باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدا» قاتارلىق باش تېما تەربىيەسى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى
17:25:05 2023-04-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدا» قاتارلىق باش تېما تەربىيەسى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى  پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت- ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدا» «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەدىن مەخسۇس تېمىلىق ئۈزۈندە» «شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» قاتارلىق ئۈچ خىل ئۆگىنىش ماتېرىيالىنى تەھرىرلەپ رەسمىي نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

 ئۈچ خىل ئۆگىنىش ماتېرىيالىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئالاقىدار دوكلاتى، سۆزى، ماقالىسى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەت- ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن، ئۈزۈندە ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن مەزمۇنلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

 ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەينەن ئۆگىنىپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆپ ئويلىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125