تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
21:25:02 2023-04-10 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ)  4- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

 كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستاي ئورمان رايونى 54- ئورمان بەنىدە، ئەركىن تۇنىياز يامغۇرغا قارىماي نەق مەيداندا ئورمان چارلىدى، ئورمان بايلىقى، ياۋايى ھايۋان، ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش شۆبە ئەترىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە- ئوت ئۆچۈرۈش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش، خادىملارنى سەپلەش، ئوت ئەھۋالىنى چارلاپ تەكشۈرۈش- بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نازارەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى، تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كۈندىلىك چارلاپ تەكشۈرۈش مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ياخشى ساقلاپ، مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپىنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلكى ۋە ئورمان بايلىقى بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

 كۈنەس ناھىيەسى مۇجۈن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، نىلقا ناھىيەسى شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز قوڭۇر كالا، سالمون بېلىقى باقمىچىلىق ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، قىيىنچىلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سوغۇق سۇ بېلىقى كەسپىنى يېتەكچى قىلىپ، بۇ جايلارنىڭ 1 -، 2 -، 3- كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭ جىڭكې ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي سېخىغا كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، بازارنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، «سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش»نى كۈچەيتىپ، سىجىل تۈردە زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كېڭەيتىپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنى بەرپا قىلىش كېرەك.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، ئەركىن تۇنىياز ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ يۈزتۇرا مۇڭداشتى، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئاڭلىدى، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، دىنىي زاتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

 ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلى ئوبلاستى مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ خاس ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، سىجىل تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش داۋامىدا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى ھەم «يانچۇقىنى تولدۇرۇش» ھەم «كاللىنى بېيىتىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك. چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى داۋامىدا پەن- تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىلى ئېتى، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى، قازاق قويى، ئىلى قارا ھەرىسى قاتارلىق بىرتۈركۈم رايون ئاممىۋى داڭلىق ماركىلىرىنى مەركەزلىك بەرپا قىلىپ، ئىلى يېشىل ئورگانىك ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ نامىنى چىقىرىشى كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، ئاممىنىڭ گۈزەل ئېكولوگىيە- مۇھىتقا بولغان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

 ياڭ شيۇلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125