ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تايلاندنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاتايۈ ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مەركىزىنىڭ باش كاتىپى شى جۇڭجۈن بىلەن كۆرۈشتى
16:36:13 2023-04-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز تايلاندنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاتايۈ ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مەركىزىنىڭ باش كاتىپى شى جۇڭجۈن بىلەن كۆرۈشتى 

 جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

 4- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە تايلاندنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاتايۈ ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مەركىزىنىڭ باش كاتىپى شى جۇڭجۈن ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 4- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۈرۈمچىدە تايلاندنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاتايۈ ۋە جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مەركىزىنىڭ باش كاتىپى شى جۇڭجۈن ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، تايلاند قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تايلاند ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا دوستانە ئالماشتۇرۇشى، ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ئاتايۈ ۋە شى جۇڭجۈن ھەم ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولغانلىقى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالدى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېز يولغا قويماقتا. بىز تايلاند تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو- تايلاند ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چۆرىدەپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تايلاند بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد- سودا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەرەققىي قىلىش بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگو- تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىككى تەرەپ ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ ماھىيەتلىك ئىچكى خاس مەزمۇنغا ئىگە، ئەڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلارغا ئايلاندى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مەركىزىنىڭ مۇھىم رولى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى. مەركەزنىڭ ئەۋزەللىكنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پائال تۈردە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بەرپا قىلىپ، ياردەم، مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە ھەقىقىي بەخت- سائادەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 ئاتايۈ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ، نۇرغۇن ۋىلايەت، شەھەرلەردە دوستانە، كۆڭۈللۈك زىيارەتتە بولدۇم. شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، تايلاند بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇش بىرقەدەر چوڭ بوشلۇققا ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شامال ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە نېفىت- تەبىئىي گاز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز.

 شى جۇڭجۈن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مەركىزى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ دوستانە زىيارەتتە بولۇش، سودا، مەبلەغ سېلىشنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ئىككى تەرەپنىڭ مائارىپ، تاراتقۇ، يېشىل يېزا ئىگىلىكى، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى پائال ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

 چېن ۋېيجۈن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125