ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى) يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
17:21:12 2023-04-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  باش تېما تەربىيەسى پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ئىقتىدار، قابىلىيەتنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك

  ما شىڭرۇي قاتناشتى ھەم سۆزقىلدى  ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

4- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى) يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 4- ئاينىڭ 11- كۈنى خەۋىرى  ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات (شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى) يىغىنى 4- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملىنىپ، كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچى جارى قىلدۇرۇلۇپ، شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە بوغما ھالەت چەكلىمىسى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىنىپ ھەل قىلىندى، شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى پۇختا ھەل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى مېڭىشى تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەن 2- شى تيېمېنگۇەن شەھىرى، 13- شى شىنشىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆز جايىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالى، ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە ماسلاشتۇرۇش، قوللاشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ئۆزى مەسئۇل ساھە، تارماقلارنىڭ ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ نۇقتىلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا نەق مەيداندا جاۋاب قايتۇرۇپ، پىكىر- تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ما شىڭرۇي ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئارىلاپ سۆز قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى، شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ كۆمۈرچىلىك كەسپىنى پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۆمۈريول تىرانسپورت كۈچىنى ئاشۇرۇش، كىرېمنىي ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىياللار كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىر يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن يىغىندىن كېيىن چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرگە تۈرتكە بولۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، چوڭقۇر چۈشىنىش، دەل جايىدا ئىگىلەش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىشنى مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا بىلىم كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، پىكىر يولى چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، سىستېما قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئېنېرتسىيەسىدىن قۇتۇلۇپ، يولغا تايىنىۋېلىشنى تۈگىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە قابىلىيەت يېتىشمەسلىك ۋەھىمىسىنى يېڭىپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، ئەمەلىي خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنى تەتقىق قىلىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، قالايمىقان ئىش قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ساختىپەزلىك قىلىش، قول ئۇچىدىلا ئىش قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتەك ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئەۋزەللىكى ۋە ئورنىنى يەنىمۇ توغرا تېپىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشتىكى كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، جاسارەت بىلەن زامانىۋى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رايونىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. نېفىت- تەبىئىي گازنى ئاچقۇچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىم، تۇرپان- قومۇل قاتارلىق چوڭ تىپتىكى نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىقلاردا زاپاسنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز كەسپىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. كۆمۈرنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن قويۇپ بېرىپ، تۇرپان- قومۇل چوڭ تىپتىكى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ماي تەركىبى مول كۆمۈرنى ئۈنۈملۈك ئېچىش - پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، كۆپ مەنبەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيەنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى ۋە توپلاشقان رايون قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، باغلىنىشلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، بايلىقنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ، ئايلانما ئىقتىساد كەسپى، خاس كەسىپكە توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۇ بايلىقىنى تىرەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، رايون خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا سۇ بايلىقى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە تۈگۈنلۈك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى جەھەتتە راۋان، ئىچكى جەھەتتە تۇتاشقان، قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان تىرانسپورت يولى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق ئۇل ئەسلىھە تورى قۇرۇپ، تىرانسپورت يولىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولماسلىق، توشۇش كۈچى جىددىي بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىپ، ئاسىيا − ياۋروپا ئالتۇن يولىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يوللارنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈمى يۇقىرى، سىغىمى زور بولغان ئىستېرېئولۇق قاتناش- تىرانسپورت سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. قۇرۇقلۇق ئېنېرگىيە چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 4- لىنىيەسى قاتارلىق نېفىت- تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» يولىنىڭ يۈرۈشلەشكەن قۇرۇلۇشى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3- يولى ۋە 4- يولى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك. زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت كۈچى ۋە تىرانسپورت ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەتراپتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك يول بەرپا قىلىش كېرەك.

 چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن سىنلىق شەكىلدە ئېچىلدى، ئالاقىدار ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125