ما شىڭرۇي ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
18:00:03 2023-04-11 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى

  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرىدە ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشنى تېزلىتىش، شىنجاڭنىڭ نېفىت- تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق نۇقتىلىق بايلىقى ۋە كەسپىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە تۇتقان مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، نەق مەيداندا ئەھۋال ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلدى، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىنى تېز بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىغا كېلىپ، نەق مەيداندا گوشېڭ خۇيدۇڭ يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ كۆمۈر قاتلىمىدىن تەبىئىي گاز ئېلىش نەق مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەردىن كۆمۈر گازى بايلىقىنىڭ تارقىلىشى، قېزىش تېخنىكا سەۋىيەسى، ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش- باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. فۇكاڭ شەھىرىدە، ما شىڭرۇي كېلىن سىدې يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ كۆمۈر قاتلىمىدىن تەبىئىي گاز ئېلىش، پىششىقلاش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بايلىقنى چارلاش- ئېچىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ سىجىل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى نېفىت- تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش- ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى زور، ئىستىقبالى پارلاق، بۇنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېنېرگىيەدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا نىسبەتەن ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. كارخانىلارنىڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە ئېچىش، پىششىقلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ما شىڭرۇي يەنە فۇكاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئىگىلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈك گېئولوگىيە ئىدارىسىگە كېلىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر بايلىقى زاپىسى، چارلاش- ئېچىش، قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئالاقىدار رايون ۋە تارماقلارغا كۆمۈرنى ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، كۆمۈر مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ توپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشنى تاپىلىدى.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن شىنجاڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى ئورنى بەرپا قىلىشقا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى، بولۇپمۇ پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىش ۋە زورايتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەسىگە ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك. ئەۋزەل ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، كۆمۈر، نېفىت- تەبىئىي گاز، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىقلارنى نىشانلاپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى چارلاش- ئېچىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئادەتتىن تاشقىرى نېفىت- تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ كۆلەملىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پولات- تۆمۈر، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېنېرگىيەدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، دىققەتنى ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىلەن كۆپ مەنبەلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، سۇپا قۇرۇلۇشى، تېخنىكا كۈچى، كەسپىي قوشۇن قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تىرەكنى كۈچەيتىپ، باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كۆلەم ئەمەلىي كۈچى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ئېنېرگىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، قىيىنچىلىق كۆپ، ئاممىنىڭ پىكرى مەركەزلەشكەن، خىزمەتتە ۋەزىيەت يارىتالمىغان جايلارغا كۆپرەك بېرىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قەتئىي تۈردە شەكىلۋازلىقنى تۈگىتىپ، يۈزەكى ئىش قىلماي، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسېن، قادېن كەبىن قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125