېلىش، مائارىپ، داۋالاش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق كېلىشىملەرنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز» دەپ بىلدۈردى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى شۈەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125