بىڭتۇەننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
ما شىڭرۇي قاتناشتى ۋاڭ گوشېڭ، لى يىفېي سۆز قىلدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى، بىڭتۇەننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپى بويىچە، بىڭتۇەندە باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش سەپەرۋەر قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىڭتۇەننىڭ سىلىڭيۈەنى شۆ بىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركەز 15- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى شاۋ لىن يىغىنغا قاتناشتى.
ۋاڭ گوشېڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور سىياسىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيە ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكلىگەن بۇرچ، ۋەزىپىنى ئادا قىلىشنى چۆرىدەپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مەركىزىي ۋەزىپىنى تاماملاشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تۈپ ۋەزىپىنى چىڭ كۆزلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كونكرېت نىشاننى چۆرىدەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نىشان يۆنىلىشىنى مەسىلە يۆنىلىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كونكرېت نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاڭلىق ھالدا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىشىغا، ئېغىپ كېتىشنى ۋاقتىدا تۈزىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قاراتمىلىق ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىستېما قارىشىدىن پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش- تۈزىتىش، قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، جايىدا ئىشلەپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپى بويىچە، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى بىلەن ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىپ، يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ياردەم بېرىش، مۇلازىمەت قىلىش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئەھۋالنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، خىزمەت تەكلىپى بېرىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە باش تېما تەربىيەسىنىڭ توغرا، كۈچلۈك، پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىنى ياخشى تاماملىشى كېرەك.
لى يىفېي سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش مەقسىتىدە چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە نىشان- تەلىپىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى، ئىرادىنى، ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىڭتۇەن روھى ۋە توغراق روھى، پېشقەدەم ئەسكەرلەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ساپلىق ۋە ئىلغارلىقنى ساقلاپ، تىرىشىپ باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخ ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان بىڭتۇەن نەتىجىسىنى يارىتىشى كېرەك.
لى يىفېي مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان- تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي جەھەتتە سادىق بولۇشنى مۇستەھكەملەپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى چىڭىتىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل- پاراسەتنى ئاشۇرۇپ، ئىلمىي سىستېمىنى ئىگىلەپ، ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلەپ، خىزمەت يۆنىلىشىنى دەل جايىدا تېپىپ، ماركسىزملىق كامالەتكە يەتكەن ماھارەتنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ بىڭتۇەندە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، خىزمەتنى ھەقىقىي تۈردە ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى، جەمئىيەت ئىستىلى بەرپا قىلىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى باش ۋەزىپىنى چۆرىدەپ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باشلىنىش يىلىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىش كېرەك.
لى يىفېي مۇنداق تەكىتلىدى: ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى قانات يايدۇرۇش كېرەك. رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ھەقىقىي تۈردە بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆزى پىلانلىشى، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، ھەيدەكچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك، كۆڭۈل قويۇپ ھەيدەكچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك، بىڭتۇەن سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولۇشنى چىقىش قىلىپ، تۈرلەر بويىچە دەل جايىدا يولغا قويۇپ، پۈتۈن جەرياندا ھەيدەكچىلىك- يېتەكچىلىك قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مەركىزىي خىزمەتكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەكشۈرۈش- تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىش كېرەك. تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ۋە نىشان- تەلىپى، ئىلگىرىلەش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، قويۇق ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.
ليۇ جيەنمىڭ، لى جېنگو، ليۇ شىنجيەن، جاڭ ۋېنشېڭ، جياڭ شىنجۈن، خا زېڭيوۋ، لى يۇڭخۇڭ، لى شۈ، جۇ شۆبىڭ ۋە مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن سىنلىق شەكىلدە ئېچىلدى، بىڭتۇەندىكى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، بىڭتۇەن ھەربىي ئىشلار بۆلۈمى، قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۇەن باش ئەترىتىدىكى ھەربىي- مەمۇرىي مەسئۇللار، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى، بىڭتۇەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، بىڭتۇەن ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بىڭتۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانىلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز- گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بىڭتۇەن باش تېما تەربىيەسى 1- تۈركۈمدىكى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى، ھەرقايسى شى، شەھەر، مەكتەپ، تۇەن- مەيدانلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.